روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 11580|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سۆيۈش ئۈچۈن سۆيۈلۈش - (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۆيۈش ئۈچۈن سۆيۈلۈش 7 j8 w! r$ B/ h7 s* q9 B* Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىر سىڭلىمغا ئوچۇق خەت): e8 [1 R$ M, jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
" x  L: y: ^. u, hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر دوستۇم ماڭا: «مىللىتىمنى سۆيەي دىسە، مىللىتىمنىڭ كالپۇكى بولمىسا.....» دەپ چاقچاق قىلغاندى. مېىنىڭچە سۆيۈشىدىغىنى كالپۇك ئەمەس،. ھەر بىر شەيئىينىڭ «پايتەختى» ھېسابلىدىغان يۈرەك. كالپۇكسىز شەيئىى، شەيئىى بولغىنى بىلەن. يۈرەكسىز شەيئى مەۋجۈت ئەمەس.   V4 W+ {6 j$ A4 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆيۈشۈش ـــ پەقەت ۋە پەقەت بىر-بىرىگە ئاشىق بولغان ئىككى ياشقىلا تەئەللۇق بولغان، شۆلگەي ئالماشتۇرۇش «باش تېما» قىلىنغان ھەركەت جەريانى بولماستىن، بەلكى كائىناتتىكى ھەر بىر تال زەررىچىگىچە چېچىلغان پىسخولوگىيلىك پائالىيەتتۇر.1 {- K, b3 U5 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز گەرچە بىرەر قېتىممۇ يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ ھەم روبىرو ئولتۇرۇپ سىرداشمىغان بولساقمۇ، بىر نەچچە قېتىملىق خەت ئالاقىسى قىلىشىش ئارقىلىق خېلى يېقىن ئاكا – سىڭللاردىن  شۇنداقلا ئايرىلماس دوسلاردىن بولۇپ قالدۇق. بۇ جەرياندا يولۇققان ئازابلارغا تەڭ شېرىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئېرىشكەن خوشاللىقىمىزدىنمۇ تەڭ ھۇزۇرلاندۇق. مانا بۇ بىزدىكى « سۆيۈشۈش» تىن تۇغۇلغان ئوماق « بوۋاق» . بۇ بوۋاقنىڭ كېينكى تەقدىرى ئەخلاقىمىزغا، ئىمانىمىزغا. ..... باغلىق. 2 _4 b' y8 r: q# @4 m9 c- O4 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قەدىرلىك سڭلىم ئاتىكە! ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا يازغان خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمىدىم. ئۆزنمدىن ئىبارەت بىر ئەركەكنى، سىزدىن ئىبارەت بىر قىزنىڭ ئورنىغا قويۇپ، دۇنيانى قايتا تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆردۈم. سىز ئېيتىقاندەك « قىز – ئاياللار سۇيۇق ئەرلەرنىڭ سۇيۇق دۇنياسى ». ( سارتېرىي) ئەمەس، مېنىڭچە دۇنيا قىز – ئاياللارسىز كەم دېگەندە « ھالاكەت دېڭىزى» غا غەرىق بولىدۇ.
0 v- o& s, b4 G; d9 [( ~7 Pسىزنىڭ «قىز» لىقىنى يوقاتقان خىيالىڭىز ئۆزگىچە نازاكەت بىلەن بىزگە قول سىلكىۋاتقان يېڭى دەۋىرنىڭ ئالتۇن دەرۋازىسى ئالدىدا، ياۋايى تۇيغۇدا نەپەس ئاللالماي، يوقسۇل يۈرۈكىمنى تەۋرەتتى. سىز خىزمەت، تاللاش، تاللىنىش..... دېگەن سۆزنى ئاڭلاپلا « پۇشايمان خاتىرسى» نى يېزىپ ماڭا ئەۋەتىپسز. توغرا! ئاتا- ئانىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن نەچچىلىك پۇلنى دوغا تىككەنلىكى ماڭا ئايان. خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ياكى ئورۇنلىشالماسلىقىڭىز ئىگەللىگەن بىلىمىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك! دېسەم، كەم-كۈتسىز توغرا جاۋاپ بولماسلىقى مۇمكىن. تۇغۇلغانكەنمىز ئەلۋەتتە ياشاش كېرەك. ياشىغاندىمۇ تۈزۈكرەك ياشاش كېرەك. بىراق، ھەممە ئادەمنىڭ خەۋپ- خەتەرسىز مەڭگۈ بەخىتىلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەگەر ئۇنداق بولسا « بەخىت» دېگەن بۇ ئىككى بوغۇملۇق سۆز يەرشارىدىكى ئېيتلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ سۆزگە ئايلىنىپ قالمىغان بولاتتى.4 F$ Y; r  m* ^: R* Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياشاش- ھەممە مەۋجۇداتلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئەڭ ئېغىر مەجبۇرىيەت. بىراق، بىز كۆپىنچە ھاللاردا «ھوقۇق» دېگەن سۆزنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويغاچقا، باشقىلارنىڭ بۇيرۇقىنى قۇبۇل قىلىشنىلا بىلدۇقكى، باشقىلارغا بۇيرۇق قىلشقا پېتىنالمىدۇق. «گۇناھ دېڭىزى» داا لەھەڭ بولۇپ ئۈزدۇقكى «پاكلىنىش كۆلى» نى ئىزدەپ كۆرمىدۇق.شۇڭا «دىموكراتىيە دەرياسى» نىڭ نەدىن باشلىنىپ، قەيەرگە قۇيۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.
' F0 @7 a" E/ }/ j- ]$ ^بىز «سۆيۈشۈش»  ئۈچۈنلا تىرىشىپ «سۆيۈلۈش» لەززىتى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشقا ئۈلگۈرەلمىگەچكە «سۆيۈشۈش» دېگەن سۆزنىڭ لىكسىكىلىق مەنىسىنى شۇ قەدەر «تار كوچا» غا بەند قىلىۋەتتۇق. بىز نىمە ئۈچۈن؟ سۆيۈش، سۆيۈلۈش، سۆيۈشۈش دېگەن بۇ گۈزەل سۆزلەرنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمىيەت ئادەم بىلەن مۇھىت، ئادەم بىلەن ھوقۇق، ئادەم بىلەن مىللەت، ئادەم بىلەن ۋەتەن، ئادەم بىلەن پەن- تېخنىكا، ئادەن بىلەن سىياسەت.... ئوتتۇرىسىدىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى ھەم قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ئۈستىگە قويۇپ «تەجرىبە مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالمايمىز؟! مېنىڭچە كۆرۈنگەن قىرغاقنىڭ ھەممىسى يېقىن ئەمەس، بەزىدە سىز قىرغاققا بىر قەدەم يېقىنلاشسىڭىز، قىرغاق سىزدىن ئىككى قەدەم يىراقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ قىرغاققا چىقىش ئىستىكىدىن يانمىغان تەلۋە كىشلەر «بەخىت» ئۇقۇمىغا توغرا تەبىر بېرەلەيدۇ. + f+ M2 n3 x& g3 W" y; n- k$ }, Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىڭلىم ئاتىكە ! سىز ئۆزىنى سۆيمىگەن ئادەم ئۆزىنى سۆيمەيدۇ. ئائىلىسىن سۆيمىگەن ئادەم مىللىتىنى سۆيمەيدۇ، مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەم ۋەتىنىنى سۆيمەيدۇ.... دېگەندەك رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن سۆزلەرنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۆپ «ئىستىمال» قىلىۋاپسىز. مەن بۇ سۆزلەرنى تامامەن خاتا، دەپ چۇقان سالمىساممۇ، توغرا دېيىشكە رايىم بارمايدۇ. مەن نۇرغۇن ئىشلارغا  ئاچچىق ئاھاڭدا كۈلۈپ قويۇپ سۈكۈت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. بەلكىم يۇقىرقى «ئەقىدە» نى تەشۋىق قىلغۇچىلار، ئۇيغۇر تىلى لۇغەت  فوندىدا «سۆيۈلۈش دېگەن سۆزنىڭ بارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. ئادەم گاھىدا ئۆزىنى سۆيۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ھەرخىل ئىجدىمائى، سىياسى تۈزۈم ۋە باشقا  سەۋەبلەر مەزكۇر كىشىگە  مۇۋاپىق سۆيۈلۈش ئىمكانىيىتىنى ھازىرلاپ بېرەلمىگەن. « رۇس ئەدەبىياتىنڭ ئاتىسى» دەپ نام ئالغان مەشھۇر شائىر پۇشكىن «سۆيۈش ئۈچۈن ئاۋۋال سۆيۈلۈش كېرەك» دەيدۇ. قەلەندەر مۇۋاپىق سۆيۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەچكىلا تىلەمچىلىك  قىلشقا مەجبۇر بولغان. دۇنيادا ئۆزىنى سۆيمەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. ئوغرىنىڭ ئوغرىلىق قىلىشمۇ ئۆزىنى سۆيۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ! ئانىمىز بىزنى تۇغۇپلا  ئوغۇز سۈتىنى بەرمەي، تاشلىۋەتكەن بولسا «ئانا» دېگەن سۆزنى بۇنچىۋالا يېقىملىق تەلەپپۇزدا تەكرار-تەكرار ئېيىتمىغان بولاتتۇق. ماتورنىڭ ھەركەتلىنىپ نەچچە توننا يۈكنى سۆرەپ مېڭىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ماي قاچلىنىش كېرەك ئەلۋەتتە؟!5 V& r- N0 U; a0 z& lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىز دېگەندەكلا جەدۋەللەشتۈرۈلگەن تۇرمۇش رىتىمى بىزنىڭ تەپەككۇر قۇدرىتىمىزنى پاچاقلاپ تاشلىدى. ماتېماتىكا ئىلمىدە «تەتۈر نۇقتىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش» تىن ئىبارەت لوگىكىلىق تەپەككۇر  ئۇسۇلى بار.  مەن بالىلىق دەۋرىمدە مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تولا باش قاتۇراتتىم. ئاخشاملىرى ئاكام بىلەن بۆلۈشۈۋالغىنىم بىلەن ئەتىسى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم، ئاسماندا نېمە بار؟! دەپ سوئال سورىسا ، خۇدا بار! دەپ جاۋەب بېرەتتىم. شۇڭا، تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم مېنى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچۇمدەك ياخشى كۆرمەيتتى. بەزىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمىنڭ بارماق ئىزلىرى پېشانەمدە ھېلىھەم بارمىكىن دەپ گۇمانلىنىپ قالىمەن.6 ]% J, \/ g. M9 _4 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەزىدە ئادەم ئۆز ئىرادىسىگە  خىلاپ ھالدا ئۆزى ئىنتىلمىگەن نەرسىلەرگە «كالپۇك» تەگكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدىغان گەپ ئىكەن.
* X9 @9 X6 \( y# K" m3 M% q2 K3 v( kدۇنيادا شېرىن خىيال سۈرمەيدىغان بىرمۇ بالا يوق. بالىلارنىڭ خىيالى ئۆزگىچە بىر دۇنيا. نىيوتۇن :«ئالما نېمە ئۈچۈن ئاسمانغا چۈشمەي، يەرگە چۈشىدۇ» دېگەن خىيالنى سۈرەلمىگەن بولسا « يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى قانۇن» نى ئوتتۇرغا قويۇپ ئالىم بولالمىغان بولاتتى. دۇنيادا داڭىق چىقىرىشنى خالىمايدىغان، قەھرىمان بولۇشقا ئىنتىلمەيدىغان، رېكورت بۇزغۇچىلارغا ھەۋىسى كەلمەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. . ~8 S" ?8 R) Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنمۇ بەزىدە:«بىر كېچىدىلا كاتتا روماندىن بىر نەچچىنى يېزىۋەتسەم..... نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشسەم....دۇنيادىكى بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ مېنىڭ تەرجىمھالىمنى ئوقۇپ، ماڭا بەستە-بەستە تېلىفۇن ئۇرۇپ تەشەككۇر بىلدۈرۈشسە....» دېگەندەك شېرىن خىياللارنى سۈرۈپ، ھېچكىمگە تۇيدۇرماي كۈلۈپ كېتىمەن..... مېنىڭچە چولپانلارغا چوقۇنغۇچىلارنىڭ ھەممىسى  چولپان بولۇشقا ئىنتىلگۈچىلەردۇر. بىراق، ئۆز ئائىلىسى، ئۆز يۇرتى، ئۆز مىللىتى، ئۆز ۋەتىنى تەرىپىدىن مۇئەييەن ھەجىمدىكى «مەيدان» ھەم بەلگىلىك مىقداردىكى «روھلاندۇرۇش دورىسى» غا نائىل بولغاندىلا ئاندىن تولۇپ- تاشقان مىللىي ئەقىدە ۋە يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى بىلەن خەلىقئارا سەھنىگە  بۆسۈپ كىرىپ «كارامەت» كۆرسىتەلەيدۇ. 8 m5 y/ a# i% ]5 j/ H8 Z; A& Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دۇنياۋى ناخشا چولپىنى مايكىل جېكسوننىڭ زۇڭتۇڭلاردىنمۇ بەكرەك كۈتۈلۈشكە ئىگە بولۇشى، پۇتبۇل چولپىنى مارادونانىڭ ھەر قېتىملىق  مۇسابىقىدىن كېيىن نەچچە مىڭ قىزلاردىن سۆيگۈ خەتلىرىنى تاپشۇرۋېلىشى، ئىقتىدارلىق يازغۇچى كافكانىڭ «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرسى» ناملىق ئەسىرىنڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەچچە مىڭ قېتىم تېلىفۇن ئۇرۇشى ۋە بوكىس پادىشاھى مۇھەممەت ئەلىنىڭ بىر قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىنلا دۇنيادىكى كاتتا بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى.... سۆيۈلۈشنىڭ تاكامۇللاشقان بىر خىل ئىپادىسى. بىراق، گېرمانىيلىك ئەدىب دوگلاس موللىۋىچنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا «ماتروسلارنىڭ ھەممىسى كاپىتان بولالمايدۇ».9 c% N9 L+ w, g& f, [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىڭلىم ئاتىكە!سىز بىلىدىغان دوكتورلارنىڭ سانىدىن، سىز بىلىدىغان باشقىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى پەقەت سىزنىڭلا گۇناھىڭىز بولمىسا كېرەك. چۈنكى، بىز بىر نەچچە  يىللاردىن بۇيان كاللىسىنى كونا ئىدىيلەر چىرماپ كەتكەن بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاناپتەك تۈز ئولتۇرۇپ، دەرس ئاڭلىدۇق. دەرستىن سىرتقى سوئاللارنى  سوراشقا پېتىنالمىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مائارىپ تۈزۈلمىمىز تولىمۇ قاتمال. / C8 ~7 T$ F$ q* `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېقىنقى يىللاردىن بېرى پارتىيىمىز دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنۋېرسال قۇدرىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش چاقىرقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاش كويىدا بولىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. سز خېتىڭىزدە ئالىي مەكتەپتىكى بىر نەچچە ئوقۇتقۇچىڭىزنى مەڭگۈ ئەسلەيدىغانلىقىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز! سىزگە ئېلپبە ئۆگەتكەن ئوقۇتقۇچىڭىزنى ئەسلىيەلەمسىز؟! ئەتە ئاشۇنداق قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئوقۇتقۇچىلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقسا بولاتتى. ئۆزىنىڭ كونا ئەقىدىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا توپ باھادا زورلاپ ساتىدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار تەرىپدىن شاللىنىپ كېتىدۇ. 0 |' F0 m$ h: j. z% }( `9 U: Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادەملەر كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىدە بار نەرسىنىڭ قەدرىگە يەرتمەي، ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنىڭ پايدىلىق ياكى پايدىلىق ئەمەسلىكىگە قارىمايلا سەېدىيىلەرچە ئاشىق بولۇپ «مودا» دىن ئىبارەت يوشۇرۇن دىكتاتۇرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ «ئاسسىمىلياتسىيە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى كېيىنرەك چۈشىنىپ قېلىپ، جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە «ياسىن سۈيى » ئىزسىشىدۇ.تازنىڭ كەيمە چاچ كىيىشى بىر ئاز ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلسىمۇ، بىراق، قىزلىرىمىزنىڭ قارا رەڭدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ، تاماق مىقدارىنى ئازايتىش ئۇسۇلى ئارقىلق تاماق پۇلىنى تېجەپ، بۇ پۇللىرىغا چاچلىرىنى سېرىق رەڭدە بويىۋېلىشى ھەم شەرقچە ئەخلاق پەردىسىنى يىرتىپ تاشلاش ئۈچۈن، غەرپچە ياسىنىپ ئالىقانچىلىك يوپكىلارنى كىيىپ ئاپئاق ساغرىسىنى ھەقسىز بازارغا سېلىشى ھەقىقىي گۈزەللىكىنىڭ شاھىتى بولالمايدۇ./ R/ J2 p1 m5 W6 F( {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىز يگىتىڭىزنىڭ تەلىپىگە شۇ ھامان قوشۇلسىڭىز قەدرىڭىز بولارمۇ؟! ياكى ئويلىنىش، سىناش، يەنە سىناش.... ئارقىلىق ماقۇل بولسىڭىز قەدرىڭىز بولارمۇ؟! مېنىڭچە يىگىتىڭىز سىز بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىپلا قىپيالىڭاچ ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ قالمىسۇن؟! ئۇ ئاشۇ كىيملىڭىز سىرتىدىن ئاپئاق تېنىڭىزنى بىر نەچچە يۈز كېچە تەسەۋۋۇر قىلىپ، خىيالەن ئۇچراشسۇن. شۇندىلا سىزنىڭمۇ قەدرىڭىز بولىدۇ ھەم يىگىتىڭىزمۇ «ئاشىق» ئۇقۇمىغا توغرا تەبىر بېرىشنى ئۆگىنۋالىدۇ. 9 x& y3 z3 H2 V: ?9 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىزنىڭ سۆيگۈ ھېسسيات ۋە مۇھەببەت ھەققىدە سورىغان بىر قىسىم سوئاللىرىڭىزغا ھازىرچە ئېنىق جاۋاب بېرىشنى خالىمىدىم. بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا  ئىشىق كوچىسىدا بەڭۋاش ھىسسياتلىرىڭىزنى «بانكا» غا قويۇۋېتىپ، چىققان «ئۆسۈمى» نى خجلىسىڭىز مۇۋاپىق بولارمىكىن دەپ قارايمەن." c( ~$ B2 `$ D+ p# M0 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىلەر قىزلارنىڭ ئەركەكلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلشتا قانۇنلاشقان «فىزىكىلىق»  ياكى «خىمىيلىك رېئاكسىيە تەڭلىمە» ڭلار يوق. ئەمما، ئۇمۇ بىر خىل ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم سەنئەت. / d. O& W) N- M2 m. |" I9 `# i% @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇبادا قەلبىم باشقىلارنىڭ « ئازاب بۇلىقى» بولۇپ قالمىسۇن! دىسىڭىز، قەلبىڭىزنىڭ ئەڭ خىلۋەت بىر قاسنىقىغا «چاقچاق ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركىتى» قۇرۇڭ؟! بىراق، «دىرېكتور» لۇقىنى باشقىلار تارتىۋالمىسۇن؟!
* q: ?- Z8 ?+ N; R1 ]8 I- _سىز خېتىڭىزدە « قىز بولۇپ قالغان گۇناھمۇ؟!» دەپسىز. ئەلۋەتتە گۇناھ ئەمەس. دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى بولغان، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە: « قىز بالىمۇ بالا، ئوغۇل بالىمۇ بالا» دىگەن بىر جۈملە سۆزنى ئۇچراتقانىدىم. بىراق، ئەڭ ئىلغار زاۋۇتلاردىمۇ قايتا پىششىقلاپ ئىشلىسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بۇ مەسىلىگە قارىتا خاتا قاراشتا بولۇپ ياشاپ كەلمەكتە. يېقىندا ئايالىم قىز يەڭگىگەنىدى. مەن ئۇنىڭ مىللىتىم ئۈچۈن يەنە بىر ئانا بولغۇچى تەۋەللۇت قىلغانلىقىدىن شۇنداق خوشال بولغان بولساممۇ، بىراق بىر قىسىم دوستلىرىمنىڭ بىمەنە « چاقچاق» لىرىدىن قۇتۇلالمىدىم. دېمەك، بۇ ئەخمەق دوستلىرىم ئۆزلىرىنىڭ بىچارە ھالىتىنى ماڭا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى.9 \3 |2 `- @( E9 l5 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇشۇ تاپتا ئامېرىكىلىق ئەما، گاس ئايال يازغۇچى ھەيلۇننىڭ « ماڭا ئۈچ كۈنلۈك كۆرۈش قۇۋۋىتى بېرىڭلار! ... » ناملىق ماقالىسى ئېىسىمگە كېلىۋاتىدۇ، سىز يەتتە ئەزايى تولۇق، قامىتى گۈزەل، سالامەتلىكى نورمال قىز ئىكەنسىز. كىشىلىك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلىق – ياشلىق ۋە سالامەتلىك. ئەگەر سىز ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ تىرىشىدىغان بولسىڭىزلا ئەرلەردىنمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرالايسىز. دۇنيادىكى شان-شەرەپنىڭ ھەممىسى ئەرلەرگىلا تەقسىم بولغان ئەمەس، شان-شەرەپ نېسىۋىسىگە كىمنىڭ كۆپرەك ئېرىشىشى ھەر كىمنىڭ ئېتىقادىغا باغلىق. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئېتىقاتنى پەقەت دىنىي تۇيغۇ بىلەنلا «ئىستېمال» قىلىۋالسىڭىز، يېڭىلىشكەن بولىسىز؟! ئاياللار ئىچىدىمۇ كىيۇرى خانىمدەك ئالىملار، ساچېر خانىمدەك سىياسىئونلار، ئىسادورا دونكاندەك زامانىۋى ئۇسۇل چولپانلىرى ۋە پوففادەك دۇنياۋى شان-شۆھرەتكە ئىگە يازغۇچى، مىستىراندەك شائىرلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۆزگىچە ئېتىقاد گۈزەللىكىگە ئىگە بولۇشتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
1 b5 D4 L  C1 m. f7 [- rسىڭلىم ئاتىكە! سىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىز، مۇشۇ تاپتا سىزگە: « سىلەر ھازىر ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمەيسىلەر » دىسەم سىزگە ئېغىر كېلىشى مۇمكىن. خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە باشقا گۈزەل ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادتىن ئىبارەت « ئارخىمىدنىڭ پىشاڭى» غا ئېرىشىش ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر پارتىيىمىز غەربى رايۇنلارنى ئېچىش ئىتىراتېگىيىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە ئىش كۆرۈۋاتىمىز، بۇ بىر ياخشى پۇرسەت. چۈنكى، ھۆكۈمىتىمىز غەربى رايۇنلاردىكى ماددى بايلىقلارنىلا ئېچىپ قالماستىن بەلكى غەربىي رايۇنلاردىكى ماددىي ئېچىرقاش تۈپەيلىدىن مەنىۋى «زۇكام» لارغا گىرىپتار بولغان خەلقلەرنىڭ روھىنىمۇ ئېچىپ نۇرلاندۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ شاھانە پۇرسەتتىن مۇستەسنا قالماسلىقىمىز زۆرۈر. بۇ پۇرسەتنى غەينىمەت بىلىپ ، ئۆزلۈكسىز بىلىم ئاشۇرۇپ، زامانىۋى ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئۇل ھازىرلىشىمىز لازىم. مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل ئوقۇغان. يەنە بىلىم ئاشۇرمىسام ئەتىلا شاللىنىپ قالىدىغاندەك بىر خىل تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى قەلبىمنى غىدىقلاپ تۇرىۋاتىدۇ.3 \+ f/ _- p% u" L/ f8 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز بىر چاغلاردا قارا تۈۋرۈك، كۈچتۈڭگۈر، مەھەللىۋى لۈكچەكلەرگە چوقۇناتتۇق، ئەمدى ئۇلارنىڭ بازىرى كاساتلاشتى. نۆۋەت ئەمدى مىللىي ئەقىدە بىلەن قوراللانغان بىلىم ئېگىلىرىگە كەلدى. ئەگەر بىز تىرىشىپ بىلىم ئېگىلىرىگە ئايلىنالىساقلا قەلبىمىزدىكى دۈملەنگەن ئارمانلار چېچەك ئاچماي قالمايدۇ.
" q8 K) P$ a4 ?. n3 ^سىز « بۈگۈن» قوينىدا ياشاۋاتىسىز، ئەەەر تۈنۈگۈن» ھەققىدە ئېنىق تارىخىي قاراشقا ئېگە بولبلمىسىڭىز، قانداقمۇ « ئەتە» نى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز؟! سىز يەر شارىنىڭ قايسى نوقتىسىغا بارماڭ، تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە « قىزىل چىراغ» يانسا توختايسىز، « يېشىل چىراغ» يانسا ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭىسىز. بىز قىزىل رەڭگە تولىمۇ ئامراق بولغاچقا، كۆپۈنچە ھاللاردا يېشىل رەڭنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. شۇڭا، مۇھىم، جىددى پەيتلەردە ئالدىمىزدا يانىدىغىنى « قىزىل چىراغ » ئەمەسمۇ؟! سۆيۈلۈش بار يەردە چوقۇمكى سۆيۈش بولىدۇ. بىراق سۆيۈش باركى جايلارنىڭ ھەممىسىدە سۆيۈلۈش بولىشى ناتايىن. سىز بەلكىم ئاللىنېمىلەرنىدۇ سۆيۈشكە ئىنتىلىسىز؟! ...  بىراق، بەزىدە سۆيگەن نەرسىڭىز سۆيمەكچى بولغان نەرسىڭىزنىڭ دەل ئەكسى بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ سىزنىڭ « سۆيۈشۈش نەزەرىيىسى» گە خام ئىكەنلقكىڭىزنىڭ كاساپىتى بولماستىن، بەلكى سۆيۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىڭىزنىڭ دەلىلى. « دۇنيادا يېڭىلمەيدىغان گېنىرال يوق» شۇنداقتىمۇ ناپولېئوننىڭ « غەلىبە ئەڭ ئاخىرقى بەش مىنۇتتا» دىگەن مەشھۇر ھېكمىتى سىزگە چوقۇم غەيرەت ئاتا قىلالايدۇ.) `1 x6 y9 g5 R# X1 R% Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقىئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،  روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ ئادرىسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.' ~7 t1 j- i( b9 t5 H+ F+ C4 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››دىن ئېلىندى0 q6 }/ p2 a- o( yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-28 12:50:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتىگەندىن باشلاپ چ چ، ئۈندىدارىمنى
  `& q' y% E' tئىشلىتەلمىدىميا مەن!!
3 e% n2 t& ?3 n7 w3 N' s4 f来自安卓客户端

باھا سۆز

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازماڭ.  ۋاقتى: 2014-5-28 13:29
ۋاقتى: 2014-5-28 13:29:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىچى2 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 12:50) f- b; R+ _6 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەتتىگەندىن باشلاپ چ چ، ئۈندىدارىمنى7 F2 r9 O& l# N7 [6 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىشلىتەلمىدىميا  ...

* [. l3 ^6 Z. }3 G; }نېمە ئەتىگەندە تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ يۈرىسىز؟
% D( l: ^2 P& n. a3 Eئەيساجان تۇردى ئاچچىق ئۇستاز ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزگە ناھايىتى ياخشى ئەسەر يوللاپ بېرىۋاتسا سىز نەدىكى بىر قاملاشمىغان ،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ يۈرىسىز.
ۋاقتى: 2014-5-28 13:33:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Tursun007发表于2014-05-28 13:29:02 # J5 {0 ^$ H$ jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
! ]; H/ S# }& V& I+ v5 {, {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

' t+ Q/ J9 e' F& c) Q# X2 eنېمە ئەتىگەندە تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ يۈرىسىز؟8 k. W9 U- v& r7 y' r: u# Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق ئۇستاز ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزگە ناھايىتى ياخشى ئەسەر يوللاپ بېرىۋاتسا سىز نەدىكى بىر قاملاشمىغان ،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ يۈرىسىز.
ئەيساجان (ئاچچىق) ئەپەندىدىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمەن.
9 u4 a: {0 N7 y$ V, y: ~% x! [; w4 [. eئۆزۈمنى بىسىۋالالماي قاپتىمەن...  M+ h, c3 N! z6 w. V# Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن% I+ y, C% g( wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-28 13:39:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيساجان ئەپەندىمنىڭ يازمىسىغا  رەھمەت. : o( U' F1 e; A% Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مېنىڭچە: سۆيۈش ئۈچۈن سۆيۈلۈش، سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك. بۇ ئىككىسى تەڭ نىسبەتتە بولغىنى ئەقەللىي ئىش.
1 L( Q  u! N3 r: I3 c: hبوزقىر ئەپەندىم تەرجىمە قىلىپ يوللىغان " سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز، سىزنى كىم سۆيىدۇ" سەرلەۋھىلىك ماقالىسى مۇشۇ نۇقتىنى ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. ( ماقالىنىڭ ئىسمى تازا  يادىمدا قالماپتۇ، شۇ ماقالىنى ئوقۇغانلار بولسا خاتا بولۇپ قالغان بولسا تۈزىتىپ قويساڭلار)
ۋاقتى: 2014-5-28 22:03:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-6-6 12:08:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىدىن يەنە بىرنى يوللاپسىز .رەھمەت ئۈستاز.
ۋاقتى: 2014-6-6 17:35:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەمىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن كىشى قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.; a( V- u0 D: u: s$ C6 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2014-7-9 12:28:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەربىۋى ئەھمىيىتى زور ماقالە ئىكەن. ئۇستازنىڭ قولىغا دەرت كەلمىگەي.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:34

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش