روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: نەۋرۇز
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 18:45:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 18:47  
كۇسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 17:54
سۈزۈك قەلبىڭىزنىڭ سىماسى روھلان تورىدا مەڭگۈ جۇلالانس ...


سىلكىنىش پەيدا قىلىدىم ، تۇخۇم تۇغۇشنى بىلمەيمەن دىگەن سۆزلىرىڭىز تازا جايغا چۇشمىدى. كەمتەرلىكنىڭ چىكى بولىدۇ. سىزنىڭ قەلىمىڭىزنىڭ قانداقلىقى روھلان ئەھلىگە ئايان. يېزىۋاتقىنىمىز ئوخشاش ژانېر  . ئوخشىمايدىغىنى ئىشلەتكەن تىل ۋە يېزىلىش ئۇسلۇبى شۇ.
سىزمۇ يوقاپ كەتمەي ئاچچىق يازمىللىرىڭىز بىلەن بىزگە ئىلھام ۋە مەدەت بىرىشىڭىزنى تېلەيمەن.
ياخشىمۇ سىز نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم،،،،،،شىئ‍ىرىڭىزنىڭ تەپسىلى چۈشاندۇرلىشى مىنى بەكمۇ قايىل قىلدى،،،ھەقىقەتەن  ئ‍ىسىل بىر ئ‍ەسەر،،،،،گەرچە قەلەم كۈچۈم سىزگە پەقەت يەتمىسىمۇ ئ‍ەمما شىئ‍ىرىڭىزدىن ھەقىقى بىر ئ‍وقۇرمەنگە خاس ھۇزۇر ئ‍الالايمەن،،،،،مۇشۇ ئ‍ۇسلۇبتا ھارماي ئ‍ىلگىرلەڭ،،،كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر كىملەرگە بەرگەن تەسىرى ئ‍وخشاش بولسىمۇ ئ‍ىپادىلەش ئ‍ۇسۇلى ئ‍وخشىمايدۇ،،،،،سىزنىڭ تىل ئ‍ىشلىتىش ئ‍ۇسۇلىڭىز تېخىمۇ ئ‍ۆزگىچە،،،،شۇ ئ‍ىسىل يازمىلىرىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر،،،،سالامەت بۇلۇڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-24 11:34:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 19:13  
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 20:40
ياخشىمۇ سىز نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم،،،،،،شىئ‍ىرىڭىزنىڭ تەپس ...


يازمىللىرىمغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرغىنىڭىزدىن سۈيۈندۇم. رەھمەت سىزگە.  مەنمۇ ھەم ئۆزگىچىلىككە ئىگە ھەم روھلان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كىلۋاتقان شىئېرىڭىزغا دىققەت قىلۋاتىمەن. قەلىمىڭىز ھەر ھالدا ياخشى كىتىۋاتىدۇ. مەيلى مونبەرگە بېرىڭ ياكى بەرمەڭ يېزىپ تۇرۇڭ. باشقلارنىڭ شىئېرلىرىنى كۆپ ئوقۇڭ. ئۈلگە ئېلىڭ.  شۇندىلا قەلەم پىشىدۇ. ئارتۇق سۆزلەپ قويسام ئەپۇ قىلارسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-24 11:44:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 11:55  
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 13:49
شئېرنى ھەقىقەتەن ياخشى يازىسىز، ھەر بىر شئېرىڭىزنى ئ ...


مەرىپەت خانىم ئەمدى تۆۋەندىكى شىئېرىمنى ئوقۇسىڭىز يەنە بىر مۇھىتنى كۆرگەندەك بولىسىز

چىن سۆيگۈ مىھرىدە گۈللەرنى تەرگەن ،
بىر قەبىھ ناخشىمەن بۇزۇپ ئېيتىلغان.
تۈغۇلغان كۈنۈڭدە گۈپ-گۈپ مەي ئىچىپ،
سەن كۈلسەڭ ئەكسىچە ئۈلۈم تاللغان.

سەن كۈلسەڭ ئەكسىچە ئۈلۈم تاللىغان،
ھاماقەت بىر شائىر قەسەمخور شىئېرى.
ۋادىرىخ!!!
          ئۈلۈمنىڭ دەھشىتى قاتتىق،
تورت كەسكەن پىچاقتا  كىمنىڭ قان ئىزى؟

تورت كەسكەن پىچاقتا  كىمنىڭ قان ئىزى؟
شۇندىلا ئۆزۈمگە قايتىپ كەلدىم مەن.
بىر ئۇلۇغ ئازاپقا بېرەلمەي بەرداش،
ھەر كۈنى مىڭ قېتىم ئۆلمەكتە بۇ تەن..........................

شىئېرلىرىمغا داۋامىلىق يېقىندىن دىققەت قىلىپ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-24 19:11:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 20:40
ياخشىمۇ سىز نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم،،،،،،شىئ‍ىرىڭىزنىڭ تەپس ...

سىھىر خانىمنىڭ شىئېرىمدىن ۋە كۈسەنى ئەپەندى بىلەن بولغان ئىلىمىي مۇنازىردىن ئالغان تەسىراتى سۈپىتىدە قالدۇرغان ئىنكاسى منى خوشھال قىلدى ۋە سىزنىڭ ئالدى بىلەن بىر شائىرە ئاندىن قالسا شىئېرلىرىمنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىنىڭ تىل ئىشلىتىش ۋە يېزىش ئۇسۇلۇمغا دىققەت قىلغىنى مىنىڭ بۇ جەھەتتە ئانچە مۇنچە ئۆزگىچىلىكىم بارلىقىنى ئۈنسىز ئۇقتۇرۇپ قويدى. ئەمما قەلەم كۈچۈم سىزگە پەقەت يەتمىسىمۇ ئ‍ەمما شىئ‍ىرىڭىزدىن ھەقىقى بىر ئ‍وقۇرمەنگە خاس ھۇزۇر ئ‍الالايمەندىگەن سۆزىڭىز ماڭا چۈشمەيدۇ. ئەدەبىيات دىگەن بۇ كوچا ئاجايىپ كەڭرى. كىم نىمە يازسا ، قانداق يازسا بولىۋېرىدۇ. مەن  ئوقۇش ۋە ساياھەت داۋامىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچىدىكى خېلى نامدار يازغۇچى ، ئەدىبلەر بىلەن مۇنازىرە ۋە مۇلاقەتتە بولۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى قەلەم كۈچى دىگەن بىر ئاددى ئۇقۇمكەن. قەلەم ئىگىسى ئەمەلىي تۇرمۇشقا قانچە ئىچكىرلەپ كىرگەنسىرى، ئادەم ۋە ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت، كەڭ تەبىئەت، ھايۋاناتلار دۇنياسى ..............قاتارلىقلارنى قانچە ئىنىچكىلەپ كۈزەتكەنسىرى قەلىمىگە كۈچ كىرىدىكەن. قارايدىغان بولساق يېقىنقى زاماندىكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەد ئىمىندىن تارتىپ ئادىل تۇنيازغىچە بولغان پەيلاسوپ ئالىمىمىزدىن ئاجايىپ ئۆزگىچىلىككە ئىگە شائىرلىرىمىزغىچە قايسى بىرى رەھىمسىز ھاياتنىڭ  سىز بىز كۈرۈپمۇ ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقىمىغان ئاچچىق تەمىنى تېتىمىغان ؟ ئادىل تۇنيازنى قىلىپ ئېيىتساقمۇ ئۇنىڭ شىئېرلىرىنىڭ تېرەنلىكىگە ئادەمنىڭ تەپەككۇرى يەتمەيدۇ. گەرچە ئۇ يوقارقى ئالىملىرىمىزدەك يامان كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزمىسىمۇ ئۇنىڭ نەچچە قېتىملىق چەتئەل ھېجرىتى ......ئۇنىڭغا پۈتمەس تۈگىمەس ئىلھاملارنى ئاتا قىلغان. ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىكى تىل ئىشلىتىش ماھارىتىگە ئادەم ھەيران قالىدۇ.
يەنە بىر مىسال : بۇرۇن مىنىڭ بىر مەسلەكدېشىم بولىدىغان. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئەدەبىيات ئاشىناسى ئىدى. ئۇ يازغان شىئېرلار ئالدى بىلەن مىنىڭ "نەزىرىمدىن " ئۆتەتتى. ئۇنىڭ نەزىردە مەن بىر "قەلىمى كۈچلۈك " شائىر ئىدىم. مىنى دائىم ئۇستاز دەۋالاتتى. مەن بۇ ھەقتە كۆپ رەددىيە بېرەتتىم ، يازغانلىرىنىڭ بەزى يەرلىرىنى ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغىنى بويىچە تۈزىتىپ بېرەتتىم. مانا ئەمدى ئۇنىڭ يازغانلىرىغا دىققەت قىلسام سىز دىگەندەك قەلەم كۈچى ئاشتىمۇ ۋە ياكى ئىزچىل ئىجدىھات بىلەن تېرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى كۈرۈلدىمۇ مىنىڭ كۈرۈپ بېقىپ تۈزىتىپ بېرىشىمىنىڭ ھاجىتى قالماپتۇ. ئۇنىڭ قەلىمى ئىزىغا چۈشۈپتۇ........................
دىمەك سىز قانداق يېزىڭ ئويلىغان ھېس ھاياجىنىڭىزنى تۇللۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن تىلىم ئۇيغۇر ئانا تىل ساھەسىدىن چەتنەپ كەتمەيلا ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە ئۆزىگە خاس زوق ئاتا قىلالىسىڭىز شۇنىڭ ئۈچۈن غەلبە.
خەيىر....سالامەت بولۇڭ. بۇندىن كىينكى ئىجادىيەت ھاياتىڭىز تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكەي.
ۋاقتى: 2015-3-24 01:10:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ
ۋاقتى: 2015-4-2 12:23:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىرنى ئۇقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كىلىدىكەن ئادەمنىڭ،،،،قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-16 18:29

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش