روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1792|ئىنكاس: 26
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل

دەردىم يۇتۇپ يۈرەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل،
پىشانەمدىن كۆرەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.
تەڭسىزلىككە كۆنەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل،
مەقسىتىڭنى بىلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل،
ئىشلىمىسەم ئۆلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.

ئىدارەڭگە ھېچقاچان قۇل بولغىلى كەلمىگەن،
تەشتىكىدىن چىقالماس گۈل بولغىلى كەلمىگەن.
مىنىۋالساڭ پاتاڭغا ئۇل بولغىلى كەلمىگەن،
ئالداۋەرسەڭ ئۇيالماي گول بولغىلى كەلمىگەن،
ئىشلىمىسەم ئۆلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.

بىر ئاي تولۇق ئىشلەپمۇ ئالالمىسام مائاشنى،
« قىيامەتتە سورامدۇ خورلىمىساڭ ياۋاشنى » ،
خوشامەتچى ئەمەستىم ئۆگەندىمغۇ ماختاشنى،
ئەنسىرىدىم ئاڭلاشتىن « قوغلا ماۋۇ ئاداشنى » ،
ئىشلىمىسەم ئۆلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.

توي – تۆكۈنگە، ئۆلۈمگە رۇخسىتىڭسىز بارالماي،
ھېيت – بايراملار كەلسىمۇ تۈزۈك ئارام ئالالماي.
ھېرىپ ھالىم قالمىدى ساڭا ياخشى بولالماي،
تىل ئاڭلىدىم نەچچە رەت دېگىنىڭدەك قىلالماي،
ئىشلىمىسەم ئۆلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.

ساقچى قىلدىڭ خالىساڭ كوچا چارلاپ يۈرگىلى،
كېلەر قېتىم قاراۋۇل، بولماس لېكىن بىلگىلى.
ئۇرۇق – تۇغقان، دوستلىرىم تۇردى قاپاق تۈرگىلى،
تار كەلدىغۇ بۇ جاھان خىجالەتتە ئۆلگىلى،
ئىشلىمىسەم ئۆلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.

ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +9 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
نۇرلان + 9 + 5 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-3 19:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى كۆرۈپ ھەرقايسى تارماقلاردا ئىشلەيدىغان مائاشلىق تونۇش- بىلىشلەرنىڭ خىزمەتنىڭ نۆۋەتتىكى تۈرلۈك بېسىملىرىدىن زار- زار قاقشاپ سۆزلەپ يۈرگەنلىرى ئالدىمدا گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. خىزمەت ئىشلىمەك بەسىي مۈشكۈل، بەزىبىر يوليۇرۇق، ئۇقتۇرۇش- ھۈججەت، ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەنلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا پەقەت ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، قىلماي دېسە يوقۇرنىڭ بۇيرۇقى، قىلاي دېسە بەزى ئىشلار ھىچبىر قولاشمايۋاتقان. شۇ بىرقىسىم كۆز بويامچىلىق، يالغانچىلىقنىڭ دەستىدە بىچارە «ئاق ياقىلىق» لار بىر ئىشنى تۈگىتىپ بولغۇچە ئون ئىش دېۋەيلەپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك، جەمئىيەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىدارە- ئورگان، مەكتەپ، كەنت- مەھەللىلەرگىچە كېچە- كۈندۈز دېگۈدەك ئون- يىگىرمە كىشى بىر گورۇپپا بولۇپ «دەرۋازا بېقىش» ۋەزىپىسى يۈكلىنىپ تېخىمۇ بەك جاننى قاقشىتىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارغا نېمە دېگۈلۈك، قانداق قىلغۇلۇق. شۇ ۋەجىدىن نەچچە يىللاپ ئوقۇپ، نەچچە يىللاپ جاپالىق ئىشلىگەن شۇ خىزمىتىدىن بويۇنلىرىغىچە تويۇپ كەتكەنلەرنىڭ دەردىنى نېمە دەيلى ئەمدى!
ھەي خىزمەت، ھەي تۇرمۇش! ھازىر مەيلى مائاشلىق خىزمەتچى بولسۇن ياكى دېھقان بولسۇن ۋە ياكى تىجارەتچى ھۈنەرۋەن كاسىپلار بولسۇن ھىچقايسى ئادەمدە ئارامچىلىق، ئازادىچىلىك يوق. دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە پۇل پاخاللىقى كۆرۈلۈپ، تۈرلۈك تاۋارلار، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى دېگەنلەر نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى، كۈندە نەچچە يۈز يۈەنلەپ پۇل تېپىپ ئىقتىساد قىلدۇق دېسەكمۇ تاپقان پۇلىمىز ھېلى ئۇ- ھېلى بۇ ئىشلار بىلەن تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ (تېما ئاساسىي مەزمۇنىدىن سەل چەتنەپ كەتتىم، شۇنداقتىمۇ توغرا چۈشەنگەيسىلەر).
ۋاقتى: 2014-6-3 19:35:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەردىم بايۇ دەردىم با
باشىمدىكى ساچىمدەك
كادىر بۇلۇپ تويدۇممەن
سوك-سوك لالما غالچىدەك
ۋاقتى: 2014-6-3 20:59:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىزجۇمۇ مۇنۇ شىئىرنى،كادىرمۇ سىز؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-3 21:09:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلىغۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-6-3 20:59
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىزجۇمۇ مۇنۇ شىئىرنى،كادىرمۇ سى ...

يېڭى ئەزاكەنسىز ھە،
كادىر ئەمەسمەن.
ۋاقتى: 2014-6-3 21:11:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلىغۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-6-3 20:59
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىزجۇمۇ مۇنۇ شىئىرنى،كادىرمۇ سى ...

نىمىگە دىلغۇل بولدىڭىز مۇنبەرگە چىقىۋاتقانلارنىڭ 90% كادىر ئاممىسىدىن ئىبارەت يولداش .
ۋاقتى: 2014-6-3 21:20:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-6-3 21:09
يېڭى ئەزاكەنسىز ھە،
كادىر ئەمەسمەن.

شۇنداق ،يىڭى كەلدى ئاخۇن بوپ قالدۇق ئەمدى .
كۆپرەك ياردەم قىلاسىز ھە
ۋاقتى: 2014-6-3 21:22:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bay يوللىغان ۋاقتى  2014-6-3 21:11
نىمىگە دىلغۇل بولدىڭىز مۇنبەرگە چىقىۋاتقانلارنىڭ 90%  ...

مۇشۇ تۇرمۇشنىڭ ئىشلىرى بىشىمنىي بەك قايمۇقتۇرۇپ دەڭە ،شۇنىڭغا دىلىغۇللۇقتا  قىلۋاتمامدىم
ۋاقتى: 2014-6-3 21:40:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bay يوللىغان ۋاقتى  2014-6-3 19:35
دەردىم بايۇ دەردىم با
باشىمدىكى ساچىمدەك
كادىر بۇلۇپ  ...

بۇ خۇرلوقتا ئولدىم مەن
ۋاقتى: 2014-6-3 21:48:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلىغۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-6-3 21:22
مۇشۇ تۇرمۇشنىڭ ئىشلىرى بىشىمنىي بەك قايمۇقتۇرۇپ دەڭە ...

يەنىللام شۇ قۇرۇق تەسەللى ، بۇ كۈلەرمۇ ئۈتۈپ كىتە .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-25 03:56

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش