روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 789|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئانىجان سەھرا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-19 19:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


ئانىجان سەھرا
(مۇھەممەتسۇلايمان ئابدىقايىم )

بار شۇنداق بىر زېمىن مۇشۇ دۇنيادا ،
قۇچىقى پايانسىز چىمەنلىك  ۋادا .
بۇلاقلار توختىماس، كۈۋەجەر ئېقىن،
ئۇ كى پاك، غۇبارسىز ئانىجان سەھرا.

شۇقەدەر نۇرلۇقتۇر كېچە ئاسمىنى،
ھاۋاسى قوزغايدۇ ، دىل ئارامىنى.
بۈيۈكلۈك قاپلىغان جىمىي باغرىنى،
ئۇكى ساپ، نوقسانسىز ئانىجان سەھرا.

باغلاردا نەغمىدە سايرىغان قۇشلار،
تاغلاردا ئوتلايدۇ، تۈمەن چارۋىلار.
گوياكى بىر بازار قايناق ئېتىزلار،
ئۇ كى ئاق ھېچ داغسىز ئانىجان سەھرا.

قەدىمدىن ساقلانغان ھىكمەتلىرى كۆپ،
يۇرتقا خاس ئۆزگىچە خىسلەتلىرى كۆپ.
دۇنياغا تۈگىمەس ھىممەتلىرى كۆپ،
خەلقى شوخ قايغۇسىز ئانىجان سەھرا.
كېيىنكى: سېغىنىش
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

مەنبەنى ئەسكەرىتمەپسىز. ئۆزىڭىز نىڭمۇيا؟ لىكىن ياخشى شىئېركەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-28 20:19:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرنى ئۆزەم يازغان . ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . رەھمەت  

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-18 17:40

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش