روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2166|ئىنكاس: 24
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مۇئەللىمنى تىللايمەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇئەللىمنى تىللايمەن

توشتى ۋاقىت-سائىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن،
تۈزۈت قىلماي بۇ قېتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.
كەپ قالدىغۇ نۆۋىتىم مۇئەللىمىنى تىللايمەن،
قايرىپ قويۇپ ھۆرمىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن،
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.

يېڭى كەلگەن قىز ئىكەن قاراپ باقسام بىر كۈنى،
ئوخشاتمىدىم تۇرقىدىن مۇئەللىمگە ھېچ ئۇنى.
ئۆزى قانداق بىر ئىنسان، بىلمەمدىكىن يا بۇنى؟
باغۋەنگە خاس غورۇرى، ۋىجدان، ئەخلاق، روھ قېنى؟
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.

مەن بالامغا ئانا تىل ئۆگىتەلمەي ئاۋارە،
ئۆيدە بولسا مەيلىغۇ، مەكتىپىدە نە چارە.
«مېنى لاۋشى دېگىن» دەپ مۇئەللىمى سەكپارە،
قانداق ئاتاش بىلەلمەي سەبىي بالام بىچارە،
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.

بۇيرۇپتىكەن بىر نومۇر قويۇش ئۈچۈن بايرامغا،
«ئاپام مېنى ئاي دەيدۇ» ئۆگەتتىم مەن بالامغا.
بىر كۆرۈپلا ئېيتىپتۇ «ماسلاشماپتۇ زامانغا»،
ئوينا «گاڭنام سىتايىل» ياكى «ياڭ ياڭ بوۋام» غا،
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.


تەكلىپ قىپتۇ بايرامغا، باردىم بالام كۆرگىلى،
ئادەممۇ يا مايمۇنمۇ بولماس لېكىن بىلگىلى.
يوقمىكىنە بازاردا تۈزۈك كىيىم كەيگىلى،
ئۆز بالامدىن نومۇس قىپ قالدىم تاسلا ئۆلگىلى،
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.

«روھىمىزغا ئىنژېنېر» دېگەن «ئەخمەت» بوۋىمىز،
لېكىن روھنى بۇلغىسا ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
قاچانغىچە ئەۋلادقا ئىگە بولماي يۈرىمىز؟
ماختاۋەرمەي بەزىدە تىللاشنى ھەم بىلىمىز،
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.

ئۆز قەلىمىم

بەلكىم بەزى قېرىنداشلار سەل ئاشۇرۋەتتىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن ھازىر بۇنداق كۆرۈنىشلەر تېلېۋىزوردا ئەمەس يېزامدىكى يەسلىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ.
ئالدىنقى: ھاراقكەش
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-23 00:36:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ قاملاشتۇرۇپ، نەق ھازىرقى ئىشنى يېزىپسىز. مەنمۇ مۇشۇنداق ئىشلاردىن بەك بىزارمەن. بالىلارنى كىچىكىدىن قانداق يېتەكلەش- قانداق تەربىيەلەش گەرچە مائارىپتىكىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەم ئۇلار ھەممىنى بىلسىمۇ، بىراق ئۇلارمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ساھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئاۋامنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى زۆرۈر. ئەۋلاد تەربىيەلەشتە كەمتۈكلۈك- خاتالىق بولغان ئىكەن، ئۇنى ھەرقانداق بىر چارە- ئاماللار بىلەن چوقۇم تۈزىتىش كېرەك. بولۇپمۇ بۇنداق ئەھۋالنى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەرگە ۋاقتىدا، كەسكىنلىك بىلەن دوكلات قىلىپ، تۈزىتىشكە تېگىشلىك بىرقىسىم ئىشلارنى جەزمەن تۈزەتمىگەندە بۇ ئەۋلادلارنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشى- تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ھەتتا جەمئىيەتنىڭ ساغلام ئىلگىرىلىشىگىمۇ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى، ئېغىر بولغاندا جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، ئۆز ئارا ھەم مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىققىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
قارىغاندا بۇ رايونىمىز مائارىپىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئوخشايدۇ، شۇڭا مەن بۇ يەردە، مائارىپ ساھەسىدىكى ئالاقىدارلارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش بىرقىسىم ئىشلارغا يۈكسەك دىققەت قىلىشىنى كۈچلۈك تەۋىسىيە قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-5-23 01:59:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمنى تىللىماڭ،كىتىپ قالماڭ قارغىشقا،
مۇئەللىممۇ ئامالسىز مەكتەپتىكى كۆپ ئىشقا.
مائارىپنىڭ ئىشىدا بىزلەر دىگەن گەپ ئەمەس،
قورساق كۆپۈك ئىشلار جىق،بىلەلمەيمىز نىمىشقا.


مۇئەللىمنى تىللايدۇ
来自安卓客户端
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-5-23 08:03:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمىنى تىللىغىنىڭىز بىلەن مۇشۇنداق ئىشلار ھەل بولۇپ كىتەرمۇ؟ 5 —10 يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق قىلغان بولسا خۇشال بولغان بۇلار ئىدىڭىز ھەقىچان؟ بالام *** ****  بوپتۇ  دەپ...؟؟؟؟؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-23 08:08:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلاندا مۇئەللىملەر كۆپ، ئەمدى پىپەن قىلىنىشنى كۈتسەم بولامدۇ نېمە؟
ۋاقتى: 2014-5-23 09:12:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن تەبىكلەيمەن ،ياخشى بىر ئەسەر بوپتۇ، ئەلرشجانمۇ مىنىڭچە چىن كۆڭلىدىن تىلىمىدى، ھەم تىلىمدىمۇ ئەمەس ئاز توللا تىللاش كىرەكققۇ بەزى بىر ئىشلار بولغاندا

باھا سۆز

ئەتىگەندە يېڭى ئىسىم قويىۋەتتىڭىزمۇ ماڭا؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-23 09:18
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-23 09:18:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-23 09:12
ئالدى بىلەن تەبىكلەيمەن ،ياخشى بىر ئەسەر بوپتۇ، ئەلرش ...

ئەتىگەندە يېڭى ئىسىم قويىۋەتتىڭىزمۇ ماڭا؟
ئەسەر بەك ياخشى چقپتۇ، شئردە ديلگىندەك ئەخلاقسىز مۇئەلىملەرنى تللاش كىرەك قانۇننڭ  كۈچى يەتسە «پاڭ» قىلىپ ئىتۋەتسىمۇ ھىچقىسى يوق.

قارغاندا «روھلان » توردا مۇئەلىملەر جىقراق ئوخشايدۇ، توردشمىز يازغان شىئىر پەقەت «غەرپلەشكەن» مۇئەلىملەرگىلا قارتىلغان ،باشقىلار بىلەن مۇناسۋەتسزكەن جۇمۇ!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-25 10:43

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش