كەچۈر مېنى ئايشەمگۈل
ئالدىراپلا دەپتىمەن كەچۈر مېنى ئايشەمگۈل،
بانا – سەۋەب بوپتىمەن كەچۈر مېنى ئايشەمگۈل.
ساڭا جاپا ساپتىمەن كەچۈر مېنى ئايشەمگۈل،
مەنمۇ گەپكە قاپتىمەن كەچۈر مېنى ئايشەمگۈل،
ئاڭلا سۆزۈم ئېيتىمەن كەچۈر مېنى ئايشەمگۈل.
يول كۆرسەتسەڭ چىرايلىق خىجىل بولماي ئالاي دەپ،
تونۇمايتىم ئەسلىدە ئەمدى تونۇپ قالاي دەپ.
ئاللاھ ئىگەم بۇيرۇسا مۇرادىمغا قاناي دەپ،
خىيالىمدا سەن بىلەن تېخى تۇرمۇش قۇراي دەپ.
ئاڭلا سۆزۈم ئېيتىمەن كەچۈر مېنى ئايشەمگۈل.
سەۋەب قىپتۇ پىتنىگە چاق – چاق دېگەن سۆزۈمنى،
گۇناھكاردەك سېزىمەن شۇندىن بېرى ئۆزۈمنى.
قىلغان ساددا ئىشىمغا ياشلامدىم يا كۆزۈمنى؟
يۈرەي قانداق كۆتۈرۈپ بۇ مۇنبەردە يۈزۈمنى؟
ئاڭلا سۆزۈم ئېيتىمەن كەچۈر مېنى ئايشەمگۈل.
كىرىپ شەيتان كەينىگە ئۆتكۈزدۈم كۆپ گۇناھنى،
تەۋبە قىلىپ يۈرەكتىن زىكىر قىلاي ئاللاھنى.
پىتنە – پاسات تاپقانلار ئاڭلاپ قويسۇن ئاگاھنى،
قىيامەتتە بىرىمىز ھەممە ھېساب – كىتابنى،
ئاڭلا سۆزۈم ئېيتىمەن كەچۈر مېنى ئايشەمگۈل.
گەپ تامام، ۋەسسالام.
يۇمۇر ئېيتماقچى بولساق بىر كۈنى
ئەپەندىم، بىر كۈنى ھېسامكام دەپ باشلىغاندەك مۇنبەردە قىز - ئاياللار توغرىسىدا گەپ بولسا "ئايشەمگۈل" دىن باشلايدىغان بولۇپ قالمايلى. ئايشەمگۈل بىلەن ئىككىمىزنى ئارامخۇدا ياشىغىلى قويۇڭلار.