روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 7288|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

«سادىرپالۋان»قىسقىچەتارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سادىر پالۋان 1798- يىلى ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختىيۈزىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ.  
4 o/ D0 Y3 b4 l, x4 n& L! Y# o7 L   1762- يىلى 10- ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا جاڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ئىلى جاڭجۈنگە قاراشلىق مانجۇ چېرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ تەمىناتىنى قامداش، ئۇلارنى ئوزۇق - تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋپلىك دەپ قارالغان كىشلەردىن بىرىنچى قېتىمدا 6000، ئىككىنچى قېتىمدا 2000جەمئىي 8000 تۈتۈننى ئىلىغا يانچى قىلىپ پالايدۇ. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت ئاشۇ بىرىنچى قېتىم كۆچۈرۈلگەن تۈتۈننىڭ بىرى ئىدى.  : r  r3 C9 t1 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول دەپ ھېسابلىنىدىغان مۇزداۋان يولى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرىلىدۇ.  كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ مۇز داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ، يوشۇرۇن مۇز - قار ئۆڭكۈرلىرى، مۇز يېرىقلىرى بار ئىىدى. ئالدىنقىلار ماڭغان يولىغا مۇز، تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى. كېيىنكىلەر شۇ ئىز بىلەن ماڭاتتى. بۇ ئىگىز مۇز تاغ ئۈستىگە ئەتىگەن سائەت تۆت بىلەن داۋان يولىغا ماڭغان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزنى چوقۇم ياسىغان پەلەمپەيلەرگە كىگىز ، پالاس ۋە جۇۋا، چاپانلاردىن سېلىپ ئات - ئېشەكلەرنى ( تۆگە ماڭالمايتتى ) ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۈستىگە چىقاتتى. داۋان ئۈستى بىردەم - بىردەم ئاق - قارا بۇلۇتلار ۋە قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ ئۈچ مېتىر ئالدىدىكى نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بۇنداق چاغلاردا ئادەم ئۇلارغا چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى. ھاۋا ئوچۇق بولغان چاغلاردا، ھاڭدىن غۇلاپ كېتىپ ئۆلگەن ئات - ئۇلاغ، ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى، سودىگەرلەرنىڭ مال - مۈلۈكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.  + u) c! M. o& t) G6 }0 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    شۇ قېتىمقى كۆچ- كۆچتە نۇرغۇن كىشىلەر مۇز داۋاندا ئىس - تۈتەك ئېلىپ كېتىپ ، مۇزلاپ، ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن ئىدى. شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئۆتەلىگەن بىچارە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارتقان چەكسىز دەرد - ئەلەملىرىنى مۇنداق قوشاق بىلەن ئىپادىلەشكەن ئىدى:  
# N  J5 ^2 k. t3 v: T- f9 ~
( p! i$ |" O  D* T% a6 y" Q8 C7 S" Xبۇ تاغلار ئېگىز تاغلار،  
4 k+ V% U" ]0 {5 N0 sغېرىپنىڭ يولىنى باغلار.  
. M; _$ q& Q. w* Q) n+ o0 Xغېرىپ ئۆلسە كىم يىغلار،
. O  p- {0 }6 Z4 P! C3 \3 jغېرىپقا غېرىپ يىغلار.  
4 L' `' Z. s1 p2 {" H
# I* ?8 x# r( D, `    يانچىلار ئىلىغا چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قوتان تام دېگەن جايغا ئورۇنلاشقان. كېيىن ئىلى دەرياسى بويىدىكى قاينۇق، قاش، بولغۇجىر، جىرغىلاڭ، تاش ئۆستەڭ، بالتۇقاي، خۇنىخاي، دادامتۇ، ئارا ئۆستەڭ قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئورۇنلاشقان ئىدى. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىنىدۇ. كېيىن ئۇ خوتەن قارىقاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ مەھەللە كېيىن « قاش مەھەللىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  - P3 t* a9 n  x8 v1 o' p7 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     يۇقىرىقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار مانجۇ ئىستىبداتلىرى تەرىپىدىن ئۆستەپ چېپىپ قاغچىرىغان باياۋانلار، چۆل - جەزىرىلەرگە سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۆي - ماكانسىز بۇ جەزىرىدە ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بالا - چاقىلىرى بىلەن ئوچۇق - يورۇق دالىلاردا ھايات كەچۈرىدۇ. ئۆستەڭ چېپىش زۇلۇمىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇلار تۆۋەندىكى قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ:  
% I. i) x" G# s& Y: x2 ?
1 }. Y5 Y# B# p9 k1 n; H$ o* Z' dئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق،
% \; F& s) j$ S: Z+ y- M+ f' k7 e5 Dچاپسا كەتكەن ئۆتمەيدۇ.  
0 D) X) v" g. [7 \5 Jمانجۇ تۇڭچىسى بەگلەر،  
- E# j' Y% K$ oبېشىمىزدىن كەتمەيدۇ. # N1 x8 H5 v! Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

) o* A% ]9 V' M( m8 e$ K9 K; y5 E    مانجۇ ئىستىبداتى يانچىلارنى قورغان سوقۇش، ئۆي سېلىش قاتارلىق ھەر خىل ھاشار - سېلىقلارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاپلا قالماستىن، بەلكى، ئۇلارنى يەر تېرىپ، مانجۇ دائىرىلىرىگە ئاشلىق سېلىقى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. دەسلەپتە مانجۇلار ھەر بىر تۈتۈندىن 16خو، كېيىنرەك 32خودىن ئاشلىق سېلىق سالىدۇ. پۈتۈن ھوقۇق مانجۇ ھاكىمىيىتىدە بولۇپ، ئەمەلدارلار ھەر خىل يول بىلەن پارە ئېلىپ قاقتى - سوقتى قىلىدۇ. مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى تىزلىنىپ تازىم قىلاتتى. مانجۇلارنىڭ مۇشۇنداق زورلۇقى ئاستىدا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار مۇشۇ قوشاقلارنى ناخشىغا قېتىپ ئېغىر كۈنلەرنى بايان قىلىدۇ:  3 T8 s( f2 U: A- t3 x4 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

3 O/ t) _; L' ~" S- zجاننى چىرتىپ ئەتتى، # l8 ~/ V$ K+ A% a- xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالۋانچىلارنى دەرەي.  ; d. p8 R# |( ?; Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاندىن تويۇپ كەتتى، 5 U# \+ }. A& b6 j% hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇڭچىلارنى زەرەي. $ M. R1 W' `1 ~, [6 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 _2 R( g+ c; I! I* `$ L& Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     سادىر كىچىكىدىن شوخ - تېتىك، خۇشخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ جاپا - مۇشەققەتتىمۇ ، راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن زالىمغا بولغان غەزەپ - نەپرىتى، ئېزىلگۈچى خەلقلەرگە بولغان سۆيۈنىشى كىچىكىدىن پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ ھەر قېتىم خەلقنىڭ دەرد - ئەلەم بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندە غەزەپكە تولسا، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن باتۇر ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى يېتىلدۈرۈشكە بەل باغلىغان. پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر ئىگىز بويلۇق، كەڭ كۆكسىلىك، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان، ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان، ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئۇستا قوشاقچى ئىدى. سادىر قاتمۇ قات زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئېغىر ئالۋاڭ - ياساقنى تاپشۇرالمىغانلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، مەزمۇملار تەرەپتە تۇراتتى. شۇ چاغدا ئالۋاڭ - ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆل - جەزىرىلەرگە قېچىپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى. زالىملار ئۇلارنى «قاچاقلار» دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا، سادىر ئۇلارنى ھىمايە قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ «قاچاقلار» نى قوزغاپ ئوقيا، نەيزا، ئايپالتا، چوماق ۋە قىلىچ بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مانجۇ چېرىكلىرى بىلەن ئېلىشىدۇ. شۇ كۇنلەردىن باشلاپ «سادىر پالۋان» دەپ ئاتىلىدۇ.  : w6 |5 S, g7 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئىلى جاڭجۈنى كۆپ قېتىم سادىرنى تۇتۇش ھەققىدە پارمان چۈشۈرىدۇ. خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ. سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇ زىندانغا قامالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن قېچىپ چىقىپ كۆرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتى بىلەن قىلغان كۆرەشلىرىنى مۇنداق دەپ قوشاققا قاتقان ئىدى:   G$ _0 Q" j2 Y" H3 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
0 Y2 o' F) n  E  N5 Z0 o( }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سادىر دەپ ئېتىم يامان،  # u" t( A% K% _# w" }( w4 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئونبەش ياشتا ئاتالغان.
- X7 P9 D  z. ~7 G5 iدەسلەپ تۇتۇلغاندا،  6 m# K5 i5 M* O9 t& f( y: L" aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.  
+ K; F- w5 p( @( z8 `1 L) y" q  A2 K& I! d7 w; Y8 L6 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يامۇلنى تېشىپ قويۇپ،  " }5 u& c& K1 `+ o0 ?3 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىككى چىقتىم تالاغا.  
3 M% H; f2 z: F$ B. Yمېنى باققان بەش يايى، , I+ G) w5 G( o) z3 Y; Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمدى قالدى بالاغا.
/ h. `% r+ l7 R# x- w% [( r# s, r5 l: T2 v, k0 m. |( e: }8 K! Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن خەنزۇ خەلقىدىن باشلىنىدۇ. 1863- يىلىنىڭ ئاخىرىدا گەنسۇ، شەنشى، نىڭشيا ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇلار ئارىسىدا ۋە 1864- يىلى شىنجاڭنىڭ شىمالى، جەنۇبىدىكى جايلاردا قوزغىلىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭى دەل شۇ چاغدا باشلىنىدۇ. سادىر پالۋال ئىلى ۋىلايىتىدە پارتلىغان قوزغىلاڭنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى.  7 h, p( m2 F  D9 T/ Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    1861- يىلى 3000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى غۇلجا شەھىرىگە ئىككى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەر خەلقى ئىچىدىن ماسلىشىدۇ. نەتىجىدە ئون كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن غۇلجا شەھىرى ئازاد قىلىنىدۇ.  
1 z7 M" |2 T' [/ v8 ?+ ]* u     ئېيتىشلارغا قارىغاندا سادىر پالۋان 1864- يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم قىلغاندا 40 ئۆچكىنىڭ مۇڭگۈزىگە باغلانغان شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ، قۇيرۇقىغا پوجاڭزا باغلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن، شام يورىقى ۋە پوجاڭزىنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچىگەن چىلپەڭزا ئامبىلى تېزلا تەسىلىم بولغان. بايانداي ئۇرۇشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىغا لەخمە كولاپ بېرىپ دورا كۆمۈپ سېپىلنى پارتلىتىدۇ. بۇ چاغدا 5000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يوچۇقتىن قەلئە ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، سېپىلنى مانجۇ چېرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.  & j& C) H3 G' O+ r! Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     1867- يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغان سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى مولتوختىيۈزىگە قايتىپ  كېلىدۇ ۋە تۆت يىل ئۆتۈپ 1871- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ. + y+ n3 ^. R# F! _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    خەلق ئۆزىنىڭ بۇ سەمىمىي باتۇر پەرزەنتى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرىدۇ. ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ بۈگۈنگىچە ياد ئېتىپ كەلمەكتە. (شېرىپ خۇشتار يازغان ) 5 j) s* B  u) v% f' U4 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

( u! w5 Z) W6 @. a% i
. Q6 W! {3 X, x+ B0 D1 S5 B7 q, Bمەنبە:ئەپەندىم تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2015-3-26 13:17:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ،بەك جاپا  تارتىپسىز .،ھارمىغايسىز  
ۋاقتى: 2015-4-21 17:53:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندېشىم مەن سادىر پاپۋاننىڭ تۇلۇق ھاياتى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتىم يوللاپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش