روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 760|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

«شېئىر»ياغلىقىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-23 21:16  

ياغلىقىڭ
گۈلزار ئارا گۈلنى كۆردۈم، جىلۋىسىدۇر ياغلىقىڭ،
ھايات ئۆزى ھايا بىرلە ئىززىتىڭدۇر ياغلىقىڭ.
ياغلىقىڭسىز ساياق باشىڭ خۇددى قاپاق چەللىدە،
ھەر كۆرگىنى قول سۇنسا گەر تىكەنىڭدۇر ياغلىقىڭ.
بىلىپ قالغىن ھېكمىتى بار بۇيرۇلغانكى ھەر ئىشتا،
نىيەت دىلدا، ئەمەل ئىشتا ھۆرمىتىڭدۇر ياغلىقىڭ.
ياغلىقسىز باش پەردىسىز ئۆي، ئۇندا ھىممەت نەدە بار،
شەيتان كۆزى يات نەزەردىن قالقىنىڭدۇر ياغلىقىڭ.
زامان باقماس دېمە ھەرگىز بۇ زامانەڭ تۆت كۈنلۈك،
ئۇ دۇنيادا سوراقلارغا جاۋابىڭدۇر ياغلىقىڭ.
ھايات چەكلىك،چەكسىزلىككە بىز قىلىمىز تەييارلىق،
ئىككى دۇنيا سائادەتتە ھىممىتىڭدۇر ياغلىقىڭ.
كىم بىلىدۇ قاچان، نەدە تاپشۇرىمىز ئامانەت،
تاڭلا مەھشەر ھەق كۈنىدە خىسلىتىڭدۇر ياغلىقىڭ.
مۇسلىمە قىز چىگىۋالغىن، باشىڭ ئوچۇق قالمىسۇن،
ئوچۇق باشقا يات نەزەر كۆپ، گۈل تاجىڭدۇر ياغلىقىڭ.
قولۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلغىم يوق ئىدى ئەسلا،
نە قىلاي بۇ زامانەڭدىن مېھنىتىڭدۇر ياغلىقىڭ.
2014-يىلى 2-ماي نەنچاڭ
ئاپتور : مىرئادىل ئەھمەد
ئۈندىدار نومۇرى: m554902393
تېلېفون نومۇرى: 18699663318

مەنبە:ئۇيغۇرجان بىلوگى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 تەڭگە +4 يىغىش سەۋەبى
hakkir44 + 5 + 4 رەھمەت سىزگە

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-24 10:10:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن..!
ۋاقتى: 2014-5-27 17:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 14:49

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش