روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلار بىر كىرمەيلىمۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەممىمىزگە مەلۇم روھلان مۇنبىرىنى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى مەزكۇر http://bilim.rohlan.biz/thread-34-1-1.html تېمىنى يوللاش بىلەن مۇنبەرنى سىرتقا ئېچىېەتكەن ئىدۇق .
مانا بۇنىڭغىمۇ 2 يىل بولۇپ قاپتۇ، ئارىلىقتا ئالاھىزەل 7 ئاي روھلان تور بېكىتىنى ئاچالمىدۇق، 2010-يىلى 1-ئايدا مۇنبەرنى ئاچقىلى بولمىسىمۇ باشقا بېكەت سىستېمىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېچىپ تۇردۇق، كېيىن يەنە بوشلۇق ئالماشتۇرۇپ http://rohlan.biz/index.aspx بۇ بېكەتنى ئېچىپ خېلى ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق، 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سىرتقى تور ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن كۆپ قېتىم سۈرۈشتە قىلىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 6-ئايدا مۇنبەرنىمۇ ئېچىۋالدۇق، خۇداغا شغكرى، ھازىرغا قەدەر بىرەر قاتتىق بورانغا دۇچ كەلمىدۇق .
شۇنداق قىلىپ نېمىلا بولمىسۇن 2 يىل بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا باشقۇرغۇچىلار بىلەن مۇشۇ 2 يىللىق خاتىرە كۈننى قانداق تەبرىكلىسەك بولار دېگەن مەقسەتتە ئۇشبۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ھەممەيلەنگە پۇل تارقىتايلى دېسەك پۇلىمىز يوق، گۆش تارقىتايلى دېسەك قۇيىمىز يوق ئولتۇرىۋاتىمىز .
ئاددى بولسىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىپ، بىرەر تېما پائالىيتى بولامدۇ ياكى باشقىچە بىر نەرسە قىلىمىزمۇ ئورۇنلاشتۇرساق قانداق قارايسىلەر؟ بۇ ھەقتە كاللامغا ھېچنىمە كەلمەيۋاتىدۇ .
===============================================================================================
قوشۇمچە :
مۇشۇ يېقندىن بىر قىسىم ئەزالار تارىخ، مىللەت، دىن، سىياسەتكە ئائىت تېمىلارنى يوللاۋاتىدۇ، قايدى كۈنى بىر نەچچە تېما تەستىققىلنىپ كېتىپتىكەن، ئۆچۈرىۋەتتىم، مۇشۇ ئىشلارغا بەكرەك دېقققەت قىلغان بولساق .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2010-9-11 01:40:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، مۇشۇنداق قۇتلۇق ئايەم كۈنىدە مۇنبىرىمىزنىڭ ئىككى ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلايدىكەنمىز.

مېنىڭ تەكلىپىم: مۇنبەرنىڭ  خاتىرە كۈنىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن مۇشائىرە ئورۇنلاشتۇرساق، بۇ مۇشائىرىنىڭ باشلىنىشىنى مۇنبىرىمىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن  ھەۋەس ئۇستاز ياكى ئارزۇ خانىم يېزىپ بەرسە قالغانلىرىمىز جۆر بولساق. مۇشائىرە مەزمۇنى چوقۇم مۇنبەر ھەققىدە بولسا.
قېنى باشقىلارمۇ پىكىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساڭلار قايسىسى مۇۋاپىق بولسا شۇ پائالىيەتنى تەشكىللىسەك.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +14 بايلىق +5 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 14 + 5 قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2010-9-11 02:05:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ پىكرىمنى دەپ باقاي.
1. مۇشۇ ئىككى يىلدا مۇنبەر ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى كۆپ بولغانلارغا مىدال تارقىتىڭ.
2. تېما ، ئىنكاسچىلارنى ئايرىپ، يوللىغان تېمىسى ياكى ئىنكاسى ئەڭ كۆپ بولغان ئەزالارغا مۇنبەر تەڭگىسى، شەرەپ دېگەنلەرنى بېرىڭ ھەم شەرەپ تاختىسى ھازىرلاپ، تۆردىن ئورۇن بېرىڭ.
3. دولانى ئەپەندى دېگەن پىكىرنى چوقۇم قىلايلى.
4. داۋامىنى ئەتە دەي، ئويلىشىپراق....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +14 بايلىق +5 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 14 + 5 قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2010-9-11 12:22:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشائىرە ئېيتىشىشقا قوشۇلىمەن ، بولسا مۇنبەرگە ئەزا ھەر بىر ئادەمگىچە ئېنكاس ئارقىلىق ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا ياخشى بولاتتى .
ۋاقتى: 2010-9-11 20:49:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتلىق تېما پائالىيىتى قىلايلى دىسەك ۋاقىت قىستاپ قالغۇدەك . شۇڭا ئارزۇ خانىمنىڭ دىگىنىدەك ئىككى يىلدىن بۇيانقى مۇنبەر ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ئەزالارنى مۇكاپاتلىساق  . بولسا ئەمىلى مۇكاتاپ بولسا تېخى ياخشى ، نەرخى تۆۋەنرەك بولسىمۇ ساقلاش قىممىتى بار بولسا تېخى ياخشى .  مۇشائىرە ئېيتىشىش پائالىيىتى ناھايتى ياخشى بولۇپتۇ .
ۋاقتى: 2010-9-12 00:33:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4. يەنە، ئەتىلا تېما يوللاپ، مۇنبەرنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى كەلگەنلىكىنى، تەبرىكلەيدىغانلىقىمىزنى ئەزالارغا ئۇقتۇرۇڭ. ھەم مۇكاپاتلىق ئەسەر مۇسابىقىسى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇڭ.( ژانىرى چەكلەنمەيدۇ.) ئاندىن « مۇنبەر قۇتلۇق كۈنىگە » دېگەندەك سەھىپە تەسىس قىلىڭ. مەيلى قايسى ژانىردىكى ئەسەر بولسۇن، مۇنبەر تويىغا ئاتالغانلا بولسا ، مۇشۇ سەھىپىگە يوللانسۇن. 9- ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە باشقۇرغۇچىلار باش قوشۇپ، ئەڭ ياخشى ئەسەردىن 10 ئەتراپىدا تاللاپ چىقايلى ھەم مۇكاپاتلاش ئېپ بارايلى.( مىدال، مۇنبەر تەڭگىسى ، تۆھپە- شەرەپلەر بىلەن.. ). بولسا تەبرىكلەش پائالىيىتىمىز داغدۇغىلىقراق بولسۇن. قانداق دەيسىلەر؟

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
بولىدىغان تەكلىپ  ۋاقتى: 2010-9-12 00:54

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +9 ئىناۋەت +5 تەڭگە +1 بايلىق +3 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 9 + 5 + 1 + 3 ئورۇنلۇق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-6-19 06:25:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دېقەت قىلاي جۇمۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-7 05:47

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش