روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2868|ئىنكاس: 13
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئانا تىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 14:27  

   
                                ئانا تىلىم


        ئىشىتتىممەن خوش مۇبارەك دۇنياغا كۆز ئاچقاندامەن،     
        سۇردۇم زۇۋان سەن بىلەن جاھاندىن زوق ئالغاندامەن.
       ئەيلىدىڭ ئەجدات يولىنى سەن بولۇپ نۇرلۇق چىراق،
       ئانا تىلىم نۇرلۇق ماياك ئەجدات ئىزىنى باسقاندامەن.

       بايان ئەتتىڭ جاھان سىرىنى ئىزگۈ قەدەم باسقاندامەن،
       قاناتى سەن تەپەككۈرۈم ئىلىم-ئېرپان قازغاندامەن.
       زوق ئېلىپ سەندىن تىلىم پۇتتى ئەجدات كەشمىشىنى،
       ئانا تىلىم بارلىقىمسەن ھايات داۋامى پۈتكەندەمەن.

      شۆھرىتىم،غايەم ،ئىشەنچىم،كەلگۈسۈم ھەم سەن بىلەن،
      ھەر بىر قەدەم باسقان سەپەردە ئىپتىخارىم سەن بىلەن.
      ۋۇجۇدۇمغا سىڭىپ كەتتىڭ ئانام بەرگەن ئوغۇز سۈتتە،
      ئانا تىلىم بارلىقىمسەن ياشارمەن«ئۇيغۇر»نامىم بىلەن.

         2014-يىل 23-دېكابىر

ئانا تىل بايرىمىنى مۇبارەكلەپ مۇنۇ شېئىرىمنى تورداشلارغا سۇندۇم ، ھەر يىلى 21.فېۋرال ھەر كىشىنىڭ ئانا تىل بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-21 13:58:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزنىڭ 21-فېۋىرالدىكى " خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى "مىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئەزىزىمنىڭ  قىممەتلىك ھەم ئەھمىيەتلىك شېئىرىغا رەھمەت.
قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەت تاپسۇن.

باھا سۆز

مەدەت ۋە ئىلھامىڭىز مېنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمدىكى كۈچ -قۇۋەتتۇر.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-23 11:50
ۋاقتى: 2015-2-21 14:20:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرىڭىزدىن ئالەمچە سۈيۈندۈم ھەم سۈيۈپ تۇرۇپ نەچچە ئوقىۋەتتىم. تۇنجى تېمىڭىز "ئانا تىل" دىن باشلانغىنى مىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سېلۋەتتى. ئەسلى مۇشۇ قۇتلۇق كۈندە مۇشۇ تېمىدا بىر نەرسە يېزىپ باقاي دىسەم  سەۋېيەمنىڭ چەكلىكلى ، ئۈزۈمنىڭ يارامسىزلىقى تۈپەيلى بۇ مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلمەي قويدى. بۇنىڭدىن بەكمۇ ئۈكۈنمەن. ئەمما تېرشىمەن.
نادىر تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

باھا سۆز

سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىلەن داۋاملىق تىرىشىمەن،سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىلەن بۇ يولدىن يانمايمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-23 11:55
ۋاقتى: 2015-2-21 14:21:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 14:32  

شىئېرىڭىزمۇ ئىسمىڭىزغا ئوخشاش تاتلىق چىقىپتۇ. داۋاملىق تېما يوللاپ تۇرۇڭ. مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش ئىجادى تېما بولسا تېخى ياخشى. ئوز ئارا ئۈگۈنۈپ تەكلىپ پىكىر بېرىمىز.
ياخشى  چىقىپتۇ

باھا سۆز

ئىلھاملاندۇرغۇنىڭىزغا رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-23 11:59
ۋاقتى: 2015-2-22 00:09:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋملىق تىرشىڭ ، قەلىمڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-23 12:01
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 11:50:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 13:58
ھەممىمىزنىڭ 21-فېۋىرالدىكى " خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى " ...

مەدەت ۋە ئىلھامىڭىز مېنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمدىكى كۈچ -قۇۋەتتۇر.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 11:55:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 14:20
شىئېرىڭىزدىن ئالەمچە سۈيۈندۈم ھەم سۈيۈپ تۇرۇپ نەچچە ئ ...

سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىلەن داۋاملىق تىرىشىمەن،سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىلەن بۇ يولدىن يانمايمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 11:59:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلھاملاندۇرغۇنىڭىزغا رەھمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 12:01:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۈرگ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 00:09
داۋملىق تىرشىڭ ، قەلىمڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!

رەھمەت سىزگە.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 03:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش