روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 10176|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەشرەپنىڭ ئاۋازى- (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەشـــرەپنىڭ ئـــــــــــــــاۋازى
+ Y5 B9 i" u4 N0 z' M; U& i$ aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

: @+ V% a  `8 a# q; j* w! dقولۇمدا نۇرغۇنلىغان دىپلوم، شادەتنامە، شەرەپ گۇۋاھنامىسى، تەربىيىلىنىش ئىسپاتى ھەتتا ئالىي مەكتەپكە كىرىش چاقىرىقى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش تەستىقى قاتارلىق چوڭ- كىچىك ھەرخىل رەڭلىك كېنىشكىلار ساقلانماقتا...... مەن مەخسۇس ۋىۋىسكىسى، مەخسۇس جۇغراپىيەلىك ئورنى، مەخسۇس شىتاتى، مەخسۇس ئىقتىسادى ئىنىرگىيەسى، مەخسۇس ئوقۇتۇش قوراللىرى بار بولغان مەكتەپلەرنى پۈتتۈردۈم. نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا ئىلىم تەھسىل قىلدىم...... ھازىر مەن ئوقۇغۇچىلاردىن ھىچقانداق ئوقۇش پۇلى ئالمايدىغان، ھەقسىز تاماق، ھەقسىز ياتاق، ھەقسىز كىتاب، ھەقسىز قاتناش قورالى بېرىدىغان مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىمەن. " G2 Q7 N; k& x3 z4 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كېنىشكە ئەتىۋارلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەن ياخشى تەربىيەگە ئېرىشكەن، ماڭا دۇنيانى، ھاياتلىقنى، تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرىنى، كىشىلىك مۇناسىۋەت مىزانلىرىنى، ئەدەپ- ئەخلاق يۇسۇنلىرىنى چۈشەندۈرگەن، ھىس قىلدۇرغان،  پەزىلەت بۇلاقلىرىدىن زەم- زەم ئىچۈرگەن بىر ئالىي مەكتەپنى، ئاشۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئىش ھەققى ۋە ئىنۋان ئالمايدىغان جاپاكەش،مەردانە ئۇستازلىرىمىنى ئەسلەپ قالدىم.مەن ئاشۇ  ئالىي مەكتەپتە شۇنچە ياخشى ئوقۇغان تۇرسام ئۇلار نېمە ئۈچۈن ماڭا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى بەرمىگەندۇ؟  ھېلىمۇ ئېسىمدە،رەھمەتلىك ئاتامنىڭ بىر كۈنى كەچتە مەشرەپ سورۇنىغا باشلاپ ئاپىرىپ،يىگىتبېشىغا«مېنىڭ ئوغلۇم يىگىت بولدى،مەشرەپكە قاتناشتۇرۇپ،ئادەم قىلىپ قويساڭلار!»  دەپ، يىگىتبېشىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغانلىقى، ھەمد   قازىبەگنىڭ «مەشرەپنىڭ قائىدىسى نېمە يىگىت؟» دېگەن سۇئالىغا ئاتامنىڭ ئۆگىتىپ  قويۇشى  بويىچە  «كىرسە سالام، چىقسا  ئەدەپ» دەپ جاۋاب بەرگىنىم  ھازىرقىدەكلا  ئېسىمدە...3 n1 G* m; A( B5 J0 X# O* Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنىڭدىن بۇيان « مەشرەپتىن ئىبارەت بۇ كاتتا ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى» بولۇپ قالدىم. ئۇ چاغلاردىكى قىزىقىش،ئويۇن تاماشا ،قائىدە-يۇسۇن ۋۇجۇدۇمغا بىر-بىرلەپ ئورناشقا باشلىدى.راسىت گەپ قىلسام،چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى،كوللېكتىپ مۈلۈكىنى ئاسراشنى،ھەقىقەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشنى ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى، راسىت سۆزلۈك بولۇشنى، دوستلارغا سادىق بولۇشنى، كىچىكلەرنى ئاسراشنى، ھورۇنلۇقنى تاشلاپ تىرىشچان بولۇشنى ھەمدە باشقىلار بىلەن ئۆم-ئىناق ئۆتۈشنى،غەيۋەت-شىكايەت،پىتنە-پاسات بار يەردىن يىراق تۇرۇشنى،پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى ،ھالال ياشاشنى ... ئىشقىلىپ چىن ئادەملەرگە خاس ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى  مەشرەپ تىن ئۆگەنگەن  ئىكەنمەن.توۋا،ماڭا شۇنچە زىننەتلەرنى  ئاتا قىلغان‹‹ ئالىي مەكتەپ ›› نىڭ زادى نېمىشقا مۇئەييەن شەكىلدىكى مەخسۇس دپلومى  بولمايدۇ؟! توغرا، توغرا ئەمدى چۈشەندىم. مەشرەپ تىن ئىبارەت ئالىي مەكتەپنىڭ ئورنى كەڭ تەبىئەت ئىكەن، يۇرت ئاقساقاللىرى، سەنئەتكارلار ، بايلار ئاشۇ ئالىي ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەن ،قەلبىمدە جۇلالىنىپ تۇرغان ئەخلاق-پەزىلەت ئاشۇ ئالىي مەكتەپنىڭ دېپلومى ئىكەن ئەمەسمۇ؟! * q' U  `8 i0 [  @2 t! n  ^1 n$ g. N5 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ دېپلومنى كۆپەيتىۋالغىلى ،يالغاندىن ياساۋالغىلى ئەسلا بولمايدۇ. بۇ رەڭسىز،شەكىلسىز،كۆز بىلەن كۆرگىلى ،قول بىلەن تۇتقىلى بوولمايدىغان نۇرانە دېپلومنى قولۇمدىكى ھېچقانداق كېنىشكىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئەسلا بولمايدۇ.
. p4 R; {$ p9 M" e6 Kمەن مەشرەپنىڭ ئوتىدا كۆيگەن،  مەشرەپنىڭ سۈيىدە ئۈزگەن،  مەشرەپنىڭ ئېگىز تاغلىرىغا چىقىپ، يىراق قىتئەلەرگە نەزەر تاشلىغان ،  مەشرەپنىڭ گۈزەل باغلىرىغا كىرىپ، چۆچەكلەردىكى پەرىزاتلار بىلەن سىرداشقان، مەن يەنە  مەشرەپ كوچىسىغا ئات چاپتۇرۇپ كىرىپ ، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ، باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ،ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ،سېيىت نوچىنىڭ ، سادىر پالۋاننىڭ جاسارىتىنى ۋە ماھارىتىنى كۆرگەن.
! @) `, X( r1 \+ k% Cمەن  مەشرەپ بەزمىخانىسىدا ئولتۇرۇپ ، يۈسۈپ بوۋامنىڭ ھېكىمەتلىرىنى ، مەھمۇد بوۋامنىڭ نەسىھەتلىرىنى ، ناۋايى بوۋامنىڭ غەزەللىرىنى ، قەدىرخان بوۋامنىڭ ، تاشۋاي بوۋامنىڭ ، ئاماننىسا ئانامنىڭ مۇڭلۇق ھەم لەرزان مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىغان ...
/ ?$ ~' i3 X1 W+ [# h. v& Qمەن مەشرەپ دەرسخانىسىدا ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى ، نەدىن كەلگەنلىكىمنى ، نەگە ماڭغانلىقىمنى بىلىۋالغان ...
: N8 x( C% L- g7 V5 X! pمەشرەپ ماڭا ئەجدادلىرىم ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ بەرمىگەن بولسا، ھازىرغىچە يىلتىزىمنى تاپالمىغان بولاتتىم . ' h9 Y: B; ?' M7 Q# j1 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەشرەپ مېنى « جازا » لىمىغان بولسا « مۇكاپات » مەيدانىنىڭ ئادرېسىنى مەڭگۈ تاپالمىغان بولاتتىم . 9 d& @5 h# h3 X& a4 d+ n+ Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەشرەپ مېنى « پاكلىنىش كۆلى » گە باشلاپ بارمىغان بولسا ، «گۇناھ دېڭىزى » دا مەڭگۈ لەھەڭ بولۇپ ئۈزگەن بولاتتىم .
% Z0 j, F# z$ rدېمەك ، مەشرەپ ماڭا ئادەم بولۇشنى ، ئادەملەر توپىغا قوشۇلۇشنى ئۆگەتتى. مەن مەشرەپكە يېقىنلىشىشنى ئويلىغىنىمدا ، مەشرەپ ئاللىقاچان ۋۇجۇدۇمغا سىڭىپ بولغان ئىدى . غەم – قايغۇ قەلبىمگە ھوجۇم قىلىپ كىرگىنىدە ، مەشرەپ ئاللىقاچان يۈرىكىمنىڭ مەركىزىگە ئۇۋا ياساپ، دۇنياغا خوشاللىق تەقدىم ئېتىشنىڭ تەييارلىقىنى كۆرۈپ بولغان ئىدى . ھاياتلىق سەپىرىمدە مەشرەپ ماڭا ماياك بولۇپ بەردى. مەيلى قانداق شەكىلدە يول يۈرەي خاتالىشىپ قېلىشىمنى ، زېرىكىپ ياش تۆكۈشۈمنى ، ئاچ قېلىشىمنى ، باشقىلارغا زىيان سېلىشىمنى ئەسلا خالىمايىتتى..
( s) c  P4 s: J/ rئاشۇ ئۇزاق ئۆتمۈشلەردىن بۇيان مەشرەپ بىزنى يېتەكلەپ ، تاغ-داۋانلاردىن ، بوران- چاپقۇنلۇق قارا تۈنلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، بىزنى بۈگۈنكى يېڭى ئېراغا ئۇلاشتۇردى . مەشرەپ ئۆز نۆۋىتىدە يەنىلا مىللىتىمىزنىڭ بىر مۇھىم مەدەنىيەت ئۇمۇرتقىسى ، بىر مۇھىم  ئەخلاق مەكتىپى ، بىر مۇھىم ئۆرپ-ئادەت ئېلىپبەسى ، بىر مۇھىم سەنئەت باغچىسى، بىر مۇھىم ئۆملۈك،ئىتتىپاقلىق بايرىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە ھەمراھ بولماقتا، بىزنى ئالغا يېتەكلىمەكتە . ئۇنىڭدىكى  مىللىي خاسلىق ، مەھەللىۋى خۇسۇسىيەت ، خورىماس سەنئەت ئېنىرگىيىسى ... بىزنىڭ رىقابەت ئېڭىمىزنى ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىچكى ئىشەنچىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ ، رىقابەت دولقۇنلىرىدا ھودۇقماي ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە رىغبەت بەرمەكتە .
/ O( Q; v; k% ?8 `, }3 q% S' r- Tئاتا مىراس مەشرەپ نۆۋەتتە، دۇنياۋىيلىقنىڭ ، زامانىيۋىيلىقنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىپ،ئېنىرگىيە زاپىسىنى كۈنسايىن ئاشۇرماقتا.7 z7 d6 ^" S# ^- X3 K0 C5 m3 p. Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنىڭ « ئارمان » شىركىتىنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىشىدىن ئىپتىخارلىنىشى ، «ئىخلاس » شىركىتىنىڭ كۈلكىسىگە جۆر بولۇشى، «غەرىبى نۇر» گوروھىنىڭ دادىل قەدەملىرىگە مەستانە بولۇپ قاراشلىرى ، «مورتوم » شىركىتىنىڭ ھەربىر قەدەم ئىزىدىن سۆيۈنۈشى ، «بوغدا » دوختۇرخانىسىدىن ئاجايىپ زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈشى ، «ئەلپاك » شىركىتىگە ئاقيول تىلىشى ... شۇنداقلا ، دوكتورلارنى ، ئالىملارنى قازىبەگلىككە ، يىگىتبېشىلىققا تەكلىپ قىلىشى زامانىۋىيلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىك بولماي نېمە؟ بىراق ، مەشرەپنىڭ خاسلىقى ، ئەنئەنىسى ، قائىدە-يۇسۇنلىرى مەڭگۈ  ئۆزگەرمەيدۇ . مەشرەپ خەلقىمىزنىڭ بەرىكەتلىك ئالىقانلىرىدا ۋە ئوتلۇق يۈرەكلىرىدە مەڭگۈ ياشنايدۇ.مەشرەپ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇكى، ھەرگىز موزېيخانىلاردا ئەۋرىشكىسى ساقلىنىۋاتقان نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ئۇچار قۇشلارغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. مەشرەپ ھەرگىز يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان كولدورما ئاۋازى ئەمەس. بىز ئۇنى كۆرەلەيمىز،بىز ئۇنىڭغا قاتنىشالايمىز، ئۇنىڭ گۈلچېيىنى قوللاردىن – قوللارغا ، يوللاردىن – يوللارغا ئۇزۇتۇپ، قەلىب بوستانلىقلىرىمىزدا ياشارتىپ، بىپايان  قۇملۇق ۋە چەكسىز ئوكىيانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يىراق قىتئەلەرگىچە ئېلىپ چىقىپ، دۇنيا مىللەتلىرىگىمۇ تونۇشتۇرىمىز. پۈتكۈل دۇنياغا ئۇيغۇر مەشرەپ مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى ئورنىنى ھىس قىلدۇرىمىز. تەتقىقاتچىلىرىمىز مەشرەپ مەدەنىيىتىنى دۇنيا غەيرىي ماددى مەدەنىيەت غەزىنىسىگە كىرگۈزۈش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ . بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش چوقۇم مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملىنىپ، دۇنيا مەدەنىيەت سەھىپىسىدىكى بىر نۇرلۇق ئابىدە بولۇپ قالغۇسى .
; r/ N% A3 M& Y$ x& f/ Uمەشرەپ بىزگە شۇنداق پىچىرلىماقتا:
( k( a* }" g+ s: V$ Oئادەم بالىسى جانلىقلارنىڭ خاقانى بولۇپ يارىتىلغان. چىن ئادەم بولماي تۇرۇپ، بۇ مەرتىۋىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ . خان بولىمەن ، بەگ بولىمەن دەيدىكەنسىلەر بىلىم ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ئەڭگۈشتەرنى يوقىتىپ قويماڭلار . مەكتەپتە ئوقۇپ، بىلىم ئىگىلەپ  ئالىم بولۇڭلار . مەشرەپكە قاتنىشىپ، ئەدەپ ئىگىلەپ، ئادەم بولۇڭلار! ئادەم بولماي تۇرۇپ ئالىم بولغىلى بولماس . زامان ئۆزگەردى ، تېخنىكا ئىگىلىمگەن ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ كۆرىدىغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. تارىخ ساۋاتسىزلارنىڭ كۆز يېشىغا ئەزەلدىن پىسەنت قىلىپ باققان ئەمەس . تەقدىر ھورۇنلارنى ھەرگىز بەخىت كوچىسىغا باشلاپ بارالمايدۇ. قەيەردە ئىناقسىزلىق بولىدىكەن ، شۇ يەردىن تىكەن ئۈنىدۇ . كەڭ قورساقلىق ، ئەپۇچانلىق ، تىرىشچانلىق ئىنسان بالىسىغا كارامەت يارىشىدۇ . باشقىلارنىڭ رىزىقىدىن، يولىدىن ، قولىدىن ، پۇلىدىن ھەسەت قىلىپ، ئۇيقۇسىز قالغان كىشى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا بەنت قىلىنىدۇ. ھەممە ئادەم مەرىپەت بازىرىدا ، سودا دۇنياسىدا بېلىقتەك ئۈزىۋاتقان مىنۇتلاردا ، سەن ئىشرەت كوچىسىغا كىرىپ، ئىچىۋاتقان ھەم چېكىۋاتقان تۇرساڭ ، سېنىڭ تەقدىرىڭگە كىممۇ مەسئۇل بولالىسۇن؟! ئۇيقۇڭنى ئاچ ئەي ئىنسان بالىسى ! ئۇيقۇ دېگەن ئۆلۈمدۇر ... يېڭى دەۋر يېڭى يوللارنى، يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى . مەن يېڭى دەۋرنى تولۇق چۈشەندىم ، مەن بۇنىڭدىن كېيىن رىقابەت ئېڭى ئاختا قىلىنغان ھورۇن ،زەئىپ بالىلارنى ئۆز قوينۇمغا سىغدۇرالمايمەن .تىرىشچان ، ئويۇشچان، ئەخلاقلىق ، قەيسەر بالىلار دۆلەتنىڭ بايلىقى ، دۇنيانىڭ خوجىسى بولالايدۇ . مەن ئاقكۆڭۈل ، غەمكىن كىشىلەرگە غەمدىنمۇ يېقىن، ھەسەتخور ھورۇن كىشىلەرگە ئالەمنىڭ چېتىدىنمۇ يىراق تۇرىمەن . مەن بىلىم ئىگىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن ، ئەخلاقلىق بولۇشڭلارنى تەلەپ قىلىمەن، نەتىجەڭلارنى كۈيلەيمەن . مەن نەتىجىدىن باشقا ھېچنەرسىگە ئىشەنمەيمەن.% c, k! ?' ^" T1 l! O* [; v4 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: ‹‹مەشرەپ›› پىرۇگىراممىسى" G5 G# \9 O- Y+ h' Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقىئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،  روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ ئادرىسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-26 12:08:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەزىدە مەشرەپ ھەققىدە كۆپ ئويلارغا غەرق بولىمەن، بولۇپمۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹مەشرەپ› پروگراممىسى كۆرسىتىلگەندىن بويان مەشرەپ ھەققىدە خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدىم، ئەشۇ خىيال قۇشلىرىم مىنى كىچىك ۋاقىتلىرىمدىكى (80- يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى) مەھەللىمىزدىكى غەزەلكەشلەرنىڭ قاتنىشىشىدا پات- پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ئەشۇ مەشرەپ سورۇنىغا باشلاپ بارىدۇ. ئەشۇ ۋاقىتلاردا مەن ئەمدىلا 3-4 لەرنىڭ قارىسىنى ئالغان ۋاقىتلىرىم بولغاشقىمىكىن، شۇ كۆرۈنۈشلەر بەكمۇ غۇۋا ئەمما شۇنچە يارقىن ئېسىمدە. ئەشۇ مەشرەپلەردىكى قىزغىنلىق، ئەدەب- ئەخلاق، قائىدە- يوسۇنلار، مەھەللىداشلارنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن خوشاللىق- خاپىلىق مېساللىرى گۈزەل، شوخ، جۇشقۇن غەزەل- قوشاقلار ئارقىلىق، قىزىقارلىق، يومۇرلۇق، تەبئىيلىككە تويۇنغان سەنئەت ماھارىتى ئارقىلىق ئورۇنلىنىپ، شۇنداق بىر ئىناق، ساغلام كەيپىيات بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ئىدىكى، مەشرەپ ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ خېلى بىر چاغلارغىچە كىشىلەر ئارا شۇ قېتىمقى مەشرەپ ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەر داۋام قىلاتتى.
! f( S! M  p  F- Y. Q* H- |. C0 `مىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئەمدىلا 30 يىلدىن ئاشقان ئەشۇ دەۋردىكى مەشرەپلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پەقەت ئېكرانلاردىلا ساقلىنىپ، رىئال تۇرمۇشتىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن يۈتكەنلىكى (يۈتۈشكە باشلىغانلىقى) بولۇۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2014-5-26 23:57:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئەيساجان تۇردى ئاچچىق ئەپەندى ئەمگەكلىرىگە ئاپىرىن !
ۋاقتى: 2014-5-26 23:57:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئەيساجان تۇردى ئاچچىق ئەپەندى ئەمگەكلىرىگە ئاپىرىن !
ۋاقتى: 2014-5-27 01:05:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2015-12-23 23:28:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشرەپ ھەققىدە ئەتراپلىق يۈرگۈزگەن  مۇھاكىمە مۇلاھىزىڭىز مېنى قايىل قىلدى، بۇ كىشىلەرنى ياخشىلىققا، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتكە ئۈندەيدىغان خىتابنامە بوپتۇ. سىزگە ئاپىرىن ئېيتىمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-7 15:09

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش