قايدىممىكىنتاڭ
مۇھەممەتجان راشىدىن
دۇنيا ماڭا بەردىم دەپتۇ ئالدىممىكىنتاڭ،
بەرگىنىنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىممىكىنتاڭ.
ئىلكىمدە يوق،ئۆشنەمدە يوق يادىمدا ئاندىن،
كىملەرنىڭدۇر يانچۇقىغا سالدىممىكىنتاڭ.
بەخت دىسە يىللار ماڭا ئۆمۈر بەردى راست،
شۇنچە ياشاپ شۇ ئۆمۈرگە قاندىممىكىنتاڭ.
ھايات يولى قالتىس دىگەن يالغان گەپ ئىكەن،
كىم بىلىدۇ يا مەن خاتا ماڭدىممىكىنتاڭ.
ئايرالمىدىم بۇ ھاياتنى ئوڭۇممۇ چۈشۈم،
دەرتمەنلىكتە ئىچىپ قويۇپ قايدىممىكىنتاڭ.
ئەسكىلەرگە ئارلاشتىڭ دەپ ئۇرغانلىرى راست،
ئۇرماس ئىدى مەن ئۇلاردىن تاندىممىكىنتاڭ.
تەغدىرىمدە يەرگە چۈشكەن بىر تال ئۇرۇقمەن،
ئۈنگىنىم راست ئەمما پىلەك يايدىممىكىنتاڭ.
شىئېرلىرىم بۇلۇتلارغا چىققاندەك قىلغان،
ئېتىزلارغا يامغۇر بولۇپ ياغدىمىكىنتاڭ.
شائېرلىقنىڭ ئاسمىنىدا ياكى شام بولۇپ،
قاراڭغۇنى يورۇتقۇدەك ياندىممىكىنتاڭ.
ئارزۇ دىگەن باشقا ئىكەن ، ئارزىگۈل باشقا،
ياقتۇرمىساڭ مەن ئۆزۈمنى تاڭدىممىكىنتاڭ.
ئۆمۈر بويى كالتە يەڭگە چالدىم چاۋاكلار،
ئەمدى چالماس بوپ قاپتىمەن ھاردىممىكىنتاڭ.
چاتقاللاردىن ساق چىققىنىم غەنىمەت ماڭا،
جىمىپ قالدىم ئەتىمالىم چاندىممىكىنتاڭ.