روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1870|ئىنكاس: 21
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئايالىمنى ئۇرايمۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئايالىمنى ئۇرايمۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار جامائەت
يەنە ئىزدەپ كەپ قالدىم تۇرغانسىلەر سالامەت.
ئۇشبۇ ئاچچىق ھاياتتا ئۇچرىدى كۆپ مالامەت،
بايان ئەيلەي دەردىمنى، بىر-بىرىدىن ئالامەت،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق، ئايالىمنى ئۇرايمۇ؟

توي قىلغىلى بولمىدى تېخى تولۇق بەش ئايمۇ،
( بۇ كەمگىچە كۆنەتتى بىرەر موزاي يا تايمۇ )،
ياكى جىمى گۇناھنى ئانىسىغا ئارتايمۇ؟
لىۋىم چىشلەپ ھەممىگە تاقەت قىلىپ ئۆتەيمۇ؟
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق، ئايالىمنى ئۇرايمۇ؟

ئويغاتمىسام سەھەردە ئۆزى تۇراي دېمەيدۇ،
ئىككى كۈندە بىر يوقلاپ ئانىسىنى ھارمايدۇ.
ھويلا – ئارام پاكىزمۇ يا بۇنى ھېچ بىلمەيدۇ،
سەل قاتتىقراق سۆزلىسەم يۈز – كۆزىنى ھۆللەيدۇ،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق، ئايالىمنى ئۇرايمۇ؟

دەسلىپىدە چاندۇرماي كۈلگىنىمنى ئېيتايمۇ؟
نەچچە قېتىم خام لەڭمەن يېگىنىمنى ئېيتايمۇ؟
تۇزلۇق تاماق يېيىشكە كۆنگىنىمنى ئېيتايمۇ؟
مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ئۆلگىنىمنى ئېيتايمۇ؟
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق، ئايالىمنى ئۇرايمۇ؟

« سايىم نوچى » ئاتالدىم ئەل – جامائەت ئاغزىدا،
ھېچ يۈزۈممۇ قالمىدى دوست – دۈشمەننىڭ ئالدىدا.
قاچانغىچە بۇ دەرتكە بولۇپ يۈرەي مۇپتىلا،
پۈتۈن – سۈرۈك ئەر تۇرۇپ يىغلاپ سالدىم دالدىدا،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق، ئايالىمنى ئۇرايمۇ؟

ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +20 ئىناۋەت +30 تەڭگە +30 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
ئىدرسجان + 10 + 10 تېخىمۇ تىرىشىڭ
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-20 23:46:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇننى ئۇرغىچە، ئۆزىڭىزنى ئۇرۇڭ. ئارلاشقان چاغدا بىلمىگەنما خۇي-پەيلىنى؟ ھىچ بولمىغاندا تامىقىنى يەپ باقىدىغان ئىشتى  (چاخچاق)
شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ.
كىلىشتۇرۇپ ياخشى يىزىپسىز   قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن
ئۇرۇڭ. ئۇنداق ناچار خۇتۇننى. ئۇنداق خوتۇننى ئۇرسىڭىز ھالال. باشتىلا ئۇرۇپ كۆندۈرمەپسىز. خې  خې  خې
ۋاقتى: 2014-5-21 07:56:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇشقا  تېگىشلىك  بولسا  ئاللا  ئۆزى   ئۇرسۇن ، سەۋر  قىلىڭ ، ياكى ...
ۋاقتى: 2014-5-21 08:21:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىقنى بېسىۋېلىڭ    ياخشى يېزىپسىز   
ۋاقتى: 2014-5-21 09:59:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر... دەپتىكەن كونىلار. مەنچە ئادەم دېگەننى تەربىيە ئارقىلىق ، نەسىھەت ئارقىلىق ئادەم قىلىدىغان گەپ. ياخشى گەپ تاشنى يارىدۇ دېگەن ھېكمەتمۇ بار. بولسا ئايال كىشىگە قول تەككۈزمەڭ. ياخشى ئەر ھەرگىز ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىگە قول كۆتۈرمەيدۇ.

باھا سۆز

ۋاي نەدىكەن شۇ ئۇرىدىغان خوتۇن ئەخەتكا.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-21 10:12
ۋاقتى: 2014-5-21 10:07:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىقىڭىزغا ھاي بىرىڭ
بۇ كۈنلەرمۇ كىتىدۇ
سەۋىر قىلىپ كۈتسىڭىز
خۇشال كۈنلەر كىلىدۇ.

ھىچ بولمىغاندا بىرەر بالىڭىز بولغاندا
来自安卓客户端
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-21 10:12:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahat0902 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 09:59
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر... د ...

ۋاي نەدىكەن شۇ ئۇرىدىغان خوتۇن ئەخەتكا.
ۋاقتى: 2014-5-21 12:03:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 10:12
ۋاي نەدىكەن شۇ ئۇرىدىغان خوتۇن ئەخەتكا.

سىز تېخى بويتاقما؟
بىر چاغدا كىمنى ئالسام بولاركىن دەپ ئولتۇراتتىڭىز، يەنە بىر چاغدا ئايشەمگۈلنى ئالايمۇ دەپ يۈرەتتىڭىز، بۈگۈن بولسا ئايالىمنى ئورايمۇ دەپ شېئىر يىزىپسىز .
ئاۋال خوتون ئىلىڭ، ئاندىن مۇنۇ شىئىردىكىدىكەك ھالەتتە بولسا ئاز-تولا ئەرلىكىڭىزنى نامايەن قىلىپ قويۇڭ.

باھا سۆز

نېمە دەيمىز ئەمدى. پىراكتىكا دەپ قويامدۇق؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-21 12:59

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 12:14

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش