|

كارل ۋىتېر (گېرمانىيە) 3 { J5 X( G! {# ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

: C: T6 Z' I! `4 Lئوغلۇمنى تەربىيىلەشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىم __ ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسەت كۆزنىكىنى ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى يامان ئىشلارنى سەزگۈلۈك بىلەن كۈزىتەلەيدىغان، ئىجتىمائىي زىددىيەت ھەم نۇقسانلارنى بايقىيالايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بىز ئىنسانلارنىڭ غايىسى ھەرگىزمۇ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىمىزغا ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ قىپيالىڭاچلىقىمىزنى بىلمەي، جەننەتتە خۇشال-خۇرام ياشاش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. شۇڭا، مەن ئوغلۇمنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن قارىغۇلارچە ئۈمىدۋارلاردىن بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايتتىم.
G# l) |5 n; C! j& E6 w' M0 p6 ]5 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوغلۇمغا چەت ئەل تىلىنى قانداق ئۆگەتتىم
. }9 }1 r8 q- L' N7 i$ X: H: P$ J$ U- rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوغلۇمغا تىل ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش تەربىيىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن بولساممۇ، لېكىن قانائەتلىنىپ قالماي، ئۇنىڭغا بىرەر مۇھىم چەت ئەل تىلىدىن بالدۇرراق ئاساس سېلىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى، كۆپ خىل تىل ئۆگىتىش __ بالىنىڭ سۆز مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشىغا پايدىلىق ئىدى. ئاۋۋال ئاسانلىرىنى، ئاندىن تەسلىرىنى ئۆگىتىش پىرىنسىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوغلۇمغا ئانا تىلنىڭ ئوقۇلۇشىنى پىششىق ئىگىلىتىش ئاساسىدا، شۇ تىلغا يېقىن كېلىدىغان بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىتىش قارارىغا كەلدىم. ئوغلۇم نېمىس تىلىدا ئەركىن ئوقۇيالايدىغان بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا دەرھال فرانسۇز تىلىنى ئۆگىتىشكە باشلىدىم. ئۇ چاغدا ئوغلۇم ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئىدى. مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىلغاچقا، بىر يىل ۋاقىت ئىچىدىلا، ئوغلۇم فرانسۇز تىل-يېزىقىدىكى تۈرلۈك كىتابلارنى ئەركىن ئوقۇيالايدىغان بولدى، ئۇنىڭ بۇنداق تېز ئۆگىنىشى ئالدى بىلەن يەنىلا نېمىس تىلى بىلىمىنىڭ ئىنتايىن مول بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە.
8 ?! |' X4 u) T% ?0 {# r8 O$ l! _5 Z4 z' a( L/ K, i, }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كارل فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىنلا، ئىتاليان تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، ئالتە ئاي ئىچىدىلا ئۇ تىلنى ئۆگىنىپ بولدى. بۇ چاغدا، مەن ئۇنىڭغا ئەمدى لاتىن تىلى ئۆگەتسەم بولىدىكەن، دەپ ئويلىدىم. مەكتەپلەردە ئادەتتە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتە، ئالدى بىلەن لاتىن تىلىدىن باشلاپ ئۆگىنىش زۆرۈر، دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق مېنىڭچە، ئۆگىنىشتە مۇنداق زىيادە مەجبۇرلىماي، نېمىس تىلىغا ئەڭ يېقىن بولغان فرانسۇز تىلىدىن باشلاپ ئۆگىنىش ئەڭ مۇۋاپىق. شۇڭا، مەن ئاۋۋال ئاسانلىرىنى، ئاندىن تەسلىرىنى ئۆگىنىش تەرتىپى بويىچە بولۇش ئوسۇلىنى قوللاندىم. + _' C* Z. l2 \1 i: @/ \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
+ p- r0 J8 v& V. }لاتىن تىلى ئۆگىنىش ئون نەچچە ياشلىق بالىغا نىسبەتەن تولىمۇ تەس بولۇپ، باش ئاغرىتقۇدەك ئىش. شۇڭا، مەن مۇۋاپىق تەييارلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ تىلنى ئۆگىتىشكە باشلىدىم. ئوغلۇمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن، لاتىن تىلى ئۆگىتىشتىن ئىلگىرى، مەن ئاۋۋال ۋېككېرنىڭ «ئېلچىس» ناملىق داستانىنىڭ ۋەقەلىكى، مۇھىم ئىدىيىۋى مەزمۇنى ھەم گۈزەل تىل ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنى ئوغلۇمغا سۆزلەپ بەردىم. مەن يەنە: «ئەگەر كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلىم ئەھلى بولاي دېسەڭ، لاتىن تىلىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىشىڭ كېرەك» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇمنىڭ قىزىقىشى قوزغالدى.
8 D, x( D# L4 z+ k, o2 B3 n, e4 _+ ^+ S2 S; a3 D5 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوغلۇم يەتتە ياشلارغا كىرگەندە، مەن ئۇنى ھەمىشە لېيىپزىگ مۇزىكا كېچىلىكىگە ئېلىپ باراتتىم. بىر قېتىم ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشتا، ئوغلۇم تىياتىرنىڭ ناخشا تېكىستى يېزىلغان كىتابچىنى كۆرۈپ، ماڭا: «دادا، بۇ فرانسۇزچىمۇ، ئىتالىيانچىمۇ ئەمەس، لاتىن تىلى ئىكەن» دېدى. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ: «شۇنداق، ئەمدى ئۇنىڭ مەنىسى نېمە ئىكەنلىكىنى تېپىپ باق» دەپ، ئۇنى ئىلھاملاندۇردۇم. ئوغلۇم فرانسۇز تىلى ھەم ئىتاليان تىلىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەنىسىنى بىلىۋالدى. ئۇ، خوشال بولغان ھالدا: «دادا، لاتىن تىلى بۇنداق ئاسان بولىدىغان بولسا، مەن بالدۇرراق ئۆگەنگەن بولاتتىم» دېگەن ئىدى. مۇشۇ چاغدىلا، مەن شەرت-شارائىت پىشىپ يېتىلىپتۇ دەپ ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا لاتىن تىلى ئۆگىتىشنى باشلىدىم. توققۇز ئاي ئىچىدىلا لاتىن تىلىنى ئۆگىنىۋالدى. 1 }+ w9 j' S, m2 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنىڭدىن كېيىن، كارل ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشتى. ئىنگلىز تىلىنى ئۈچ ئايدا، گرېك تىلى ئۆگىنىشى بىر قەدەر قىزىقارلىق بولۇپ، پۈتكۈل ئۆگىنىش جەريانى مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇش بولدى. ئۇ، گرىك تىلى ئۆگىنىشنى دائىم ئۇچرايدىغان تاق سۆزلەرنى يادلاشتىن باشلىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا گرېكچە تاق سۆزلەرنىڭ نېمىسچە تەرجىمىسى يېزىلغان كارتا ئىشلەپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ، دەسلەپ مۇشۇ كارتىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان تاق سۆزلەرنى ئۆگەندى، بىر قىسىم تاق سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تەرجىمە قىلىپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ، دەسلەپ «ئىزوپ مەسەللىرى» نى ئوقۇدى، ئارقىدىنلا سېنوفېننىڭ «ھەربىي يۈرۈش خاتىرىسى»نى ئوقۇدى. باشقا تىللارنى ئۆگەنگەندىكىگە ئوخشاشلا مەن ئوغلۇمغا گرامماتىكىنى سىستېمىلىق ئۆگەتمىدىم، پەقەت زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنىلا ئۆگىتىپ تۇردۇم.
$ A# q! P* P; G: W; Z" J9 L" F& G4 @6 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن ئىشلەۋاتقاندا، ئوغلۇمنى ئۆز شىرەسىدە ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلدۇراتتىم، ئەينى چاغدا گېرمانىيەدە پەقەت گېرىكچە-لاتىنچە لۇغەت بار، نېمىسچە-لاتىنچە لۇغەت يوق ئىدى، ئوغلۇم گرېك تىلى ئۆگەنگەندە، ھەربىر تاق سۆزنى مەندىن سوراشقا مەجبۇر بولاتتى. گەرچە خىزمىتىم ئالدىراش بولسىمۇ، ئوغلۇمنىڭ سۇئالىغا ئاچچىقلانماي، بىر تەرەپتىن ئىشىمنى قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ ئۆگىتىپ قوياتتىم. كارل مۇشۇنداق ئۆگىنىش ئارقىلىق ھېرىدودنىڭ مەشھۇر تارىخىي ئەسىرىنى، سېنوفېننىڭ «جەۋھەر»، «سوقرات خاتىرىلىرى»نى، ئوۋچىنىس ۋە لىلچيۇس تۈزگەن «پەيلاسوپلار قىسىسىسى» ھەم روسئاننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتتى. ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە، پلاتوننىڭ «دىئالوگ»نى ئوقۇپ چىقتى. ئەمما ئۇ، ماڭا «دىئالوگ»نىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ( z: q) ^3 o! u# m: bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
V& a9 h# R% S I: ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇشۇ تىللارنى ئۆگىنىپ بولغىنىدا، كارل ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھومىر، پروتاك، ۋېككېر، سېتسىرۇ، ئوشا، فېنلون، فىلورىئان، فېستالوز، شىللېر قاتارلىق يۇنان، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە گرىتسىيە، رىم قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالايدىغان بولغان ئىدى. ( e' |- M5 e0 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
; Q" |1 A, s- s8 Uئادەتتىكى كىشىلەر چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتىن قورقىدۇ، ئالتە خىل چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ئۆمۈر زېھنىنى سەرپ قىلغاندا تاماملىغىلى بولىدىغان ئىش. كارل شۇنچىۋالا كىچىك تۇرۇپ، ئاشۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنداقتا، بۇنىڭ قانداق سىرى بار؟ بۇنىڭ ھېچقانداق سىرى يوق. تۆۋەندە، مەن ئوغلۇمغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىش داۋامىدا ھېس قىلغان بەزى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ چىقتىم.
% S/ z( ]6 |& P( {% `. I7 @* o
$ L! t6 [" F; I% I. t+ w% }+ ^مەنبە: كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
+ }7 j; b7 O3 x% y. H! [- \! W# g$ \5 K w4 [, a5 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
|
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان |
|