15102| 2
|
ئاندىرۇئىدلىق يانفۇنلارغا بىر يۈرۈش لۇغەت |
ھازىر كۈنلەردە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلار كەڭ ئومۇملاشتى .شۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ خىلدىكى يانفۇنلارغا قارىتا پايدىلىنىلىدىغان ئەپلەرمۇ كۆپلەپ بارلىققا كەلدى . موشۇ ئەپلەر ئىچىدە ئېلېكتىرۇنلۇق لۇغەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالغان يانفۇن ئەپ شەكىلدىكى لۇغەتلەر ئەسلىدىكى ئېلېكتىرۇنلۇق لۇغەتلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ تېز ئومۇملاشتى . ئالدىنىقى يىللاردابەيدۇ ، 360 بۇلۇ سۇپىسى نورمال ۋاقتىلاردا بۇ خىلدىكى لۇغەت ۋە باشقا پايدىلىنىش قىممىتتى بار ئۇيغۇرچە ئەپلەر بۇلارنىڭ بۇلۇت سۇپىسىغا يوللانغان ئىدى . لېكىن ھازىر بۇ سۇپىلار تاقالغاندىن كېيىن نورغۇ ن دېتاللاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يوق بولدى . بۇ خىلدىكى ئەپلەر قايتا يوللانمىدى . مەن ئىلگىرى ئۆزۈم يېغىپ ساقلىۋالغان ئەپلەر ئىچىدىن بۇ لۇغەتلەرنى تاللاپ چىقىپ كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم .
بۇ ھۆججەت خالتىسى ئىچىدە بىلكان لۇغىتىنىڭ 2.3 نەشىرى ، 2.7نەشىرى، 3.0،3.2نەشىرلىرى تولۇق يوللاندى . ئۇندى باشقا بىلىكاننىڭ ئەرەبچە لۇغىتى ، ئاناتىلىم لۇغىتى ۋە سۆزلىكى تولۇق يوللاندى ئۇندىن باشقا شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ 2014-يىللىق ئالدىنىقى نەزەرىيە سۇئالىنىڭ خەنزۇچە نۇسقىسى ، بىلىكان ھەرپ تاختىسى ، 深蓝词典نىڭ ئايىرىم لۇغىتى قوشۇپ يوللاندى . ئىھتىياجى بارلار ۋاقتىدا چۈشۋالغايسىلەر . ئەسكەرتىش : بىلىكان لۇغىتى 2.7 ، 3.0 ، 3.2 نۇسخىسىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى لۇغەت ئىچىگە قاچىلانغان سۆزلۈك ئامبىرىنى قايتا قاچىلاش ھاجەتسىز . شەرت تېلېفۇنىڭىزغا 128mb دىن يۇقىرى سىغىمغا ئىگە sd كارتا ياكى tfكارتا (多媒体卡)سېلىنغان بولۇشى كېرەك . 2.3 نەشىرىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىمۇ تەمىنلەندى . ئامال بار يۇقىرى نەشىرىن ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . يۇقىرى نەشىرىنىڭ ئاندىرۇئىد سىستېمىسىنىڭ 4.3 نەشىرلىرىنىڭ بەزىلىرىدە نورمال ئىشلىگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئانچە نورمال ئەمەس . يانفۇننى روتلىغاندىن كېيىن نورمال ئىشلەيدىكەن ( روتلاشنى بىلمىسىڭىز غىت قىسىڭ ). ئەمما ئانا تىلىم (深蓝词典) لۇغىتى ھەممىسىدە نورمال ئىشلەيدىكەن . ئانا تىلىم لۇغىتىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . بۇ لۇغەتنىڭ يۇقىرى نەشىرلىرى سۆزلۇك ئامبىرىنى ئۆزى يانفۇنغا سېلىنغاغ كۆپ ئىقتىدارلىق كارتىغا يېشىپ بىرىدۇ . شۇڭا چوقۇم يانفۇنغا سېغىم كارتىسى سەپلەپ بولۇپ قاچىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىڭ . ئانا تىلىم لۇغىتىنى قاچىلاش : 1-باسقۇچ : ئاناتىلىم (深蓝词典) نى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز ( جەريانى سۆزلەنمىدى ) 2-باسقۇچ : قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېچىش(打开) بېسىپ لۇغەتنىڭ ئاساسىي بېتىنى ئاچىمىز . ئاندىن ئىكران ئىچىدىكى (自动搜索词典) نى بېسىپ سەل ساقلاپ تۇرىمىز . (مەخسەت يانفۇننىڭ سىغىم كارتىسىدىكى لۇغەت قاچىلانغان ئاساسىي مۇندەرىجە bludictئىچىگە dictsتارماق ھۆججىتى ھاسىل قىلىش ) دىققەت بۇ باسقۇچ بەك مۇھىم . 3-باسقۇچ BlueDict loghiti we uyghurche sozluk ambiri دېگەن ھۆججەتنى wirarدىن پايدىلىنىپ يېشىپ ئىچىسدىكى كېڭەيتىلگەن نامى mdx بولغان Anatilim_Uyghur_Chinese Chinese_Uyghur .mdx ۋە Qopani__多功能汉语词典.mdxبۇ ئىككى ھۆججەتنى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 2-باسقۇچتا ھاسىل قىلغان يانفۇننىڭ سىغىم كارتىسىدىكى لۇغەت قاچىلانغان ئاساسىي مۇندەرىجە bludictئىچىدىكى dictsتارماق ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە تەرتىپ بىلەن كۆچۈرىمىز . ( دىققەت ئاۋۋال قايسىسىنى كۆچۈرسىڭىز لۇغەت ئىجرا بولغاندا شۇ تىلدىكى سۆز ئالدىدا چىقىدۇ . شۇڭا ئاۋۋال ئۇيغۇرچە ھۆججىتىنى كۆچۈرۋىلىپ ئاندىن خەنزۇچىسىنى كۆچۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . ) . ئانا تىلىم لۇغىتىنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆپ قىسىم سۆزلەرنىڭ خەنزۇچە يىقىن مەنىلىك سۆزلىرى ، قارمۇ-قارشى مەنلىك سۆزلىرى ۋە خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشلىرى ھەم قىسمەن جۈملىلەرمۇ بىللە بېرىلگەن . ئاخىردا قاچىلىيالمىدىم ، قاچىلانمىدى ، ئىشلىتەلمىدىم ، ئۆگىتىپ قويامسىز ، ئايرىم يوللاپ بېرىڭ دەپ ئاۋارە قىلماڭ . ئىشلىتەلىگەن بولسىڭىز ۋە يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىپ قويارسىز . تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرىشىڭ . چۈشۈرۈش مەنزىلى :
تېما سېتىۋېلىش
ھازىرغىچە 27 ئادەم سېتىۋالدى
بۇ تېمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يوللىغۇچىغا 2 دانەتەڭگە تۆلىشىڭىز كېرەك
ئالدىنقى: ئەڭ ئېسىل تور تېلېۋىزىيەسى تەۋسىيە قىلاي | |
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
|
|
| ||
| ||
ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .
archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى
GMT+8, 2016-8-8 00:53
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)
© 2001-2013 Comsenz Inc.