روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1236|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىلىم ئىشقىدا ( شېئىر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                     بىلىم  ئىشقىدا
جاھان    رەنالىرى    ئىچرە    بىلىمدەك   بىر   گۈزەل   يار   يوق ،
بىلىمدىن   ئۆزگە   تۇتقان   يار   بولۇر   ئۇ   گاھىدا   بار  - يوق .

قارا    قاشلىق  ،  تولۇن   ئايلار  ساڭا  بىرنەچچە   كۈن   يولداش ،
ئەگەر سەن پۇلدىن  ئايرىلساڭ ، سېنى تاشلايدۇ ، ھېچ  ئار  يوق .

كىرىپ   كەينىگە   نەپسىڭنىڭ   بىلىمدىن   ئۆزگە   يار   تۇتساڭ ،
بېشىڭغا  چۈشسە  بار  كۈنلەر ، ئۇ  چاغدا سەن  كەبى  خار  يوق .

قۇلاق    سالساڭ   مۇھەببەت    ئەھلىنىڭ   پەريادۇ  -  ئاھىغا ،
يۇتۇپ  زەرداپ، پىراقتىن  دات  دىمەكتىن  باشقىچە   زار   يوق .

تەپەككۇر  ئەيلىسەڭ   ئىشقىي  ئەسەرلەرنى   ئوقۇپ    ھەردەم ،
قاراڭغۇ  دەر   يورۇق   دۇنيانى  ھەم   ئالەم   كەبى   تار  يوق .

يۈرۈپ   مەنمۇ   گۈزەل   ئىزلەپ   جاھالەتكە  ئەسىر   بولغان ،
خالايىق  ئالدىدا   يۈرسەم ،  مېنىڭدەك   بەلكى   ئەغيار  يوق .

پاراغەت   ئىزلىسەڭ   ئەسلا   بىلىمدىن   ئۆزگ ە  يار    تۇتما ،
سېنىڭ  قەدرىڭنى  ساقلاشتا  بىلىمدەك  ياخشى  ھەمكار  يوق .

ھاياتلىقتا    بىلىم    قانداق    كىشىنىڭ    ھەمرىيى    بولسا  ،
قەيەرگە  بارسا  باش  قاتماس ، بىلىمدەك  ئاڭا  غەمخار  يوق .

بىلىمسىز   ساق   تېنىڭ   مەجرۇھ ،  ھەمىشە  نالە - پەرياتتا ،
جاھان  ئىچرە  بىلىمسىزنىڭ  دىلىدەك   ئەسكى   بىمار   يوق .

بىلىمگە    ئاشىنا    بولساڭ   ئوقۇش   ئىشقىدا   بۇلبۇل   بول ،
ئۈگەنمەككە  مائارىپ   باغچىسىدەك   ياخشى  گۈلزار   يوق .

جاھاننىڭ  قايسى  يوچۇق ، پۇچمىقىغا باش   تىقىپ  ياتساڭ ،
بىلىم تارتىپ چىقار  مەيدانغا ، ھېچ  بىر كىمگە  ئەخبار  يوق .

بىلىم   روھى   ئوزۇق   ئىنسان   ھاياتىغا  ، ئەگەر  بىلسەڭ ،
بىلىمنىڭ  قەدرىنى  بىلگۈچى  ئۆلمەس ، بۇڭا   ئىنكار   يوق .

چاپان  ھۆرمەتلىرى  ھېچ  چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ  قالماس ،
كېتەر  پۇلدىن  يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە ، ئەسرار  يوق.

چاپان    بىرلە    ئۆزەڭنى    پاقىراتساڭ   بىر  بوياقچىسەن ،
بىلىم  ئەسرى  بۈگۈن ،  سىرلىق  چاپانلارغا  خېرىدار   يوق .

بۇلاردىن  قولغا  كەلگەن ئابىروي جىننىڭ  چۈشى  ئوخشاش،
خىيالى   بۇ   تىلەكتە   سەن   كەبى  باخشىغا  جىندار  يوق.

ئۈمىت قىلما ، پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە  چۆرگۈلمەس ،
بۈگۈن باي،ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق،بەلكى قەرزدار يوق.

بىلىمدىن  چەتتە  كۆرگەن  دۆلىتىڭ   جاننىڭ   جاپاسىدۇر ،
جېنىغا   جەۋرى   قىلماققا   بىلىمسىزدەك   سىتەمكار  يوق .

بىلىمدىن  ھەممە  ئىش  روياپقا  چىققان بىر  ئەسىردۇر  بۇ ،
بىلىش  لازىمكى ، بۇ  كۈندە  بىلىمسىزلەرگە  خۇشتار   يوق .

بىلىمدىن   باتىنىڭ    نۇرلانمىسا ،  كۆڭلۈڭ    قاراڭغۇ   تۈن ،
قۇياش   نۇرىغا   مۇنكىر    شەپىرەڭلەرگە   مەدەتكار   يوق.

زىمىننى  توپ  قىلىپ  ئويناشنى  سەن  چاخچاق  گۇمان  قىلما،
ھەقىقەتتۇر  بۈگۈن  ھەر  ئىش ، كەمەكتەك جادۇ -ئەييار  يوق.

ئەجەپلەنمە  ،  بىلىم    نۇرىدا    نۇرلانسا    كىشى    كۆڭلى  ،
ئۇنىڭغا  كۆكتە ، سۇدا ، تاغ ، دېڭىزدا  يۈرسە  دىشۋار  يوق .

بىلىملىك  تاغنى  باغ  ئەيلەشتە  ھېچقانچە  جاپا   كۆرمەس ،
بىلىمسىز   قان   يۇتار  ،  نادان  كىشىلەردەك  جاپاكار  يوق .

ئۆزەڭنى  نىم  شېھىت ،  ئۇشبۇ  پىكىرگە   ئەيلىگىن  قۇربان ،
بىلىمدىن   رىشتە   ئۈزگەنلەر  كەبى  قاتتىق   گۇناكار  يوق .

بىلىمنى  قەدىرلەش ، بىلىم  ئىگىلىرىنى  ھۆرمەتلەش - مۇھەببەت  تېمىسىغا  ئوخشاشلا  ئۆلمەس  تېمىلارنىڭ  بىرىدۇر .
بىلىمخۇمار  دوستلارنىڭ  بۇ  كونا  شېئىرنى  ياقتۇرۇپ  ئوقۇيدىغانلىقىغا  ئىشىنىمەن .



ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-26 13:10:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار ، باشقۇرغۇچىلار  بۇ  تېمىنى  تەستىقلىماڭلار . چۈنكى ، بۇ  شېئىرنى  رەھمەت  ناملىق  تورداش 2010 - يىلى  بۇ  مۇنبەرگە  يوللاپ  بولۇپتۇ ، مەن  بۇ  تېمىنى  يوللاشتىن  بۇرۇن  بىر  تەكشۈرۈۋەتمەپتىمەن .
ۋاقتى: 2014-5-26 16:21:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ شىئىرنى  بەكمۇ ياقتۇرمەن ، لىكىن بۇنداق ئۇزۇنلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ، كۇچۇرۇپ ساقلاپ قۇيسام بولغۇدەك   ............

باھا سۆز

شۇنداق ، بۇ شېئىرنى ھۆسنىخەت قىلىپ يېزىپ ، چىرايلىق جازىغا ئالدۇرۇپ بېزەپ ، مېھمانخانىغا ( ياكى مەكتەپ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-26 19:15
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-26 19:15:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلېق يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 16:21
مەن بۇ شىئىرنى  بەكمۇ ياقتۇرمەن ، لىكىن بۇنداق ئۇزۇنلى ...

شۇنداق ، بۇ  شېئىرنى  ھۆسنىخەت  قىلىپ  يېزىپ ،  چىرايلىق  جازىغا  ئالدۇرۇپ  بېزەپ ، مېھمانخانىغا  ( ياكى  مەكتەپ  زالى ، كۈتۈپخانا  قاتارلىق مەدەنىيەت  سورۇنلىرىغا ) ئېسىپ  قويۇشقا  ئەرزىيدۇ .
ۋاقتى: 2014-5-27 22:17:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى قارىسام 8-يىللىق 2-مەۋسۇم تىل-ئەدەبىيات كىتابتىن بىرقۇر-بىرقۇر دىن يېزىپ چىقىپسىز جاپا تارتىپسىز رەخمەت .

باھا سۆز

بۇ شېئىر ئۇنچىلىك جاپا تارتىشقا ئەرزىيدۇ .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-27 22:51
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-27 22:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخمۇت3 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 22:17
بۇنى قارىسام 8-يىللىق 2-مەۋسۇم تىل-ئەدەبىيات كىتابتىن ب ...

بۇ  شېئىر  ئۇنچىلىك  جاپا  تارتىشقا  ئەرزىيدۇ  .

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
توغرا دەيسىز  ۋاقتى: 2014-5-29 12:01

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 04:40

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش