روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: نەۋرۇز
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-2-19 23:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۇسەنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 23:36  

ئالدى بىلەن ساۋاغدىشىم نەۋرۇزنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىزچىللىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن،مەن سىزنىڭ يازمىللىرىڭىزنى قىزىقىپ ئۇقۇيدىغان ئىخلاسمەننىڭ بىرىمەن،يېقىندىن بۇيان روھلان تورىدا ئېلان قىلىنغان شىئېرلارنىڭ سۇپەت ياكى تىل جەھەتتكى خۇنۇكلىشىشى مىنى سەل ئۈمۈتسىزلەندۇرگەن،لىكىن نۇرلان ئەپەندى ۋە نەۋرۇز ئەپەندى قاتارلىق بىر قىسىملارنىڭ ئىزچىللىقى مىنى يەنە شىئېر ئۇقۇشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ،سىلەردەك ئۇستازلارنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىئېرىڭىزدىكى ‹‹قەبرەمگە››دىگەن سوز بىلەن‹‹ياكى مەن شۇ كۈنى ئۈلۈپ كېتىمەن››دىگەن بۇ بىر مىسرا مىنى ئازىراق ئويلاندۇرۇپ قويدى،سىزمۇ بىلىسىز،شىئېردا سوز ئەڭ تاۋلانغان،ئۇقۇغاندا تىلدا تۇسۇلۇش،تەلەپپۇزدا قېيىش،مىسرالار ئوتتۇرسىدا سۈركۈلۈش بولمىغاندا ئاندىن قارشى تەرەپنى ھاياجانغا سالىدۇ دەپ قارايمەن،مۇشۇ ئىككى تەرەپنى توغرا ھەل قىلىپ كىتىدىغانلىقىڭىزغا تۇلۇق ئىشىنىمەن،شۇ تاتلىق مىسرالارنى سېغىنىمەن،رەخمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-20 02:29:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 23:33
ئالدى بىلەن ساۋاغدىشىم نەۋرۇزنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقدىشىم . ئالدى بىلەن يازمىللرىمنىڭ سىزدەك قەلەمكەش ئوقۇرمىنى بولغىنىڭىزدىن پەخىر ھېس قىلىمەن. ھەم سىز دىگەن نوقتىلارغا چۇقۇم دىققەت قىلىمەن. يازغانلىرىم گەرچە ئوقۇرمەنلىرىمگە تۇتۇق ياكى بەزى روھسىزلىق كەيپىياتى بېرىپ قويسىمۇ مەن بۇنى مىنىڭ سەھۋەنلىكىم دەپ قارىمايمەن. بۇ ھەقتە مەن ئۇزاپ كەتمىگەن ۋاقىتتا چۇقۇم ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلغۇدەك بىر ماقالە يېزىپ جاۋاپ بېرىمەن. قايسى بىر تەھرىرنىڭ"شىئېر ئۆزى سۆزلىسۇن" نامىدىكى بىر ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. ناۋادا بۇ شىئېرىم ھەممە ئادەمگە ئاشۇنداق سەلبى تەسىر بېرىپ قويسا بۇ مىنىڭ خاتالىقىم . ئەمما قىسمەن ئوقۇرمەنلەرگە شۇنداق تەسىر بەرگەن بولسا بۇنى چۇقۇم ئىزاھات ياكى ھازىرقىدەك ئىلىمىي پىكىرلىشى يولى ياكى يېزىلماقچى بولغان ماقالەم بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تېرىشىمەن.
قەلىمىڭزنىڭ تېخىمۇ بەركەتلىك بولىشنى ، ئائىلىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت بولشنى تېلەيمەن.
ۋاقتى: 2015-2-20 12:33:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئېسىل شئېر...  شئېرىڭىزنى مۇنداقلا ئوقۇغان ئادەم چۈشەنمەيدۇ، شئېر ئىچىگە چوڭقۇر مەزمۇن يۇشۇرۇنغان، بارىكاللا، ئىجادىيەتلىرىڭىز يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-20 13:04:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 13:13  
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 12:33
يەنە بىر ئېسىل شئېر...  شئېرىڭىزنى مۇنداقلا ئوقۇغان ئاد ...


مىنى ئىزچىل قوللاپ كىۋاتقان ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنىم مەرىپەت خانىمغا ھەشقاللا ئېيىتماي تۇرالمايمەن. مەيلى ياخشى يازاي مەيلى پۇچەك بولسۇن ئۇنى ئوقۇيدىغان ھەم ئۇنىڭغا قارىتا تەكلىپ پىكىر بېرىدىغان ئادەم بولۇش كېرەك. بىر قەلەمكەشنىڭ يازغانلا ئەسىر ۋاھ دىگۈدەك چىقىشى مومكىن ئەمەس. بىر ئۆمرۈمىزدە بىر نەچچە پارچە شىئېرنى مۇۋاپپپىقيەتلىك يازالىساق، بىزدىن كىينكىلەر " ماۋۇ مەرھۇم ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق) ئەپەندىنىڭ شىئېرى ....." دەپ پەخىرلىنىپ باشقىلارغا ئوقۇپ بەرسە، باللىرىمىز ، ھەمشىرلىرىمىز، دوسلىرىمىز بىز يازغان ئەسەرلەرنى تۇتيا بىلىپ بىزنى سېغىنغاندا ئوقۇپ سېغىنىشىنى باسسا ، مومكىن بولسا ئۈلۈمىمىز قايسى بىر ئاخپارات ۋاستىللىرىدا (مەيلى تور مەيلى ئۈندىدار سۇپىسى بولسۇن )قايغۇ بىلەن تىلغا ئېلىنسا ........................مانا بۇ ھەر بىر قەلەمكەشنىڭ ئارزۇسى.
قەلەم تۇتۇپ بېيىغان ئادەم بار دىسە مەن ئىشنمەيمەن. بىرەر ئالىي مۇكاپات ئارقىلىق ئىقدىساد جەھەتتە ياردەمگە ئېرىشسە بۇ باشقا گەپ. ئەمما قەلەم دىگەننى ئادەم ئەمەس يۈرەك تۇتىدۇ.
ئېنىقكى يازغان ئەسەرلىرىمىنىڭ ئۆزىگە خاس ئوقۇرمەنلىرى بار. مەن بۇنىڭدىن چەكسىز سۈيۈنمەن. بۇرۇن كىشىلەر مىنى شائىر دەپ قالسىكەن دەپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى كىشىلەر كۆرمەي قالمىسۇن دەپ  قەستەن باشقىلارنىڭ ئۈستەللىرىگە شۇ بەتنى ئېچىپ تاشلاپ قوياتتىم. مىنىڭ ئەسىرىم چىقىپتۇ دەپ خىجىل بولماي كۆرسىتەتتىم............شۇ ھامان يېڭى ئەسەر ئۈچۈن تۇتۇش قىلىپ "نام " چىقىرىشقا ئالدىرايتىم.........................ئەمدى بولسا ئۇنداق قاملاشمىغان خىيالغا ئىنتىلمىسەممۇ قەلىمىم مىنى ئالدىرتىدىغان، ئاشۇنداق تاققا - تۇققا بىرنىمىلەرنى يېزىشقا ئالدىرتىدىغان بولۋالدى. بىرەر يۈز پارچە شىئېر ، ھېكايە، ئوبزور، ماقالىلارنى يېزىپ بۇنىڭدىن 50نەچچە  پارچىسىنى  ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردىمۇ ئېلان قىلدىم. روھلان تورى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسىغا ئېرىشتىم. مانا ئەمدى بەزى تاماق ئۇستەللىرىدە كىشىلەر مىنى شائىر دەپ تۇنۇشتۇرسا شۇ قەدەر خىجىللق ھېس قىلىمەنكى خوددى بۇ نام ماڭا زادىلا ياراشمايۋاتقاندەك.....بېسىم ھېس قىلىپ قالىمەن. كەمتەرلىك قىلماي ئېيىتقاندا بىر نەچچە پارچە ئەسەرلىرىمدىن ئۆزۈممۇ بەك رازى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلدى ۋە مەرىپەت خانىم ۋە باشقا ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ئىنتايىن ياخشى باھاسىغىمۇ ئېرىشىپ ماڭا كۆپ ئىلھام بولدى . مۇشۇنداق قوللاشلار ئىچدە تۇرۇپ بەزىدە ھەم بىر تەرەپتىن ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولىدۇ يۈشۈرماي ئېيتسام.

ئېنىقكى ماختىسا خوشال بولمايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق بۇ دۇنيادا. مىنى قوللىغان ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىمگە، مەن سۆيگەن ۋە مىنى سۆيگەنلەرگە چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرمەن. ئاللاھ سىلەرنى سالامەت قىلسۇن.

باھا سۆز

شئېرنى ھەقىقەتەن ياخشى يازىسىز، ھەر بىر شئېرىڭىزنى ئوقۇسام خۇددى شئېردا تەسۋىرلەنگەن مۇھىتتا تۇرىۋاتقاندەك  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-20 13:49
ۋاقتى: 2015-2-20 13:49:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 13:04
مىنى ئىزچىل قوللاپ كىۋاتقان ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنىم مەر ...

شئېرنى ھەقىقەتەن ياخشى يازىسىز، ھەر بىر شئېرىڭىزنى ئوقۇسام خۇددى شئېردا تەسۋىرلەنگەن مۇھىتتا تۇرىۋاتقاندەك، شۇ مەنزىرلەرنى كۆرۈۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولىدىكەنمەن، شۇڭا شئېرىڭىزنى ئوقۇغۇم كېلىدۇ
بۇنىڭدىن كېيىنكى يازمىللىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2015-2-20 20:31:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۇسەنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 21:04  

سەن مەندىن يامانلاپ كەتكەن ئاشۇ كەچ،
بىلىمەن قەبرەمگە بارمىدىڭ زىنھار.
گەرچە سەن مىنىڭدىن كېچىپ كەتسەڭمۇ،
تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار.

ئاجايىپ بىر ھېكمەت تۆرىلىش دىگەن،
دۇنيانىڭ خوشلىقى سەندە نامايان.
نەزەر سال قەلبىڭگە گۈلگە تۇلۇپتۇ،
بىر تاتلىق بەخىت بار !!!
                              قالغىنى يالغان......

كۈلكەڭگە تائەبەد ئۇلاشسۇن كۈلكە ،
چۈنكى شۇ جىسمىڭدا يوقتۇر ئاسىيلىق.
تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار،
سۈيۈملۇك ئايالسەن سۈيۈشكە لايىق.

ئاشۇ كۈن ئۇزايدۇ دۇنيادىن ئازاپ،
ئەڭ پاكىز قەلىبنى قىلىپ تەۋەللۇت
ياكى مەن شۇ كۈنى ئۈلۈپ كېتىمەن
دىلىمدىن ئۈن-تىنسىز  تېلەپ ساڭا قۇت.......

سالام ئەدەبىيات ئاشناسى بولغان قەدىناس دوستۇم نەۋرۇز،سىز مىنىڭ شىئېرىڭىزنى ئۇقۇش جەريانىدا سىزنىڭ شىئېرى تىلدا ئىشلىتىدىغان ئىماگىڭىزنى چۈشەنگەنگەن يەردە،چۇنكى سىز ھەر بىر بال تامغان مىسرالىرىڭىزدا ئۈلۈم ۋە غايە،ھايات ۋە قەبرە،ئەرەنلىك ۋە روھىيەت توغرىسدا ئىزچىل كۈچەۋاتقان،بۇگۇنكى دۇنيا ئەركەكلەر قېنى سىلەر دەپ توۋلاۋاتقان سۇئالغا مەردانە جاۋاپ بىرىۋاتقان قەلەمكەشنىڭ بىرى،سىز مىنىڭ ئىنكاسىمنى يەنە بىر قېتىم ئۇقۇپ ،شىئېرنى يەنە بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقىڭ،ئاندىن دوستىڭىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۇشىنىسىز؟
مەسىلەن:
سەن مەندىن يامانلاپ كەتكەن ئاشۇ كەچ،
بىلىمەن قەبرەمگە بارمىدىڭ زىنھار.
گەرچە سەن مىنىڭدىن كېچىپ كەتسەڭمۇ،
تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار.
بىرىنچى كۇبلىتتا :-مەندىن يامانلاپ كەتكەن ئۇ مەننىڭ قەبرىسىگە زىنھار بارمىغان،دىمەك مەن ئەسلىدە ئۆلگەن بىر شەخس،ئەمما مەن يەنە
گەرچە سەن مىنىڭدىن كېچىپ كەتسەڭمۇ،
تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار. دىيىش ئارقىلىق ئۆز ئۈلۈمىنى ئىنكار قىلغان.ئەمىليەتتە قەبرىدىكى مەن تۇغۇلغان كۈننى تەبىرىكلىشى مۇمكىن ئەمەسلىگىنى ھەممىگە ئايان.
ئىككىنچى،ئۈچۈنچى كۇبلىتلار شۇنداق يېقىشلىق .
ئەمما توتىنچى كۇبلىتتا يەنە:-
ئاشۇ كۈن ئۇزايدۇ دۇنيادىن ئازاپ،
ئەڭ پاكىز قەلىبنى قىلىپ تەۋەللۇت
ياكى مەن شۇ كۈنى ئۈلۈپ كېتىمەن
دىلىمدىن ئۈن-تىنسىز  تېلەپ ساڭا قۇت.......
بۇ كۇبلىتتا مەن يۇقىردىكى ئىنكاسىمدا دىگەندەك ‹‹ياكى مەن شۇ كۈنى ئۈلۈپ كېتىمەن››دىيىش ئارقىلىق مەن يەنە بىر قېتىم ئۈزىنىڭ قەبرىدە ئەمەس يەنىلا ھايات ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلغان.دەل مەن ئەسكەرتكەن ‹‹قەبرە››ۋە ‹‹ياكى مەن شۇ كۈنى ئۈلۈپ كېتىمەن››بۇ مىسرا ئوتتۇرسىدكى سۇركىلىش،قېيىش مەسىلىسى بۇ شىئېرنىڭ بىر پۇتۇن گۈزەللىگىگە نوخسان يەتكۈزگەن.بۇ مىنىڭ قارىشىم،ئەمما شىئېرنى يازماق تەس،ئەمما شىئېرى كۆز بىلەن ئۇقۇشمۇ تېخىمۇ مۇشكۈل،مەنمۇ بىر ئەدەبىياتچى ياكى يازغۇچى ئەمەس.مەن پەقەت دان يىيىشنى بىلىدىغان ئەمما تۇخۇم تۇغۇشنى بىلمەيدىغان تۇخۇ مەن .شۇڭا شىئېرغا خاتا باھا بەرگەن بولسام چۇقۇم ئۇستازلاردىن ئۆگۈنىمەن،قەلىمىگە ھورمەت قىلىمەن،ياخشى يزىئپسىز دىگەن بۇ ئاستا خارەكتىرلىك زەھەرنىڭ دوستۇمنى زەھەرلەپ قۇيۇشنى خالىمايمەن.ئاخىردا دوستۇمنىڭ تىنىگە ئامانلىق،قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن.
دوستۇم بىز بۇ شىئېر ئۇستىدە پەقەت تەھلىل قىلۋاتىمىز،بىللە ئۆگىنىمىز،بىللە ئالغا ئىگىرلەيمىز،بىزنىڭ بۇ ئىلمى مۇنازىرىمىزنىڭ يەنە باشقىلارنىڭ تىل-ھاقارىتى ئاستىدا قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن،چۇنكى بىز  ئەلى قۇربان ،ئۈمۈد غەنى قاتارلىلاردەك داڭلىقلار ئەمەسقۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-21 13:02:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 13:35  
كۇسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 20:31
سەن مەندىن يامانلاپ كەتكەن ئاشۇ كەچ،
بىلىمەن قەبرەمگە  ...




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقدىشىم ، قېرىندىشىم ۋە يازمىللىرىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق سادىق كۈزۈتكۈچىسى ھەم ئوقۇرمىنى كۈسەنى . ئالدى بىلەن شىئېرىلىمغا شۇ قەدەر سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ مۇنداقچە دىگەندە ئوپراتسىيە قىلىپ ئوقۇپ قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزدىن ، شۇ قەدەر سەۋېرچانلق بىلەن ھەر بىر مىسرا ئىچدە ئۇزاق ئۇزاق قىلغان تەپەككۇرلىرىڭىزدىن ئالامچە سۈيۈندۈم. راسلا ھەقىقەتەن خوش بولدۇم. قالدۇرغىنىڭىز مۇنداقلا يېزىلغان بىر ئىنكاس بولماستىن بىر ئوبزور بوپتۇ دەپ ئويلىدۇم. ئەمدى مەن بىر ماقالە يېزىپ چۈشەنچە بىرىشنى لايىق تاپقان " ئۈلۈم، قان، قەبرە............." قاتارلىقلارغا بۇ قايتارما ئىنكاسىمدا ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچە بەرمىسەم بولمايدىكەن دىگەن خولاسىگە كەلدىم.
شىئېرلىرىمدىكى "  ئۈلۈم " ئەمەليەتتىكى "ئۈلۈم " ۋە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ شىئېرلىرىمنى ئوقۇغاندىن كىينكى ھېسياتىدىكى " ئۈلۈم " ھەرگىزمۇ بىر نەرسە ئەمەس. شىئېرلىرىمدىكى " قەبرە " بىلەن " قەبرە" مۇ ھەم بىر نەرسە ئەمەس. شىئېرلىرىمدىكى " قان "مۇ ھەم ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى  " قان "  بىلەن بىر نەرسە ئەمەس.
شىئېرلىرىمدىكى "ئۈلۈم " بەزىدە ئۈمۈدسىزلىك ھەققىدە سۆزلىسە بەزىدە يەتمەكچى بولغان نىشانىم ، ئۈمۈد چىرىقىم، ماياك سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بەزىدە " ئۈلۈم" ماڭا ئۇستاز سۈپىتىدىمۇ كۈرۈنۈپ قالىدۇ.
"قان" بەزىدە  ئازاپ ھەققىدە ۋەز ئېيىتسا بەزىدە مەنگە ئاجايىپ تەسەللى بېرىدىغان ھەمنەپەس قېرىنداشلارغا ئايلىندۇ. " قان " ئەسلىدىمۇ ئادەم تۇمۇردا ئېقىپ يۈرۈككە بىر تۇتاش ئەمەسمۇ ؟ شۇڭا يۈرەك بىلەن قان ئەزەلدىن بىر بىردىن ئايرىلالمايدۇ.
ئەلۋەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتقا ۋە مۇھەببەتكە (بۇ نوقۇل ئەر ئايال ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ئەمەس )بولغان كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغاندەك ھاياتتىن ھەم مۇھەببەتتىن ئالىدىغان زوقىمۇ ، ئازاپ ئوقۇبەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. بۇلۇپمۇ بۇ زوق، بۇ ئازاپ-ئوقۇبەتلەر قەلەمگە چىققاندىكى ھېسيات تېخىمۇ ئوخشىمايدىكەن. ئوخشاش بىر ئىشتىن ئىككى ئادەم مۇتلەق ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تەسىرات ئېلىشىمۇ تامامەن مومكىن ئىكەن. شۇڭلاشقا ۋەتەن مۇھەببىتى، ئاتا-ئانىغا بولغان مۇھەببەت، قىز ئوغۇل ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت .....توغرىسىدا بىز بىلىدىغان تارىختن تارتىپ ھازىرغىچە تۈمەنلىگەن شىئېرلار يېىزلدى. ھەممىسى ئۆزگىچە ھېسيات.............. دىمەكچى مىنىڭ شىئېرلىرىمدىكى ئوخشۇتۇش، مۇبالىغا، ئىستلىستىك ۋاستە ۋە شىئېرى تىل .....مىنىڭ بۇ دۇنيادىن ئالغان تەسراتىم تۈپەيلى ئابدۇرېيىمچە بىر خىل تۈس بىلەن شىئېرلىمدا مەيدانغا چىقىدۇ دەپ قارايمەن. ئەسلى گەپكە كېلەيلى : -
سەن مەندىن يامانلاپ كەتكەن ئاشۇ كەچ،
بىلىمەن قەبرەمگە بارمىدىڭ زىنھار.
گەرچە سەن مىنىڭدىن كېچىپ كەتسەڭمۇ،
تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار.
بۇ كۇبلىتتا تۇغۇلغان كۈنى بولماقچى بولغان ئاشۇ مەشۇق بۇرۇن  مەندىن يامانلاپ كەتكەندىن كىين دائىم  " قەبرە" گە باراتتى . بۇ  " قەبرە" بۇ يەردە "كونا جاي" سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. بەلكىم "كونا جاي"نى" قەبرە" دەپ ئېلىش نۇرغۇن ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەسلىكى مومكىن. مىنىڭ نەزىرىمدىكى كونا جاي قەبرىگە ئوخشاش تېنىچ ھېچكىم دەخلى قىلمايدىغان ، مەن بىلەن مەشۇق لا دەخلىسىز مۇھەببەت پەيزىنى سۈرەلەيدىغان جاي.  لىكىن دىدىمغۇ مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئوخشاس بىر ئېلمىنىت سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئېلمىنىتقا ئوخشىماي قالسا كېرەك يوق . بىراق مىنىڭ دىمەكچى بولغان ،  ئىچ-ئىچىمدىن پارتىلاۋاتقان ئاشۇ ھېسياتىمنى ئىپادىلەپ بەرگۈدەك بىر سۆزنىڭ چىققىنى مىنىڭ بەختىم. بولمىسا مەن بۇ تولغاقتىن ، بۇ تۇغۇتتىن بوشىنالماي قىينىلىپ كېتىمەن.    مەن ھەرگىزمۇ ئۈلۈپ كەتمىگەن. ئەمدى تۆۋەندىكى كۈبلىتقا قارايلى : -
مۇھەببەتلىك قەلىبنىڭ ئەڭ تاتلىق ھەم ئەڭ ئاچچىق  ھېسلىرىنى بۇ مىسرادا تېتىيسىز .ئاڭلاڭ
ئاشۇ كۈن ئۇزايدۇ دۇنيادىن ئازاپ،
ئەڭ پاكىز قەلىبنى قىلىپ تەۋەللۇت
ياكى مەن شۇ كۈنى ئۈلۈپ كېتىمەن
دىلىمدىن ئۈن-تىنسىز  تېلەپ ساڭا قۇت.......

مەن نەزىرىدە مەشۇقى تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن ئاجايىپ تاتلىق كۈن. ئۇ كۈنى مەن ئۈچۈنلا بىر مەشۇق دۇنياغا كەلگەن. شۇڭا ئۇ كۈنى مەنگە نىسبەتەن خوشاللىق بولىدۇكى ئازاپ يوق.  چۈنكى ئەڭ پاكىز بىر قەلىب دۇنياغا كەلگەن ئەمەسمىدى ؟
  ياكى مەن شۇ كۈنى ئۈلۈپ كېتىمەن ..............
ئەسلى بۇ كۈننى  ئىككىسى ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن رەنجىشىپ قالغان. شۇ سەۋەپتىن مەن مەشۇقىغا
گەرچە سەن مىنىڭدىن كېچىپ كەتسەڭمۇ،
تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار......

دەپ ئىلتىماس قىلۋاتىدۇ...... ناۋادا مەشۇق راستىنلا مەندىن كېچىپ كەتكەن بولسا مەننىڭ قەلبى ئاجايىپ بىر ھەسرەتتە قالىدۇ. بۇنى "ئۈلۈم " سۆزى بىلەن سۈپەتلىسەم تېخىمۇ جانلىق چىقىدۇ دەپ قاراپ مۇ مىسرانى ئاشۇنداق ئالدىم.
قەدىرلىك ساۋاقدىشىم ، شىئېرلىرىمدا ھەر قايسىڭىزلارنىڭ نەزىردىكى تۇتۇق بوپ قالغان مەسىللەردە بۈگۈنچە مەن مۇشۇنچىلىك ئۆزۈرلۈك ئېيتاي. بىر شائېر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئاجايىپ مەسئۇليەتچانلىق ئىچىدە تۇرۇپ شىئېرلىرىمنى داۋاملىق كۈزۈتۈپ تۇرغايسىز. سالامەت بولۇڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-21 13:48:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 13:49
شئېرنى ھەقىقەتەن ياخشى يازىسىز، ھەر بىر شئېرىڭىزنى ئ ...

رەھمەت مەرىپەت خانىم. ھاياتنى سۆيگەنلەر شىئېرنى تېخىمۇ سۆيىدۇ. شىئېرلىرىمغا ھەم قالدۇرغان ئىنكاسىمغا دىققەت قىلىپ تۇرغايسىز. كۈسەنى ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىغا چۈشەنچە يېزىپ قالدۇردۇم. سىز سورىغان بەزى مەسىللەردە ئاشۇ ئنكاسىمدىن جاۋاپ تاپالىشىڭىز مومكىن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-21 14:07:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 23:35
نەۋرۇز ئەپەندىمگە مۇشۇنداق سۈزۈك ئىلھاملار قانداق كېل ...

ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم نۇرلان ئەپەندى. كۈسەنىنىڭ ئىنكاسىغا قالدۇرغان ئىنكاسىمغا دىققەت قىلىپ باقسىڭىز. ھەم تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار ئىدى.
ۋاقتى: 2015-2-21 17:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈزۈك قەلبىڭىزنىڭ سىماسى روھلان تورىدا مەڭگۈ جۇلالانسۇن،سىزنىڭ شىئېردىكى ‹‹قەبرە››‹‹ئۈلۈم››ئىماگىڭىزنى چۈشەندىم،شۇنداقلا شىئېرى تىلغا ئىگە بولسۇن،بۈ يازمىڭىز ئارقىلىق شىئېرىيەت سەپىرىدە يەنە بىر سىلكىنىش پەيدا قىلدىم،مەن باشتىلا دىگەن مەن ئالتۇن داننى تاللاپ يەيمەنيۇ-تۇخۇم تۇغۇشنى بىلمەيمەن،سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىز ئارقىلىق سىزگە بولغان قايىللىقىم ئاشتى،رەخمەت سىزگە،ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز؟

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-14 02:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش