روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1592|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

رەسىم خانا ئىچىشتىن جىددى يارىدەم سورايمەن؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-23 21:45:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  ئەسسالام ھۆرمەتلىك روھلاندىكى بارلىق دوسلار ،مەن سىلەردىن جىددىي يارىدەم سورايمەن ،رەسىم خانا ئىچىۋاتقان ۋە باشقا بىلىدىغان قىرىنداشلىرىمىز ماڭا بىر يارىدەم قىلىساڭلار؟  مۇمكىن بولسا تەلىۋىمنى ئورۇلىغان بولساڭلار شۇنچە خوش بوپ كىتەكەنمە؟ مەن بىر رەسىم خانا ئاچاي دىگەن ھازىر بىرقىسىم ئۈسكۈنلەرنى ئەكەلتۈرۈپ بولدۇم قالغىنىنى يەنە تولۇقلاۋاتىمەن، بىراق ئۆلچەملىك تارتىلغان رەسىملەرنىڭ خىرىداردىن ئالىدىغان ھەق ئۆلچىمىنى بىلەمەۋاتىمەن شۇڭا ئىغىر كۆرمەي تۈۋەندىكى رەسىم باھا جەدىۋەلدىكى بازار باھاسىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-24 11:37:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭىچە سىز ئەندىز مۇنبىرىگە كىرىپ سوراپ بىقىڭ www.andiza.net
ۋاقتى: 2014-12-24 12:25:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىراپتىكى ياكى شەھەر رايونىدىكى رەسىمخانىلارغا بېرىپ سوراپ بېقىڭ. ھەر قايسى ايوننىڭ باھا جەھەتتە ئازراق پەرق بولىشى مۇمكىن.
ۋاقتى: 2014-12-24 12:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بازار باھاسىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە بۇ يەردە يېزا بازىرىدا 5 سۇڭلۇق رەسىم قەغىزىگە بىر سۇڭلۇق رەسىمدىن سەككىزىنى ( ئەمىلىيەتتە توققۇزى كەڭرى پاتىدۇ) بېسىپ چىقىرىپ بەرسە 10 نەچچە يۈەن ئالىدۇ. تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە 10 ھەسسىدىن ئارتۇق پايدا ئالىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن يېزىمىزدا ئاشخانىدىن رەسىمخانا كۆپرەكمىكىن.
ئۆزىڭىز ئاچىدىغان ئىش بولغاندىكىن پايدا زىياننى ھېسابلاپ، باشقا دۇكانلاردىن بىر نەچچە يۈەن ئەرزان قىلسىڭىز خېرىدارىڭىزنىڭ تېز كۆپىيىشىگە پايدىسى بار
ئاۋال  ئەرزانراق قىلىپ   كىيىنچە   ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەتتىۋالسىڭىز بولدۇ
ۋاقتى: 2014-12-25 01:27:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىز ئاچىدىغان ئىش بولغاندىكىن پايدا زىياننى ھېسابلاپ، باشقا دۇكانلاردىن بىر نەچچە يۈەن ئەرزان قىلسىڭىز خېرىدارىڭىزنىڭ تېز كۆپىيىشىگە پايدىسى بار
  بۇنداق قىلسا باشقىلارنىڭ بازىرىنى بۇزغانلىق بولۇپ قالامىكى ئادىلكا، ھەم ھازىرقى زامانغا كەلگەندە كىشىلەر ئەرزان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ناچار-سۈپەتسىز دەپ قارايدىغان بولۇپ كەتتى، يېڭى ئاچقاندىكىن باشقىلار بىلەن ئوخشاش باھادا ھەم ئازراق ئېتىۋار پائالىيەت يولغا قويسا ئۈنۈمى ياخشىراق، بىزنىڭ بۇ يەردىغۇ بىر سۇڭلۇق رەسىمنى بىر قەغەزگە سەككىز تال تىزىپ 15كويغا چىقىرىمىز، 1سۇڭدىن 6سۇڭغىچە ئاساسەن ئوخشاش، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ئاساسەن رامكىغا ئېلىپ بېرىدىغان گەپ ، شۇڭا بۇلارنى ئۆزى تەننەرخىنى ھېساپلاپ كۆرۈپ بېكىتسە بولىدۇ،
ۋاقتى: 2014-12-25 02:44:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باسمىخانا ئاچقاندا قوشۇمچە رەسىممۇ تارتاتتىم 1سۇڭلۇق 2سۇڭلۇق رەسىملەرنى 5يۈەندىنلا چىقىرىپ بېرەتتىم ئەڭ ئاستا بولغاندا يېرىم سائەتتە چىقىرىپ بېرەتتىم 2012.يىلدىكى ئىش جۇمۇ بۇ ھازىرغۇ 15يۈەن 20يۈەن دەيدىكەن بۇ خەق
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-26 20:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Weliyof تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 20:20  

رەخمەت روھلاندىكى تورداشلار، ياخشى مەسلەھەتلەرنى ئايىمىغانلىقىڭلاردىن بەكمۇ سۇيۇندۇم.
مەن ئەتراپتىكى رەسىم خانىلاردىن سورىسام بەزىلىرى قىزغىنىپ تولۇق دەپ بەرمەي پوزۇتسىيەسى ئانچە ياخشى بولمىدى، شۇڭا ھەرقايسىڭلاردىن مەسلھەت سورىغانتىم، ياخشى تەكلىپ لەرنى بەرگىنىڭلاردىن شۇنچىلىك سۈيۈندىم رەخمەت سىلەرگە.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-30 03:53

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش