روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5732|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بۇنداق ئالدامچىلىققا ئۇچراپ قالماڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دوستلار بەزىلەر ئۈچۈن بۇ كونا تېما بولىشى مۈمكىن ئەمما بىلمىگەنلەر ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ يۈئەنلىك ساۋاق...
$ f7 a2 A. @0 V- g. B  نەق گەپكە كەلسەم مەلۇم بىر كۈنى بىر دوستىمىز  بانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماششىنىسىدىن پۇل  ئالغىنى كەپتۇ شۇ چاغدا يەنە بىر دوستىمىز بىر مۇنچە پۇلنى بانكىدا قويماقچى ئىكەن شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئاغىنىمىز بۇ پۇلنى سىزگە بىرەر سىزنىڭ ھىساۋىڭىزدىن بۇ پۇلنى ھىساۋىمغا يوتكىۋىلاي دەپتۇ پۇل جىڭ بولغاندىكىن قولايلىقكەن ھەم باشقىلارغا ياردەم قىلغۇدەكمەن دەپ ئويلىغان ھېلىقى ئاغىنەم پۇلنى ئېلىپ كارتىدىكى پۇلىنى يۆتكىۋېلىشىگە يول قويۇپتۇ ئىش تۈگۈگەندىن كىيىن ئويگە قايتىپ نەچچە ھەپتىدىن كىيىن دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ئاغىنەمنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى سەۋىبى مۇشۇنىڭ كارتىسىدىن ئىراقتىكى شام ئىسلام دۆلىتى دەمدۇ ئىشقىلىپ بىرسىگە  پۇل يوللانغانمىش... ئاغىنەم ھېلىغىچە ئۆزىنى ئاقلاپ بولالماي ج خ ئىدارىسىنىڭ تەييار ئۆيىدە تەييار تاماق يەپ ئولتۇرىدۇ...ئاغىنەمنىڭ ئاتا - ئانىسىنى باي بولغاچقا بالىسىنىڭ ئەركىنلىگىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قاتراپ ئىشىنى ھەل قىلالمايۋاتىدۇ ...شۇڭا دوستلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە ئويلىشىپراق ناتۇنۇش كىشىلەرگە كارتىنى بەرمەسلىكىڭلارنى سەمىڭلارغا سالماقچى....
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-18 01:04:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلار باكىنا . ھەممىمىز دىققەت قىلايلى .بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا ناتونۇش كىشىلەرگە بۇنداق ‹ ياردەم› نى قىلمىساق بولغۇدەك .
ۋاقتى: 2015-2-18 02:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق ئىشلارمۇ بارمىكەن تېخى.
ۋاقتى: 2015-2-18 10:40:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاپنىڭ قوڭى تۆشۈك دېگەن شۇدە  ياردەمنىمۇ ئويلۇشۇپ قىلغۇلۇق
ۋاقتى: 2015-2-18 10:55:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەرگە پۇل ئاغدۇرغىلى بولامدىكەن؟ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ يا!

باھا سۆز

مەنمۇ تەپسىلىسىنى ئۇقمىدىم ھىچ بولمىسا چەتكە پۇل سالىدىغان ئادەمنىڭ شىنجاڭدىكى كارتىسىغا پۇل سالغاندۇ ئەمم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-18 21:35
ۋاقتى: 2015-2-18 11:16:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ چاغدىكى سىز ساقلىنىپ قالسىغۇ قۇتۇلماق مومكىن، ناۋادا سىنمۇ، ھىلىقىمۇ تىپىلمىسا يىتىپ كەتكىنى شۇ-دە...
ۋاقتى: 2015-2-18 15:23:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاگاھلاندۇرغىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ،روھلان تورىغا چىقمايدىغان ، مۇشۇنداق قىلمىشلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرى يۆق بىغۇبار دوسلىرىمىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويساق بولغۇدەك ،بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز ،قوللىرىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن ،ئامال بار باشقىلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمىگەن ياخشى ئوخشايدۇ. ئوڭ قول سول قولغا ئىشەنمەيدىغان جاھان بوپ كەتتىمۇ قانداق ؟
ۋاقتى: 2015-2-18 17:14:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر  ساۋاققا  ئىگە  بولدۇم ، رەھمەت !
توۋا ما گەپنى  .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-18 21:35:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانا2013 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 10:55, u+ f% P# |/ G. u- ~* L% c( Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يەردە تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەرگە پۇل ئاغدۇرغىلى بولامد ...
/ y- z" m- V2 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنمۇ تەپسىلىسىنى ئۇقمىدىم ھىچ بولمىسا چەتكە پۇل سالىدىغان ئادەمنىڭ شىنجاڭدىكى كارتىسىغا پۇل سالغاندۇ ئەمما بۇ كۆز ئالدىمغا بولغان راست ئىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-23 05:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش