روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5036|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[ياردەم] قاتتىق دېسكىدىكى ھۆججەتلەر ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ كېتىۋاتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دۇكىنىمغا بىر كەسىپدىشىم ئۇزىنىڭ توي فىملىم سۈرەتچىلىكىدە ئىشلىتىدىغان كەسپىي كومپىيوتىرنى كۈرۈپ بېقىڭ دەپ ئەكىرىپتىكەن .بۇ كومپىيوتىرنىڭ كاشىلىسى غەلىتىكەن ، يەنى قاتتىق دىسكىدىكى 500 GB لىق ھۆججىتى ئۈزلىكىدىن يۇيلۇپ كىتىپتۇ .مەنمۇ ئىشەنمەي كۈرۈپ باقاي دەپ E دىسكا رايۇننى ئېچىشىمغىلا بار ھۆججەتلەر بىر بىرلەپ ئۈچۈشكە باشىلىدى باشقا دىسكا رايۇندىكى ھۆججەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدىكەن . مەن كومپىيوتېر ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بۇنداق كاشالنى ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغانمەن ،يا ۋىروسنىڭ كاشىلىسى يا قاتتىق دىسكىنىڭ كاشىلىسى ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولمىدى. قېنى ئۇستازلار بۇ كومپىيوتېرغا بىر دىئاگنوز قۇيۇپ باقايلى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىڭلارنى بىرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2015-2-14 16:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ سىزگە بەرمەكۋى بولغان تەكلىپىم قاتتىق دىسكىڭىزنى فورماتلاپ قايتا رايۇنغا بۈلۈپ بېقىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ماتىريال بولسا ئەسلىگە كەلتۈردىغان يۇمتال  ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرسىڭز بولىدۇ
ۋاقتى: 2015-2-14 16:45:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كەۋسەر ئەپەندىنىڭ بەرگەن تەكلىپىگە قۇشۇلمەن . قاتتىق دىسىكىنى قايتىىدىن رايۇنغا ئايرىپ ، ئەسلىگە كەلتۇرۇرۇش دىتالى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۇررۇڭ ، يەنە بولمىسا شۇ رايۇننى توڭلۇتۇپ سىناپ بېقىڭ .
ۋاقتى: 2015-2-14 19:34:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىشقا بولىدۇ، ئەمما بەزىبىر ئىشقا يولۇققاندا ھە دېسىلا دېسكا فورماتلاشنى بىرىنچى تاللاش قىلىۋېلىشتەك يامان ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالماي، ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىپ، ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ ئەمەسمۇ. مېنىڭچە بەيدۇ تورىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن." r9 s8 `5 A* _" O9 J9 ~3 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنمۇ ئاڭلىمىغانلا بىر گەپكەن بۇ. پەرىزىمچە سىستېما شۇنداق تەڭشىلىپ قالغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. چوقۇم مۇۋاپىق ئامال تېپىلىدۇ. شۇڭا ۋاقتىنچە چاتاق چىققان رايوندىكى ھۆججەتنى زاپاسلىۋېلىپ، ئىزدىنىپ كۆرۈپ بېقىڭ.
ۋاقتى: 2015-2-14 21:43:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن winpe  دىن  پايدىلنىپ ماتىرياللارنى زاپاسلىۋىلىڭ ئاندىن قايتا سىستىما قاچىلاپ بىقىڭ  بۇمۇ بۇلمىسا قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايۇنغا ئايرىڭ
ۋاقتى: 2015-2-15 05:26:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرسان ئەپەندىم ئىنتايىن توغرا دەيدۇ، شۇنداق قىلىڭ، دىسكىنى فورماتلىغان بىلەن تەلىيىڭىز بولسا ئەسلىگە كېلىدۇ بولمىسا قاتتىق دىسكىدا باشقىچىرەك چاتاق چىققان بولسا شۇنىڭ بىلەن يوق بولدى دىگەن گەپ، بولۇپمۇ توي-فىلىمنىڭ ئىشى چاتاق، مەنمۇ يولۇققان بۇ ئىشقا، توي-فىلىمچىلىك بىلەن شۇغۇنلىنمىدىغان دوسلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم كامىرادا ئالغان توي سىنلىرىنىڭ لېنتىسىنىلام ساقلاپ قويماي بىرەر تالدىن ئوپتىك دىسكىغا قاچىلىپ قويغان ياخشى ئۇسۇلكەن، بەزىدە ئېسىمىزدە يوق لېنتىلارنى باسۇرۋېتىپ قالىمىز، يە بولمىسا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ مۇشۇنداق چاغدا خەقنىڭ ئالدىدا چېنىپ يۈرمەيدىكەنمىز.  چۇقۇم ۋىرۇسلانغان بولىشى مۇمكىن، ئەڭ ياخشى ئامال  winpe  دىن كىرىپ ماتىرياللىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىپ ئاندىن فورماتلاڭ، كىيىن ئەسلىگە كەلتۈرسىمۇ ھەممە نەرسە يۈز پىرسەن كەلمەيدىكەن
ۋاقتى: 2015-2-15 09:28:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىستىمىنى بىخەتەر ھالىتىدە قوزغىتىپ .ھوججەت ماتىرياللارنى زاپاسلاپ ساقلىۋېلىڭ .ياكى باشقا كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە يۆتكىۋېلىپ قاتتىق دىسكىنى فورماتلاپ قايتا رايۇنغا ئايرىش مەشغۇلاتى قىلساق .ئوڭشىلىدۇ .بۇ چۇقۇم ۋېرۇسنىڭ ئىشى .ئەگگر ۋېرۇس تازلىساق شۇ رايۇندىكى مۇھىم ماتىرياللار يۇقاپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ .يۇقاپ كەتمىگەن تەقدىردە .مەزى ماتىرياللارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ .(مىنىڭ بېشىمدىن ئتكەن )
ۋاقتى: 2015-2-17 01:24:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن توردىن ئىزدىنىپ مۇنداق بىر قانچە تەرەپنى بايقىدىم .1.كومپيوتېر ۋىروسلانغان ،ئەڭ يېڭى ۋىروس ئۆلتۈرۈش دىتالى بىلەن تازلاڭ .
0 Y9 x& E3 d5 f" G4 L2.رايۇننى قوغداش دىتالى قاچلىنىپ ،ئاپتىماتىك ئەسلىگە كىلىش ھالتى تەڭشىلىپ قالغان ،سېستمنى قايتا قاچلاڭ !3.دىسكا بۇزۇلغان ئالماشتۇرۇڭ !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:58

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش