بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-15 18:38 ; z0 O6 p& Q3 X' A3 r: hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
0 g; b/ S8 h0 oجامالىدىن ئاق سارايى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى سەرىپ قىلغان بۈيۈك ئەللامەلەرنىڭ بىرى بولۇپ , ئۆزىنىڭ مەشھۇر تىببىي ئەسىرى <<ئاقسارايى>>بىلەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدا تىگىشلىك ئورۇن ئالدى . ئۇيغۇر مەشھۇر تىۋىپلرى جامالىدىن ئاق سارايى
& w! D9 X; J8 e5 [$ i& f& c4 M! ~6 F; Cئالىمنىڭ قاچان , قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىشەنچلىك بىر ماتېرىياللار تېپىلغىنى يوق , بەزىلەر ئۇنى <<ئىستانبولنىڭ ئاقساراي دىگەن دىگەن يېرىدا تۇغۇلغان >>,دەيدۇ .ئەمما ئىشەنچلىك مەلۇما ت يوق . بەزى ماتېرىياللاردا <<بۇ كىشىنىڭ 11-ئەسىرنىڭ ئاياغلىرىدا تۇغۇلغانلىقى مەلۇم >>دەپ يېزىلغان بولسىمۇ ، ئىشەنچلىك دەلىل كەلتۈرۈلمىگەن . 1936-يىلى ھېندىستاننىڭ دىيوبەن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيا ئۆلىمالىرى تارىخىي مۇھاكىمە يىغىندا ، جامالىدىن ئاقسارايىنىڭ چىڭگىزخان ئىستىلا قىغان بىر ئەلدە تۇغۇلۇپ ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن . چىڭگىزخاننىڭ 1-قىتىم غەرىبكە يۈرۈش قىلىشى 13-ئەسىرىنىڭ باشلىرى ، يەنى 1219-يىلى باشلانغان . دىمەك ، ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى بالدۇر دىگەندىمۇ 13-ئەسىرنىڭ باشلىرى ، يەنى 1220-يىللىرى ئەتراپىدا چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان ئەلدىن ھېندىستاندىن قېچىپ بارغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . تىبابەت تارىخى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش خاراكتىرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئابدۇرىھىم قادىر قۇمۇلى ئەپەندى:<<ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقاتى >>(5)ناملىق ئەسىرىدە ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى ھەققىدە توختىلىۋېلىپ مۇنۇلارنى يازغان : 3 }+ a* Z$ h) R0 E1 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
<<ئالىمنىڭ قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە , بەزىلەر بۇ كىشىنى ئىستامبولنىڭ ئاقسارايى دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان , دەيدۇ . ئەمما تولۇق دەلىل يوق , چۈنكى , ئىستامبولدىن خېلىلا يىراق بولغان ھېندىستانغا قېچىپ بېرىش ئېھتىمالدىن يىراق . يەنە بەزىلەر , غەربىي ئاسىيا , كىچىك ئاسىيا , ئېراق ۋە ئېران تەرەپلەردە ئاقساراي دىگەن شەھەرلەردە تۇغۇلغان , دەيدۇ . گەرچە , بۇ جەھەتتە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك ,دەپ قارىغاندىمۇ , مېنىڭچە , تۆۋەندىكىلەردىن جامالىدىن ئاقساراينى خوتەن قارىقاش ناھىسىدىكى ئاقساراي يېزىسىدا تۇغۇلغان , دەپ دەسلەپتىكى خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ . 1978-يىلى بىز خوتەنگە ئۇيغۇر تىبابىتى تارىخىنى تەكشۈرگىلى بارغاندا , پىشقەدەم تېۋىپلار بىزنى مۇنداق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى : يەنى , بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەنلىك مەرھۇم ئابدۇللا موللام مەۋلۇۋىي , مەرھۇم ھەسەن دامولام مەۋلۇۋىي , مەرھۇم مەتنىياز مەۋلۇۋىي ۋە ئاتۇشلۇق زەينۇل ئابدىن مەۋلۇۋىي قاتارلىق ئۆلىمالار ھېندىستان لەكنۇ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تىببىي ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا بارغاندا مۇئەللىم دەرىس ئۆتىۋاتقان بىر كىتابنى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ : ئاراڭلاردا خوتەندىن كەلگەنلەر بارمۇ ؟دەپ سورىغان ھەمدە كىتاب خوتەننىڭ ئاقسارايى دىگەن جايىدا تۇغۇلۇپ ھېندىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىببىي ئالىمى جامالىدىن يازغان <<ئاقساراي>>دىگەن كىتاب بولىدۇ دىگەن . بۇ كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىن چىققان بۇ ئالىمدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا , مەرھۇم پىشقەدەم تىۋىپ ئەھمەد ھاجى , مەرھۇم ھاجى ئېلخان ھەزرىتىم , داڭلىق دورىگەر ئىمىننىياز ئاخۇنۇم قاتارلىقلارغا ناھايىتى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەرگەن . بۇ دەل , 1936-يىلى چىىقىرىلغان يەكۈن ۋە مەرھۇم ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىمى ئۇستاز ئابدۇلھېمىت يۈسۈف ھاجىنىڭ <شىنجاڭدىن ھېندىستانغا ئوقۇشقا بارغان بىر قىسىم كىشىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق , بۇ كىشىنىڭ خوتەن قارىقاش ناھىيە ئاقساراي يېزىسىدىن بارغانلىقىنى تەخمىنەن قىلىشقان >دەپ يازغىنىغا ئوخشاش . >> $ e* |- m/ E7 I* i% \) H8 r! p, Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى مۇڭغۇللارنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ھېندىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدۇ . ئالىم ھېندىستانغا بارغاندىن كېيىن , ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققىدىكى يۇقىرقى ئەسەرنى يېزىپ , (<<ئاقسارايى >>كۆزدە تۇتۇلىدۇ – ئا)ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاقسارايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشقا تىببىي كىتابلاردىن ئۆزگىچە ھالدا ئۆزكىتابىغا <<ئاقسارايى>>دەپ نام قويغان . مەزكۈر ئەسەردە ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىرىيىلىرى , ھەر قايسى ئۆلۈم كېسەللىكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ داۋاسى , يەككە ۋە مۇرەككپ دورىلار سۆزلەنگەن بولۇپ , نەزىرىيە قىسمى ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن ئىبىنسىنانىڭ <<ئەلقانۇن>>نى كىچىكلىتىپ يازغان <<مۇجىزىلقانۇن>>(ئەلقانۇندىكى مۆجىزىلەر)دىگەن ئەسەردىكى خاتا كەتكەن جايلارغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىلمى ئاساسلاردىن تەركىپ تاپقان . شۇڭا , مەزكۈر قىسمى ئەسلى ئاپتور (ئىبىن سىنانى دىمەكچى ) مۇنداق دىگەن , ئۇ (مۆجىزىلىقانوننىڭ ئاپتورىنى دىمەكچى)مۇنداق دەپتۇ , مەن مۇنداق قارايمەن , دىگەن شەكىلدە يېزىلغان .<<ئەلقانون>>دىكى قىيىن مەزمۇنلار يورۇتۇپ بېرىلگەن . <<مۆجىزىلىق قانون>> دىكى خاتا مەزمونلار تۈزۈتۈلگەن . ھەر قايسى بۆلۈم كېسەللىكلىرىدىن 180خىلى ھۆزلەنگەن . يەككە دورىلاردىن 390 خىلى , مۇرەككەپ دورىلاردىن 144خىلى بايان قىلىنغان بولۇپ , ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز تېۋىپلىرىمىزلا ئەمەس , بەلكى چەتئەللەردىمۇ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . : M" O5 M7 Y6 ~" U2 S! V2 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك , ئالىم جامالىدىن ئاقساراينىڭ <<ئاقساراي>>ناملىق كىتابىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى زور بولۇپ , ئەرەپ يېزىقىدا پۈتۈلگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەر قولدىن قولغا تارقىلىپ 1899-يىلىغا كەلگەندە لەكنۇدا رەسمىي نەشىر قىلىنىپ , 1929-يىلىغىچە دىھلى ئۇنىۋېرسىتىتى ئىسلام تىبابىتى ئىنىستىتوتىدا دەرىسلىك قىلىپ ئىشلىتىلگەن . دىيارىمىزدكى بىر قىسىم تېۋىپلار ئۆز قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەزكۈر ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ تىبابەت ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ .( Q/ Q. K2 b+ Q8 J! U4 o' a% Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە : ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيە ئىلمى كىتابى 1 D; U T2 l0 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
|