روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 15164|ئىنكاس: 27
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

xp+win7 قوش سسستېما چۈشۈرىۋېلىڭنى سىناق قىلىشتىن تەجىرىبە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن روھلان تورىدىكى توغراقى يوللىغان xp+win7 قوش سسستېمىنى چۈشۈرۈپ dellماركىلىق لەپتۇپ笔记本电脑قا قاچىلاپ سىناق قىلدىم. قاچىلاش ۋە قوش سىستېما قىلىش جەريانىدىكى تەجىرىبەمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
) L. ^+ H- s3 O5 C( _6 B; rمەن ئالدى بىلەن بىر دانە بارماق دىسكىنى قوزغىتىش دىسكىسى قىلىپ ياسىدىم (مەن بۇ جەرياننى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن). ئاندىن توغراقى يوللىغان xp+win7 قوش سسستېمىنى چۈشۈرۈپ بارماق دىسكامغا كۆچۈرۋالدىم ( بارماقدىسكامنىڭ سىغىمى 8GB ئىدى) 3-قەدەمدە كومپىيۇتېرنى بارماق دىسكىدا قوزغاتتىم. 4-قەدەمدە بارماق دىسىكىغا كۆچۈرۋالغان xp+win7 قوش سسستېمىنى پىرىستىن يېشىپ كومپىيۇتېرنىڭ مەلۇم رايۇنىغا (cرايۇنغا كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ) كۆچۈرۋالدىم . 5-قەدەمدە بارماقدىسكىدىكى 手动操作GHOSTنى قوزغىتىپ قول ئارقىلىق يۇقارقى سىستېمىنىڭ GHOST ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بەردىم. ئادەتتىكى GHOST قايتۇرغاندەك 6-7مىنۇتتا نورمال قايتىپ بولدى. 7-قەدەمدە چىققان كۆزنەكتىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش تۈرىنى تاللاپ بەردىم . 8-قەدەمدە كومپىيۇتېر قايتا قوزغىلىپ ئاپتۇماتىك ھالدا win xp نى قاچىلىدى. تەخمىنەن 15مىنۇت ۋاقىت كەتتى . 9-قەدەمدە win xp نورمال قوزغالدى بۇ باسقۇچتا تەڭشەش كۆزنىكى چىقىدۇ بۇ كۆزنەكنى تاقىۋىتىپ كەڭ بەلۋاغ تور ئۇلىنىشىنى قۇرامسىز دەيدۇ. قۇرۇش قۇرماسلىقىنى ئۆزىڭىز تاللاپ بېرىپ باشقا مەشغۇلات قىلىماي ساقلاپ تۇرسىڭىز كومپىيۇتېر ئۆزى win 7 نى قاچىلاشنىڭ تەڭشەش  باسقۇچىنى كومپىيۇتېر ئۆزى ئېلىپ بارىدۇ. مەشغۇلاتنى تاماملاپ كومپىۇتېر قايتا قوزغىلىپ win 7 نى قاچىلايدۇ. جەريانى win xp نىڭ قاچىلاش جەريانى بىلەن ئوخشاش ( جەريانى قىسقارتىلدى) 10-قەدەمدە كومپىيۇتېر win 7 دا قوزغىلىدۇ. ئەمدى بىز قوش سىستېما قاچىلاش جەريانىنى تاماملاپ بولدۇق. لېكىن ماشىنىنى قايتا قوزغاتسىڭىزمۇ يەنىلا win 7 دا قوزغىلىدۇ . قانداق قىلىپ ھەم win xp دا win 7 دا تاللاپ قوغاتقىلى بولىدۇ . سىز ئەمدى win 7 دا قوزغىتىپ ( win xp دا قوزغالسىمۇ بولدۇ) تۇرۇپ توردىن 双系统启动菜单修复工具Bcdautofix V1.0.5.RAR نى چۈشۈرۈپ  قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئادىرىسى:  http://ishare.iask.sina.com.cn/f/8052156.html  ئەمدى كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ قارىسىڭىز ئۈستىگە windows 7 ئاستىغا windowos xp professional sp3 دىن ئىبارەت ئىككى تىزىملىكنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىسىز سىز قايسى سىستېمىدا قوزغاتماقچى بولسىڭىز تاللاپ قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +30 ئىناۋەت +28 تەڭگە +12 بايلىق +11 تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
tulpar2 + 5 + 5 + 6 + 5 يارايسىز
ADiL + 19 + 17 + 4 + 3 + 3 يارايسىز
kaplan + 6 + 6 + 2 + 3 + 2 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-23 19:40:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز تارخان مەن مەۋھۇم كومپىيۇتىرغا قاچلاپ باققان لىكىن  xp  دىلا قوزغىلىپ تۇرۇۋالغان 9 F# u* o( H; cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
双系统启动菜单修复工具Bcdautofix V1.0.5.RAR  مۇشۇ دىتالىنى ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن ئەمەسمۇ لىكىن قوش سىتىمىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى  ۋە تەرتىپىنى بەلگىلەش ئورنىغا قارسام xp  چىقىپ  win7 چىقمىغان ئىدى
ۋاقتى: 2012-8-23 19:48:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېستىما قاچىلاش ۋە تەڭشەش باسقۇچىنى تولىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز. رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2012-8-23 21:19:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەنغۇ سىناپ باقمىدىم.لىكىن سورىۋالسام ،ھەر ئىككىلىسى س دېسكىغا قاچىلىنامدىكەن؟ئىگەلىگەن سىغىمىچۇ؟
ۋاقتى: 2012-8-23 21:28:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  قاچىلىسام  xp    قۇزغالدى   win7    قۇزغالمىغان     سىز   تەپسىلى  چۇشەندۇرۇپسىز   سىز  دىگەن   ئۇسۇل  بۇيىنچە  قاچىلاپ  باقاي   
ۋاقتى: 2012-8-23 21:33:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق سىغىمى 10گىگا بايىتتىن ئارتۇققۇ دەيمەن
ۋاقتى: 2012-8-23 21:38:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەمسە ئادەتتىكى ۋىن7 سېتىمىدەكلا ئۇرۇننى ئىگەللەيدىكەنغۇ ؟سىناپ باقسام بولغىدەك ،يەنە بىر بىلىملىك قىلىپ قويدىڭىز !!رەھمەت سىزگە !!
ۋاقتى: 2012-8-24 10:22:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاچىلىغان ئىدىم پەقەت win7 لا قوزغۇلۇپ win xp نى قانداق قوزغۇتۇشنى بىلەلمىگەن ئىدىم. c دېسكىغا قارىسام ھەممىسى قاچىلانغاندەك ئەممە ھەر ئىككىسىنى قانداق تاللاپ قوزغۇتۇشنى بىلەلمەي تۇرغان ئىدىم بۇ ئوسولنىمۇ سىناپباقسام بولغۇدەك رەخمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2012-8-24 11:39:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىككى سېستىما ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بوپ قالدى ئىشقىلىپ بوپ قالدىكەن.
ۋاقتى: 2012-8-24 16:42:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاچىلىسام ھەر ئىككى سىستىما نورمال . باشقا قۇشۇمچە دىتال ئىشلەتمىدىم .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-20 04:46

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش