روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 876|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ماۋزۇسىز (شىئېر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ماۋزۇسىز


ئاپتۇرى: نامەلۇم


تۇنىمايمەن ئەسلا «ئۇ»نى مەن،

ھەم شۇنىڭغا بولىمەن مەجبۇر.

تۇنۇمايدۇ«ئۇ»مۇ مېنى ھەم،

بەلكىم «ئۇ»بىر مەڭگۈلۈك چۈشتۇر



ئۇنتۇلغاندۇر بەلكىم ھەممىسى،

باردۇر «ئۇ»نىڭ ئۆزگە تۇنۇشى.

بەلكىم مەڭگۈ ھەم بولالماسمەن،

چىن ھەمراھى ھەم سىردىشى.


تۇنۇشمايمەن ئەسلا ۋە ئەسلا،

تونۇشۇشتىن كەتتىم بەك چۆچۈپ.

تۇنۇشۇشنىڭ نىگاھلىرى «ئۇ».

قايەرگىدۇ كەتكەندۇر ئۇچۇپ.


ئەنە شۇنداق تونۇشمايمىز بىز،

بەلكىم مەڭگۈ ئۇنتۇغاندىمىز.

بەلكىم بۇ چۈش خىيالى دۇنيا،

ئەمما «ئۇ» بىر يارقىن ئىز...


تونۇشمايمىز بەلكىم بىر ئۆمۈر،

بەلكى يەنە شۇنداق ئۆتىمىز.

زۆرۈر ئەمەس تونۇشۇش بىزگە،

بەلكى كونا تونۇشتۇر بىز.



ئاھ بۇ تەغدىر شۇنداق پۈتۈلگەن،

تونۇساقمۇ تونۇماسلىققا.

بەلكىم مەڭگۈ شۇنداق ياشايمىز،

قالار كەچمىش ئۇزاق -ئۇزاقتا.



تۇنۇمايدۇ «ئاكا» «سىڭىل»نى،

تونۇمايدۇ «سىڭلىسى»مۇ ھەم.

ئەمما تونۇش خىيالى دۇنيا.

راس ۋە يالغان،يالغان راسمۇ ھەم.


ۋادارىخا تونۇش بوپ قالدى تارىخ،

ئالەملىك خۇرسىندىم كەچمىشلىرىمگە.

ئۇنتۇلۇپ كىتىمىز بەلكىم ھەممىمىز.

بۇ جاھان قالغان كىم ھەم كىملەرگە.


بۇ شىئېرنى يازغۇچىسى بەلكىم ئاللا بۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەندۇر. ئەمما مەن ئۈچۈن ناھايتى قىممەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچ تور دۇنياسىدا مەڭگۈلۈك ساقلىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ يوللاپ قويدۇم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-22 14:41:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭ  مەن بۇ شىئىرنىڭ مەزمۇننى  پەقەتلا چۇشەنمىدىم     شوڭا باھا بىرەلمىگىدەىكمەن  
ۋاقتى: 2014-5-22 19:27:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى يېڭى يېزىش ئۇسۇلىمۇ قانداق ، تازا چۈشۈنەلمىدىم ، چارچىدىممۇ يا

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 02:29

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش