روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2307|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تىللىۋەتتىم باشلىقنى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alxir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 21:40  

تىللىۋەتتىم باشلىقنى

كۆپكۆك تۇرسا بۇغدايلار يىغىڭ دېسە ئاشلىقنى،
كۆڭلۈم ئەمدى كۆتۈرمەس ئىزا، خورلۇق، غەشلىكنى،
يۈرىۋەرسەم مۆرىمەي قىلامدىكەن شاشلىقنى،
قايرىپ قويۇپ ھۆرمەتنى، قىلدىم مەنمۇ پەسلىكنى،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.

مەقسىتىمىش باي قىلىش لېكىن قەرزىم ئۈزەلمەي،
كىملەر بېيىپ كەتتىن قالدىممۇيە بىلەلمەي.
ئون يىل كەتمەن چېپىپمۇ ياخشىراق كۈن كۆرەلمەي،
پەرۋىش قىلىپ كۆچەتنى مېۋىسىنى يېيەلمەي،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.

مەجبۇرلىدى ھەر يىلى يەرگە سال دەپ كۆچەتنى،
ئۆرۈك، ياڭاق ئالماشتى، توختاتمىدى ئۆچىرەتنى.
«بىر ئىشتا قوش ئۈنۈم»مىش سەۋەبىنى بىلمەكنى،
«نادان دېھقان» بىلمەسمىش بۇنداق ياخشى «ھېكمەتنى»،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.

بۇلتۇر سالغان ئېغىلنى بۇ يىل قايتا سال دېگەن،
پۇل يوق دېسەم ناۋادا خەقتىن قەرز ئال دېگەن.
چېقىپ – سېلىپ يۈرۈشكە توشامدىكەن جان دېگەن،
تېتىمامدۇ ئەمەندەك كۈندە يېسە بال دېگەن،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.

ھەممە يەردە ماختايدۇ، دېھقان راسلا بايمىكىن،
چىققان ياخشى سىياسەت ئاسماندىكى ئايمىكىن؟
سۆزلەي دېسەم توسقاننىڭ ئاغزى – بۇرنى مايمىكىن؟!
باشلىق ئاققان ئېقىننىڭ يا بېشىدىن لايمىكىن؟!
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.

ئۆز قەلىمىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

شىئىر بولا مۇشتاق بولا...جىڭ دىھقاننىڭ زارى بوپتۇ بۇ....مۇشۇ نەپسانىيەتچى پەس كادىرلارنى مىنىڭمۇ تازا تىللاپ داستان يازغۇم بار.
ۋاقتى: 2014-6-25 02:14:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىپسىز ، رەھىمەت  !
ۋاقتى: 2014-6-25 07:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشائاللاھ!ئاللاھ قەلىمىڭىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈر،بەرىكەتلىك قىلىۋەتسۇن.ئامىن!بەك ياخشى يېزىپسىز،بىراق ئىككى يېرىگە ئانچە قوشۇلۇپ بولالمىدىم.بىرى ئۇنداق ناچار باشلىقلارنى تىللاش پەسلىك بولمايدۇ.يەنى بىر يېرى سىز دىگەن كۈندە يىيىلگەن بال نىمىكىن؟ماڭا ئەڭ تېتىغان يېرى ئەڭ ئاخىرقى كوپلىتتىكى باشلىق ئاققان ئېقىننىڭ بېشىدىن يا لايمىكىن دىگەن مىسراسى بولدى.ئۇكام بۇ شېئىرنى يەنىمۇ سەل كېڭەيتىپ،چوڭقۇرلىتىپ يازسىڭىزچۇ......تۇزىدىن يەنە ئازراق سېلىۋەتسىڭىزچۇ دەيمەن ھې ھې....ئۆزىڭىزنى سەل بېسىۋالدىڭىزمۇ ياكى ئالدىراپ يوللىۋىتىپ قالدىڭىزمۇ ئىشقىلىپ بىر يېرى كام.

Android  يانفۇندا يوللانغان

باھا سۆز

بىزدە "كۈندە ھەسەل يېسە ئەمەن تېتىيدۇ" دېگەن گەپ بار. بىر ئىشنى تەكرار قىلىۋەرسە مەزىسى بولمايدۇ. ئۆينى چېقىپ -  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-25 11:25
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-25 11:25:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 07:46
ماشائاللاھ!ئاللاھ قەلىمىڭىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈر،بەرىكەتل ...

بىزدە "كۈندە ھەسەل يېسە ئەمەن تېتىيدۇ" دېگەن گەپ بار. بىر ئىشنى تەكرار قىلىۋەرسە مەزىسى بولمايدۇ. ئۆينى چېقىپ - سېلىۋىرىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. چۈشەندىڭىزمۇ ئاچا
ئەسلىدىغۇ شۇنداق قىلاي دېگەن، لېكىن زورلاپ يازغۇم كەلمىدى.
ۋاقتى: 2014-6-25 11:38:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.بەك ياخشى يېزىپسىز.بەك سۇيۇندۇم.رەھمەت جۇمۇ.
ۋاقتى: 2014-6-25 11:49:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ئۆتكۈر ئىكەن ..............
ۋاقتى: 2014-6-25 13:00:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر يزىىشقا ماھىركەنسىز ،ۋاي ئىسىت مەنمۇ يازالىغان بو لسام ئاچچىقىمنى چىقىرۋالاكەنمەن.قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بەرسۇن.رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-6-25 13:14:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-14 08:13

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش