روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1533|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مىھىر ئىزدەپ ( شئېر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نەزەر سالسام بۇ دۇنيانىڭ گۈلزارىغا،
گۈزەللىكى يالغان ئىكەن بىلىپ  يەتتىم.
سەرسانىمەن چىنلىق ئىزلەپ بۇ ئالەمدىن،
ئىزلىگەنچە يالغانلارغا چۆكۈپ كەتتىم.

ئالداپ كەپتۇ يۈرۈگۈمدىن سۆيگەنلىرىم،
بىلگىنىمدە ئاچچىق-ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم.
كۆزۈمدىكى ياشلىرىمنى يۈتتۇم ئەمما،
شۇ ياشلارنى يۈرۈگۈمگە تۆكۈپ كەتتىم.


يالغۇز قويۇپ كەتتى ھەممە ئۆز يولىغا،
مەن بىرەرى كېلەرمۇ دەپ كۈتۈپ كەتتىم.
نەبىرەرى كەلمەك تۈگۈل ئىزلەشمۇ يوق،
يالغۇزلۇقنىڭ ھېجرانىدا كۆيۈپ كەتتىم.

مەن مېھىرلەر بېرىپ كەلسەم بىرۋلارغا ،
مېھىرلىرىم ئارتۇقچىكەن بىلىپ يەتتىم.
مۇھتاج بولۇپ ئۆزۈم شۇنداق مېھىرلەرگە،
شۇ كۆزلەردىن مېھىر ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتىم.


خاتىرەمگە ساقلىۋالغان ..ئوزۇم بەكلا ياخشى كۇرىدىغان شىئىر ئىدى   مەنبەسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .. بىلىدىغان دوسلارنىڭ ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۇمۇد قىلىمەن ...
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-25 03:16:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىگۇدەك شىئېركەن.رەخمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2015-2-25 13:52:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن. ئەپسۇس مەنمۇ مەنبەئەسىنى بىلمەيدىكەنمەن.
ۋاقتى: 2015-2-25 20:12:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈيۈپ ئوقۇدۇم. بىز ئۈچۈن يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-14 14:47

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش