روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 12744|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەيدىز خىتابنامىسى ۋە شەيتان كۈلكىسى- (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aysajan1972 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 00:32  
6 y2 Q3 I! y% v+ B+ u% T" q
3 u- ~' z5 v; J" ?
ئەيدىز خىتابنامىسى ۋە شەيتان كۈلكىسى
1 i- q2 g7 F; h2 w# V0 `* t
(تېلىۋىزىيە نەسىرى), t/ x! v4 ]$ l/ N9 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
% a* A+ {5 X' e! L0 Z, y0 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن ئەسلىدە كائىنات كېسەللىكلەر تىزىملىك دەپتىرىدە يوق ئىدىم،سىلەر ئىنسانلار ھاۋايى-ھەۋەس كويىدا،ئەيشى-ئىشرەت كوچىسىدا كېتىۋېتىپ،غەيرى جىنسىي پائالىيەت قىلىشش ئارقىلىق مېنى ئىختىرا قىلدىڭلار.مەن ئافرىقا ئورمانلىقىدا مېڭىشنى ئۈگەندىم.بارا-بارا سۇدا ئۈزەلەيدىغان، ئاسماندا ئۇچالايدىغان بولدۇم.سۈرئىتىمنىڭ تىزلىكى ھەققىدە گەپ يوق! ھازىر ئاسىيا، ياۋرۇپا،ئامرىكا قىتئەلىرىمۇ مېنىڭ ماكانىم بولۇپ قالدى.مەن ھەتتا يەر شارىنىڭ ئەڭ چەت بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى تاقىم ئاراللارغىمۇ بېرىپ باقتىم.كىم مېنىڭ قەدەم ئىزلىرىمنى ئاموزۇن،نىل،چاڭجاڭ،دوناي،تارىم دەريا ۋادىلىرىدا يوق دىيەلەيدۇ!؟؟!مەن گاھىدا ھىمالىيا،كوردېلېر،ئالىپ،تەڭرى تاغلىرىغا ،پامىر ،بىرازىلىيە، چىڭخەي ئىگىزلىكلىرىگە چىقىپ ئىرادىسى ئاجىز ئىنسانلار توپىنى گۈزىتىمەن.قەيەردە ئەخلاقسىزلىق،ئېچىۋېتىلگەن جىنسى ئەركىنلىك، زەھەرگە ئاشىقلىق....بولسا دەرھال شۇ يەردە پەيدا بولۇپ ھەركىتىمنى باشلايمەن.مەن ۋىروس تارقىتىش يولىدا ئىنسانلار بىلەن ئاداققىچە كۆرەش قىلىمەن . شەيتان مېنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىم،شەيتان ئامالسىز قالسا ھاراق ۋە زەھەرلىك چىكىملىكتىن ئىبارەت قۇدرەتلىك قوراللىرىمنى ئىشقا سالىمەن.مەن ئەڭ ئۇستا ئوغرىلار كىرەلمەيدىغان قازناقلارغىمۇ كىرەلەيمەن،ئەڭ قابىڭ ساقچىلار بارالمايدىغان ‹‹ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك››تەڭ خەتەرلىك رايۇنلارغىمۇ نىمالال بارالايمەن،ئەڭ ھېلىگەر جاسۇسلارمۇ يېقىنلىشالمايدىن ئوردىلارغا كىرىپ پادىشاھلار ھوزۇرىدىمۇ بولالايمەن.                                                      
2 N% E0 \. [) }مەيلى سەن ئىسلام دىنىغا ئېتېقات قىل،مەيلى سەن بۇد ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇر، مەيلى سەن چېركاۋلاردا تىلاۋەت قىل، مەيلى سەن تەۋراتنى ياتقا ئال... ۋىروسۇمنى يۇقتۇرۋالساڭ ئوخشاشلا ساڭا رەھىم-شەپقەت قىلمايمەن.ئالتۇن سارايلىرىڭ بولسىمۇ بەرىبىر،يىتىم-يىسىر بولىشىڭ بىلەن چاتىقىم يوق،بوي-بەستىڭ، چىراي-شەكلىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.   
# a) Z; u- W, e4 c5 zسەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسەڭدىن ئايرىلىپ باققانمۇ؟؟سېنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ئادىمىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۆلۈپ كەتكەنمۇ؟!ئۇنداق بولسا سەن ئازاپنى ئازراق بولسىمۇ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنسەن.....سۆزۈمگە قۇلاق سال!ساڭا ئۆزۈم ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي:                                      / {+ @8 W) J0 S4 K' S1 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن-داۋاسى يوق كېسەل، ۋۇجۇدۇڭغا كىرىۋالدىممۇ سېنى ئۇدۇل ئۆلۈم دەرگاھىغا باشلاپ بارىمەن.                                                           ) ]  y& o2 A8 y3 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن- دەرىجىدىن تاشقىرى راك،قولۇڭغا شۇ ھامان ئۆلۈم خېتىنى كىسىپ بېرەلەيمەن.                                                                 
) l0 o5 E1 w* y- R! R6 bمەن-ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش،مېنىڭ لوغىتىمدە ‹‹يېڭىلىش›› دىگەن سۆز مەۋجۇت ئەمەس،بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ بىر ئائىلىنى، بىر شەھەرنى،بىر دۆلەتنى ھەتتكى پۈتۈن يەر شارىنى ھالەك قىلىۋېتەلەيمەن.                      1 T8 Q% |/ v7 \' X, yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن-ئەڭ كۈچلۈك يادرو قورال،نادان ئەللەر ئارىسىغا كىرىۋالسام،پىلتەمنى بىر تارتىش بىلەن بىر مىللەتنى سەرسان قىلىۋېتەلەيمەن،ئۇلارنىڭ كوچىلىرىدا دوزاخ گۈللىرىنى ئۈندۈرەلەيمەن،دەريا-كۆللىرىنى قان-ياشقا لىققىدە توشقۇزۋېتەلەيمەن. 3 z$ P' P9 ]( j2 ^) tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن-دۇنياۋى ئاپەت،ئىنسانلارغا ئازاپ-ئوقۇبەت،چۈشكۈنلۈك،نامراتلىق،ئاچچىق قىسمەت،ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى تەقدىم قىلالايمەن.                         3 v) r, I1 Y/ @0 n/ ?- f$ Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن-ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ۋەھىمە،ھەرقانداق ئۇرۇش، ھەرقانداق ۋابا مەندەك زور ۋەھىمە ۋە ئالاقەزادىلىك پەيدا قىلالمايدۇ.                                    
7 h# `' a9 F& t1 p9 ^) Qئېچىۋېتىلگەن جىنسىي ئەركىنلىك،ھايۋانلارغا بولغان غەيرى مۇھەببەت،نەشە، خىروئىن،يۇقۇرى گىرادۇسلۇق ھاراق،ئەخلاقسىزلىق ۋە ئائىلىنىڭ يىمىرلىشى-مېنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىم،ئائىلە پارچىلانسا،ھالال تەن ھالال تەنلەرنىڭ ئادېرىسىنى يۈتتۈرۈپ قويسا،غەيرى تەن غەيرى تەنلەرگە ئۆزگىچە ئاھاڭدا پىچىرلىسا،‹‹قىزلىق››تىن ئىبارەت بۈيۈك ۋەتەن مۇتتەتتىن بۇرۇن مۇنقەرزى بولسا خوشال بولىمەن.ئائىلىدىن ئىبارەت بۈيۈك ۋەتەندىن سۈرگۈن قىلىنغان بالىلار سەرگەندارلىق تۇرمۇشىنى باشلىسا،غەيرى خانىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تەمتىرەپ  تۇرسا،زەھەر سودىگەرلىرىنىڭ ئالدىدا تىزلانسا،ئوغۇرلۇق قىلسا، تەن ساتسا، قان ئالماشتۇرسا...شەيتاننىڭ كۈلكىسى قىستايدۇ.مېنىڭ ۋىروسلىرىم موشۇ چاغنى خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن تىمساق سېمىز بېلىقلارنى كۈتكەندەك كۈتىۋاتقان تۇرسا...نۆۋەتتە نەچچە مىليون ئىنسان تەنلىرى مېنىڭ ۋىروسلىرىمنى تارقىتىش كويىدا ئالدىراش يۈرمەكتە.سەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە قاراپ، سۆزىگە قاراپ،كۆزىگە قاراپ پەرىق ئېتەلمەيسەن؟!!مۈمكۈن بولسا سەن شۇلار بىلەن تاماقتا، ياتاقتا بىرگە بولساڭ،بىرگە پەيزى قىلساڭ مېنىڭ تەن تېرىتورىيەم كېڭەيگەن بولاتتى!؟! مەن ھازىر مەھەللەڭدىكى ئاۋۇ ئىشرەتخانىدا ئارام ئېلىۋاتىمەن .ساڭا ھالاكەت،كۆز-يېشى،نامراتلىق،سەرسانلىق،يىمىرلىش،يوقۇلۇش ئەڭ مۇھىمى ئۆلۈم كېرەك بولسا مېنى ئىزدەپ كەل!!سېنىمۇ مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن.                - ~% l  H* ?. a7 V/ oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇقارقىلار مېنىڭ ئاۋازىم ئەمەس،مېنىڭ مۇراجىتىم ئەمەس،مېنىڭ ۋەدەم ئەمەس!بۇ دەل ئەيدىزنىڭ ئاۋازى، بۇ دەل شەيتاننىڭ مۇراجىتى، بۇ دەل ئەزرائىلنىڭ ۋەدىسى!!!  مۇشۇ تاپتا ۋۇجۇدۇم ياپراقتەك تىترىمەكتە،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ بەخت قەلئەلىرى غۇۋالاشماقتا.قەلبىمدە ئەتراپىمدىكى ھەر بىر شەيئىدىن گۇمانلىنىش ئىستىگى چېچەكلىمەكتە.ھىكمەتلىك دۇنيادا ھىكمەت بىلەن ياشىمىسا پالاكەت باسىدىغان گەپ.ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان چىرايلىق بىر قىزچاقنى تونۇيتۇم ئۇمۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇ،يېقىندا كۈچتوڭگور بىر يىگىتنىڭ يۇقۇملۇنۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىچىم سىرىلىپ كەتتى.بۇنداق قىز-يىگىتلەر تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا،تارىم بوستانلىقلىرىدا،تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە،يېزا-قىشلاقلىرىمىزدا،ئىشخانا-پونكىتلىرىمىزدا ‹‹يوق››دەپ كىم كېسىپ ئېيتالايدۇ؟؟پولاتتەك پاكىت،ئاچچىق رىئاللىق بىزنى ھامان پىكىر قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.                                                              
; |4 l& B) ~% v7 \ئەي قەدىرلىك ھەم سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم!مەن سىلەرگە شۇنداق خىتاپنامە ئېلان قىلىمەنكى:ئەيدىز تەڭرى تېغىدا ھۆكۈرمەكتە،ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا شەيتان كۈلمەكتە،سول يېنىدا ئاق تاماكىدىن ئىبارەت ئالۋاستى ئۇزۇن چىشلىرىنى بىلىمەكتە،ئۇلار بىزگە قاراپ رەزىل ھەم شۇم پىلان تۈزمەكتە.يوللىرىمىزغا بۆتۈرمە قۇرماقتا...شۇڭا بىز توكور تۇرۇپ ھاسا ساتىدىغانلاردىن،ئەما تۇرۇپ باشقىلارغا ئەينەك ھەدىيە قىلىدىغانلاردىن،مۇنبەت تۇپراقلارنى ئىجارە بىرىۋېتىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغانلاردىن،ئائىلىدىن ئىبارەت ئىللىق ۋەتەننى ئۇسسۇز قويۇپ،باشقا ئائىلىلەرگە سۇ تۇشۇيدىغانلاردىن،ھويلىمىزدىكى قىزىل گۈللەردىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەي ،باشقىلارنىڭ بېغىدىن تىكەن ئوغۇرلايدىغانلاردىن بولمايلى!!ئەگەر شۇنداق بولساق خىزىر سۈپەت بوۋىمىزغا، پەرىشتە سۈپەت ئانىلىرىمىزغا،كەلگۈسىنىڭ شاھزادىسى،كەلگۈسىنىڭ مەلىكىسى بولمىش ئوماق بالىلىرىمىغا نىمە دەيمىز؟ئۇلار بىزگە نىمە دەيدۇ؟!باغرى تولىمۇ ئىلللىق ھەم يۇمشاق ئانا تۇپرىقىمىز بىزگە لەنەت ئوقۇماسمۇ؟؟!!بىز پاكىزلىققا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ۋاستىلىك ئەيدىز ۋىروسى يۇقتۇرۋالغان نارسىدە بالىلارغا ،ساددا ياشلارغا ئەڭ-ئەڭ يۇقۇرى مېھرىمىز بىلەن،ئەڭ-ئەڭ كەڭ قەلبىمىز بىلەن،ئەڭ-ئەڭ رۇشەن ھەركىتىمىز بىلەن كۆيىنەيلى!!ئۇلارغا ھاياتنىڭ مەنىسىنى ،تۇرمۇشنىڭ رېتىمىنى ،دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى قايتا ھىس قىلدۇرايلى!!ئۇلارمۇ كۈلسۈن،يايرىسۇن،ئۇلارنىڭ ئۈمىت چىرىقى، ھاياتلىق ئىرادىسى تاۋلانسۇن!!ئۇلار ئەتراپىدىكى ياشلارغا ،بالىلارغا ‹‹پاجىئە››گە يولۇقۇش قىسمەتلىرىنى ئاچچىق ھىكايە شەكلىدە سۆزلەپ بەرسۇن!!                                                                  
8 v4 u, B: q2 `/ X* \- j% s; Nئەي قەدىرلىك ھەم سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم!ئەيدىز ۋىروسى يېنىڭىزدا ياكى يېنىمدا بولىشى مۇمكۈن،بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىدە ئانا تەبىئەتنىڭ،بۇ سۆيۈملۈك بىرلا يەر شارىمىزنىڭ بىر مۇھىم ئەزاسى ۋە ئەڭ مۇھىم ھۆجەيرىسى ئىكەنلىكىمىزنى ئىتراپ قىلايلى!!ھەر بىرىمىزنىڭ يۈرەكلىرىدە ئەخلاقتن،ئىرادىدىن،ئىتتىقادتىن،چىن مەھەببەتتىن مۇنار تىكلىۋالساق...ئەيدىزنىڭ سۈر ھەيۋىسى،ھۆكىرەشلىرى،ئۇچقۇر ۋىروسلىرى...بىزدىن ئەيمىنىپ چەتنەپ ئۆتىدۇ،بىز بار كوچىلارغا مەڭگۈ كىرەلمەيدۇ.ئۇ چاغدا قۇلىقىمىزغا شەيتانننىڭ كۈلكىسى ئەمەس ئەلۋەتتە شەيتاننىڭ يېغا ئاۋازى بولىدۇ.                                                         ; P! d) k/ e' @* p& E' y7 M  Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە : شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسى ‹‹مەشرەپ›› پىرۇگىراممىسىدىن
. Z, u" [6 b. p, Eئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
& v, V& m! d3 _) k
5 N- V# @& K5 j. Bئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقى ئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،  روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +60 ئىناۋەت +60 تەڭگە +60 بايلىق +60 تۆھپە +21 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 60 + 60 + 60 + 60 + 21 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-21 23:21:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيساجان ئەپەندىمنىڭ قەدىمىگە مۇبارەك. دىللارغا " ئاچچىق" بېغىشلايدىغان يازمىلىرىڭىزغا تەشنامەن.
ۋاقتى: 2014-5-22 00:13:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئاشۇ نىجىس كىسەلدىن ئوزەڭ ساخلىغىن. قىرىنداشلار كىچىككىنەم كوڭولنىڭ كەينىگە كىرمەيلى . شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىغا  ئالدانماڭلار.  رەخمەت سىزگە بەك ياخشى يىزىپ سىز.
ۋاقتى: 2014-5-22 11:07:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-22 11:11  
( q; M$ f2 `$ D; d6 ]) G
8 O7 G, }: X5 ?ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ روھلان مۇنبىرىگە قەدەم باسقانلىقىنى قىزغىنى تەبرىكلەيمىز.
ۋاقتى: 2014-5-22 12:09:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغانكەن ، دىققەت قىلىشقا  شۇنداقلا  ئىبرەت ئىلىشقا تىگىشلىك.
ۋاقتى: 2014-5-22 12:15:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما بۇپتۇ  ئۇقۇپ يىغلاپ سالدىم زاڭلق قىلماڭلار
ۋاقتى: 2014-5-23 14:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ روھلان تورىغا كىرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ، يازمىلىرىڭىز بىر - بىرىدىن ياخشى بولغاچقا بىز مائارىپچىلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە شىپا بولىۋاتىدۇ . كېيىنكى يازمىلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2014-7-31 10:33:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ھەممىمزنى ساقلىسۇن مەرەز كىسەلدىن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 01:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش