روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2452|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇر-تېخنىكا دەرس دېتالىدىن ياردەم سورايمەن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەكتىپىمىزدە ئىلگىرى خەلق مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا دەرسىنى قوللىناتتۇق، ئەمما بۇ مەۋسۈمدە "شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى"،جىياڭشى خەلق مائارىپ نەشىرياتى"نىڭ بىرلىشىپ چىقارغان ئۇچۇر-تېخنىكا دەرسلىگى كەپتۇ، ئىلگىرىكى دەرسلىكنى ئەمەلىي قوللىنىش جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيتىگە باغلاپ ئۆتۈش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا تارتقان ئىدىم ھەم رايۇنىمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە ماس كەلگۈدەك باشقا دەرسلىك چىقسا نىمە بولار دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم ، بۇ قېتىم دەرسلىكنىڭ ئۆزگىرىپ كەلگەنلىگىنى ، بولۇپمۇ شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىغىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم، ھەم چوڭقۇر ھاياجانلىق ئىچىدە دەرسلىكنى ۋاراقلاپ كۆردۈم ، ئەمما بايىقى خوشاللىقلىرىم ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى، شۇ تاپتا باشقا ئۇچۇر-تېخنىكا ئوقۇتقۇچىللىرى قانداق ھېسياتتا بولىۋاتىدىكىن بىلمىدىم، ئاددى بىر مىسالنى ئېيتاي: 6-يىللىق 1-مەۋسۈم 1-باپتا «i动画»دەيدىغان بىر ھەركەتچان سۆرەت ياسايدىغان دېتالنى ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىكەنمىز، ئەمما مەن بۇ دېتالنى ھەر قانچە ئىزدەپمۇ توردىن تاپالمىدىم، دەرسلىك مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن تور بەت ئاددىرىسى بويىچە كىرسەم پەقەت بازارغا سېلىندىغان كىتاپلارنىڭلا ئۇچۇرى باركەن، دەرسلىك كىتاپ توغرىلىق بۇ تور بەتتە ھىچنىمە يوق، ئەمما تەمىنلەنگەن دەرسلىك شۇ بولغان ئىكەن شۇنى ئۆتمەي ئامال يوق، قايسىڭلار ماڭا ئاشۇ «i动画»دىگەن دېتالنى تەمىنلەپ بېرەلەيسىلەر، يەنە مۇشۇ يۈرۈش دەرسلىكنىڭ دەرس تەييارلىغى ۋە دەرس دېتالى دىگەندەك نەرسىلەر بولسا ياردىمىڭىلارنى ئايىماسلىغىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-9 11:05:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ يېڭى نەشىر قىلىنغان دەرسلىكلەردە يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئەمىلىي شارائىتى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى ..قاتارلىقلارغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.نۇقۇل كىتاپ بويىچە ئۆتىمىز دىسەك بۇنىڭ  ئۈنۈمى ياخشى  بولماسمىكىن (بىزدەك يېزا مەكتەپلىرىگە نىسبەتەن).پەقەت بولمىغاندا مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئەمىلىي ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ ،ئۆزىمىز ئوقۇغۇچىلارغا بەكرەك نەپ تىگىدۇ دەپ قارىغان دەرسلىكلەرنى تاللاپ ئۆتسەك ياخشى بولارمىكىن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-9 11:25:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگىنىڭىز توغرا ئىدى، ئەمما بۇ ناھيە بازىرىدىكى مەكتەپ بولغاچقا چوقۇم دەرسلىك بويىچە ئۆتىشىمىز كېرەك ئىكەن، ھەي! {:6_271:}
ۋاقتى: 2014-9-9 19:21:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن سىزنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كىتابىڭىزنىڭ قايسىلىقىنى بىلەلمىدىم ، مۇمكىن بولسا كىتاپنىڭ ISBN نومۇرىنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز ، دىتال توغرۇلۇق ئۇچۇر بەك ئازكەن .    يەنە بىر ئىش  ، سىز ئىزدىمەكچى بولغان دىتال windows مۇھىتىدا ئىجرا بولامدۇ ؟  بىلىشىمچە ئالما كومپىيوتىرىنىڭ Iphoto , Ibook دىگەنگە ئوخشاش دىتاللىرى بولىدىغان...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-6 03:33

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش