روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2922|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خوتەن شىۋىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدرسجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-8 22:44  
. f; X) Q9 T  o" [$ `
2 F# A/ {8 ]- x4 h
/ D0 S1 l$ \; x___ ساتاملا بۇ تازنى ؟ ___ ساتىتمە دەپ ئەكىيدىم .   ___ ئېتىنى قويسىلا ئەمىسى ___ مال تونۇيالىيتكەنلا ، مىنى دىگۈزمەي ، ئۆزلىرى چاغلاپ ... ___ ئىگىسى سىلىمۇ يا ؟ ___ بۇ يانچاقنى مەن تۇتقاندىكىن ، ئىگىسى مەنتىمە . ___ دىسىلە ئەمىسى نەچچە پۇلغا بىرىتلا ؟ ___ ئۆزلىرىنىڭ نەچچە پۇلغا ئاغىلىرى باكى ؟ ___ ھە ، نەخ گەپنى دىسىلە .   ___ باشقىلىغا دىگەننى سىلىگە دىسەم بومايتۇ ، ئۈچ يۈز ئەللىك كوي بەسىلە ئەمىسى . ___ ۋۇيجۇن ، مۇشۇ كىچىك باقىنى غۇنىجىننىڭ نەقىدە ساتاملا قالىسلا ؟   ___ قاغىنىغا سىلىمۇ بىي نىمە دىمەملا ؟ ___ ماندا ئاسماندا ئاتسىلا ئالاممىغىدەيمە . ___ رىسقى با خىيدا ئاتۇ . ___ باشقىدىن دىسىلە نەقىنى . : ___ ھا - ماقۇل ، ھاجى سۈپەت ئەدەمكەنلا ،ئون كوينى تاشلىۋاتاي ، ئۈچ يۈز قىرىقنى بەسىلە ئەمىسى . ___ كام سوسام بەمىيتلا ، ئىككى يۈز كوي بىرىييا ؟ !' ___ ... ___ گەپ قىغۇلىرى كەمىي ئىڭغا قالاپ تۇرتلىيا ، بەك كام سوغان چېغىمبا ___ مۇت بەسىلە دىمىي پۇلغا ئالاي دىللە ھەنىم بولسا . ___ بەسىلە بۇتتى . : ___ پاقلان ئالدىلىردا تۇرتۇ ، مالغا قالاپ بىينىمە دىسىلە كام سوماي .   ___ چىشىنى كۆمەپتىمە تېخى >> ___ كۆسىلە - كۆمىسىلە ئەممە تېخى . ___ ئەمىسى سىلىنى ئەممەي ئانىسىنى ئىمىپتىۋىلا ، بەدىم دىسىلە . ___ كام بۇلا ___ ھە بولاپتۇ ، ئەممىلىكىگە بەش كوي قاتتىم .ئەمدىغۇ بوغانتۇ . ___گەپ بەش كويدا بۇلا بوسا ئابايا بىرىۋىتىتتىم . , ___ يىيىشى كام ئەمەستۇ - ھە ؟  ___ يىمەس مالنىڭ قۇسقى ماندا تومپىيامتا . < خوتۇنۇڭ يىيىشلىك بوسا ئۇدى خۇدا ، مېلىڭ يىيىشلىك بوسا بەدى خۇدا > دىگەن گەپ با . بىي كالىنىڭ ئىشتىيى با بۇ پاقلاندا . ھە مۇشۇندا ھەممە يىرىنى كۆرەپ تۇتۇپ باققانلىرى ئابدان بولدى . بۇندا بىجىرىم مالنى باقسىلا ئەجرىلىرى يانىتۇ . ___ بايىقى دىگنىمگە ماقۇل دىسىلە ، سىلىدىن خوشۋۇلاي . * ___ ماڭا يالۋۇرمىسىلىمۇ بۇتۇ ، مال ئونۇمايتۇ .   ___ ھە ، بۇلاپتۇ ، يىيىشلىك بوغىنىغا بەش كوي قاتتىم .   ___ كام بۇلا
. H! H5 _8 `' h___ كېمى يوق ئىككى يۈز ئون كوي دىدىميا ؟ ___ كام بۇلا   ___ بەگىلىرى كەمىدى ھاما . ___ مىنىڭ بەگىم كەلدى ، سىلىنىڭ ئاغىلىرى كەمىدى .  ___ ماڭ قالىسلا ، يۈزلىرىگە قالىسام كۆز - قانى خېلى توق ئادەمكەنلا ، بەسىلە ما تازنى . ___ كام بۇلا   ___ كېمىنى خۇدايىم بىرە . ___ ...   ___ بۇلاپتۇ ، سىلە چىدىمىسىلا مەن چىداي ، پۈتۈنلىۋىتىييا ، بولدىما ؟   ___ ئىككى يۈز يىگىمىما ؟   ___ ئىككى يۈز ئومبەش ، ما پۇلنى سانىسلا . : ___ خېلىۋەك كام تېخى . ___ مالنىڭ نەقىگە يەتكىننى بىلەممىللە .   ___ بازانى مەن قىيمەت قىپ بۇلاممايتمە ، سىلە ئەزان قىپ بۇلاممايتلا ، بازا نەقىدە ئاسلا . ___ بۇلاپتۇ ،قىيمەت ئېپسەن دەپ ئاچچىقلايتقان ئانام ، دادام يوق ، يەنە قاتاي بەش كوي ، ئاچسىلا ئالقانلىرىنى . ___ كام بۇلا ___ شەيتاننى ھەيدىۋېتىپ سانىسلا ما پۇلنى .   ___ كام بۇلا   ___ قانچىلىك كام ، دىسىلە ئەمىسى . ___ ئۆزلىرى بىلەلا . ___ ھەي بەندە ، ئەدەمنىڭ كېمى ئۆلگەندە تۈگىيتۇ . ___ ئۇغۇ شۇ . ___ بەدىم دىسىلە تاش چىشلەپ تۇرۇۋاماي ئەمدى . ___ مىنى قىستىمىسىلا ، ئۆيىمىزگە چىققان بوسىلىغۇ بۇنچىلىك بىينىمىنى پۇل ئالماي ئالدىلىرغا سېپ بىرتمە ، بازاغا ئەكىپ قېپتىمە ئەمدى . ___ مۇشۇ ئۇز گەپلىرىگە چىدىماي يەنە بەش كوي قاتتىم . ماۋۇ قالاپ تۇغانلار ئاڭلاپ قالدى ، گىپىمدىن يېنىۋامايتمە . ___ بەسىلە ئەمدى .(يېنىدا تۇرغان باشقا بىرسى سۆزلەيدۇ ___ بىرەمتىمە ، بەمەمتىمە ئۆزەم بىلىتمە ، دالتەك بوماي يولىڭىزغا مېڭىۋىرىڭە سىز . ___ خاپومىسلا ، خاپومىسلا ، سالاچى بومىسا سودا قىماق تەس . ئىبايا مەنما يەنە قوشسىلا دىگەن سالاچىلارغا ئاچچىقلاپ قامىدىم . سىلە بەدىم دىگەندە ، مەن ئالدىم دىگەندە بۇتۇ سودا دىگەن . يەنە كامما ؟ ___ بەمىگەن يىرىم با .   ___ نەچچە پۇلغا بەمەپلە ؟' ___ ئىككى يۈز يەتمىشكە .   ___ بازا دىگەندە ئاشۇندا ئالا چىپا ئەدەملە با ، ئامايتقان ھالىغا قالىماي ئاسماندا گەپ قىتۇ . بىرىي دىسە ئۆيدىن پۇل ئەكىلىي ، بىيكىمگە بىرىۋەتمىسلە دەپ قوياپ يوقاپ كىتىتۇ . ئاشۇندا ئاشۇندا ئالا - چىپادىن بىيسى ئۇچۇرۇپتۇ سىلنى .  ___ ئۇچۇرمىغان ، چىن - پىششىغ تالاشقان .   ___ ئەمىسى ئاشۇنىڭغا بەگۈلۈككەن .   ___ بۇ پاقلاننى ئـــاتمە دەپ جېق لەۋزى قىللا ، لەۋزىلىرىگە رازى بوسىلا ماقىما . ___ لەۋزىمنى ئامىللا ئەينا . , ___ لەۋزىلىرىنى مىڭ كويغا ئاساممۇ قىيمەت ئەمەس ، شۇندا بوسىمۇ .... ___ بەسىلە بومامتا ئەمىسى. ___ خاپومىسلا ، بازادا خىيدا يالغۇر سىلى ئەمەس . ___ مال ساتقىلى كىيگەنلىمۇ يالغۇز سىلى ئەمەسكەن ئەينا ___ نەچچە پۇلغا چىقلىكى؟ ___ ئىككى يۈز يىگىمبەشكە چىقتىم ، ماۋۇ پۇلنى سانىۋېلىپ ئەكەسلە بۇ يانچاقنى ماڭا بەسلە . , ___ خاپوماي بازانى چۆگىلەپ كەسلە ، مەنمۇ بىيدەم بازانى دەڭسەپ باقاي . بەگىدەك يىرى بوسا ھېلى كەگەنلىرىدە بىرەمە . ___ ئەمىسى ساتقىلى ئالدىرمىسلا .   ___ ئابدان شۇنداق قىپ بۇ ئەدەم قۇزىىسىنى ساتاممىغان چېغىۋا. لېكىن سودا قىلىش جەريانى بەك مۇرەككەپكەن. مەن بۇندا بازاغا باسام ھېرىپ ئۈلەپ قاغىدەيمە
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

نىمە دىگەن قىززىق سودا بۇ ، خېلى خېلى شاش باللا چېغىدا ئاندا چىرايلىق سودا قىلالمايدۇ جۇمۇ ، شۇڭا تاللا بازانىڭ مۇقم باھالىق ماللىرنى ئاغاننى ھېسابلىمىغاندا ھازىرقى ياشلىرمىز سودىغا بەكلا توڭ ، بەكلا بەتخەج
ئوخشىتىپ يېزىلىپتۇ (ئۆزۈممۇ خوتەنلىك)
ۋاقتى: 2014-8-9 17:09:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقۇم باھا دۇككانلىرىدىن باشقا يەرلەردە باھا تالىشى دىگەن ھەممە يەردە بارغۇ
ۋاقتى: 2014-8-9 19:54:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ خوتەنلىك لېكىن مەن ئۇنداق گەپ قىلمايمەن
ئىدرىسجان ئەپەندىم ئۆمولاخمان قەشقە پاراڭلىرىنى قىتتى، بۇ قىتىم خوتەنچە گەپلىنىمۇ ھەجەپ كەلتۈرۈپ دىيەلەپتىيـــــا.   f# x  K+ @4 O5 R+ Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەقىقەتەن كەلتۈرۈپ يېزىپسىز بۇ سودىنى، خوتەننىڭ قوي بازارلىرىدا بۇنداق سودا ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ۋاقتى: 2014-8-9 22:35:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خوتەنچە شىۋىنى ئوقۇغاندىن نەقمەيداندا ئاڭلىسا بەك قىززىق بۇتۇ
[color]ئەسسالامۇئەلەيكۇم[color=yellow:]
[color]ئەسسالامۇئەلەيكۇم[color=yellow:]
[color]ئەسسالامۇئەلەيكۇم[color=yellow:]

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-26 21:20

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش