روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1494|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

چوڭ بولمامسەن زادىلا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چوڭ بولمامسەن زادىلا

ئاڭلاپ بەزى گەپلەرنى قايناپ قالدىم شۇندىلا،
يازماي دېگەن ئەسلىدە يېزىپ سالدىم بولدىلا.
بەزىلەرگە ھەق ئىكەن تىل – ئاھانەت بۇندىلا،
ھەر ئادەمنىڭ كەينىدە پىتنە – پاسات گەپ تولا،
يېشىڭغۇ چوڭ ۋە لېكىن چوڭ بولمامسەن زادىلا.

«ئەيدىز مەن» دەپ يازسام گەر ئەيدىزكەن دەپ ئويلىساڭ،
«جىنايەتچى» دەپ يازسام گۇناھىمنى سورىساڭ.
«خۇشامەتچى»، «تەخسىكەش» دەپ سالسامغۇ قوغلىساڭ،
«كېسەل» دېسەم ئۆزۈڭچە لوقمان ھەكىم دورىساڭ،
يېشىڭغۇ چوڭ ۋە لېكىن چوڭ بولمامسەن زادىلا.

«سەرگەردان» دەپ سۆزلىسەم دەيدىكەنسەن مۇساپىر،
«بىناماز» دەپ يازسامغۇ شۇئان «يوقال، ۋۇ كاپىر».
ھەممە ئىشقا چات كېرىپ بولامتىڭ يا باھادىر،
بىر كىشىنى ئايرىشقا ئادەم زاتى بىقادىر،
يېشىڭغۇ چوڭ ۋە لېكىن چوڭ بولمامسەن زادىلا.

بىلەرمەننىڭ دەستىدىن گاچا بولۇپ ئۆتەيمۇ؟
نادان بىلەن تەڭ بولۇپ ئاۋارە بوپ يۈرەيمۇ؟
ياكى كاللاڭ ئېچىلىپ، چوڭ بولۇشۇڭ كۈتەيمۇ؟
كۈدە – كۆرپە يۈدۈپلا سەندىن نېرى كېتەيمۇ؟
يېشىڭغۇ چوڭ ۋە لېكىن چوڭ بولمامسەن زادىلا.

ئۆز قەلىمىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-21 19:29:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلشىرجان، بىرسى مىسرانىم تورىدا سىزگە يوغان بىر سوراق بەلگىسى قويدى  تورداشلار سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا ئىنتىزار..
ئەمدى ئاتاكىغا ئۆتمىسىڭىز بولمىدى جۇمۇ

باھا سۆز

مۇشۇ تېمىنى شۇنىڭغا يازغان. كىرىپ قاراپ بېقىڭ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-21 19:41
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-21 19:41:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىچى2 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 19:29
ئەلشىرجان، بىرسى مىسرانىم تورىدا سىزگە يوغان بىر سورا ...

مۇشۇ تېمىنى شۇنىڭغا يازغان. كىرىپ قاراپ بېقىڭ.
ۋاقتى: 2014-5-21 19:46:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئو!ئەلنىڭ شىرى.دىمەك يەنە ھۇجۇمغا ئۇچراپسىزدە؟ئاللاھ مەدەتكار بولسۇن.ئامىن.مېۋىلىك دەرەخكە كۆپ چالما ئېتىلامىش....
来自安卓客户端

باھا سۆز

شۇ يازغان كىشىگە مۇشۇ جاۋابنى يازغانتىم. ئاخىرىدىكى سۆزىڭىزگە رەھمەت. ئىلگىرى سىزنى تاللاپ خاتا قىلماپتى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-21 19:51
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-21 19:51:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgvl يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 19:46
ئو!ئەلنىڭ شىرى.دىمەك يەنە ھۇجۇمغا ئۇچراپسىزدە؟ئاللاھ  ...

شۇ يازغان كىشىگە مۇشۇ جاۋابنى يازغانتىم.
ئاخىرىدىكى سۆزىڭىزگە رەھمەت.
ئىلگىرى سىزنى تاللاپ خاتا قىلماپتىكەنمەن.
ۋاقتى: 2014-5-21 20:21:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ماۋۇ شېئىرمۇ شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ.
مۇكاپات نېسى قىلىپ تۇرسۇن.ئەتىگىچە نەقلەشتۈرۋىتىمەن.
ۋاقتى: 2014-5-21 20:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام! ماندا چاخچاق قىلماڭ دەيمەن!ئاچىڭىزنى پايلاپ يۈرگەن نوچى يىگىتتىن بىرى كۆرۈپ قالسا خاتا چۈشىنىپ قېلىپ پېشىنى قېقىپ كىتىپ قالىدۇ دەيمەن!ما چاخچاق ھە!بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇشقا رۇخسەت يوق! تۈگىدى بۇ چاخچاق.
来自安卓客户端

باھا سۆز

ۋاي سىز گەپنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟ ئاخىرىقى بىر قۇرنى يازمىسام بوپتىكەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-21 20:52
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-21 20:52:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgvl يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 20:33
ئۇكام! ماندا چاخچاق قىلماڭ دەيمەن!ئاچىڭىزنى پايلاپ يۈر ...

ۋاي سىز گەپنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟
ئاخىرىقى بىر قۇرنى يازمىسام بوپتىكەن.
ۋاقتى: 2014-5-21 21:01:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەيمەن
来自安卓客户端

باھا سۆز

قەتئىي خاپا بولمىسىلا ئاچا. ئۇكىلىرى كەم ئەقىللىق قىلىپ ساپتىمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-21 21:08
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-21 21:08:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgvl يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 21:01
شۇنى دەيمەن
来自安卓客户端

قەتئىي خاپا بولمىسىلا ئاچا.
ئۇكىلىرى كەم ئەقىللىق قىلىپ ساپتىمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 03:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش