روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1536|ئىنكاس: 15
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قورقىمەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قورقىمەن

ئىز بېسىپ قوغلاپ يۈرەر پايلاقچىلاردىن قورقىمەن،
ئىت كەبى ماراپ ياتار ئايغاقچىلاردىن قورقىمەن.

بىگۇناھنى خارلىغان زالىمغا سۆزلەي دەيمەنۇ،
كەينىدە ھە-ھۇ دېگەن پوداقچىلاردىن قورقىمەن.

چىقسا گەر دۈشمەنلىرىم ئالدىمغا سەكرەپ مەيلىغۇ،
قوينىدا پالتا-پىچاق قىلتاقچىلاردىن قورقىمەن.

ئۆز ئېلىمنىڭ بېغىغا تىكسەم كۆچەتلەر، ئاينىسا،
ياۋا شاختىن بىخەۋەر پۇتاقچىلاردىن قورقىمەن.

بولدى بەس توختا قەلەم كەتمە تېگىپ چىڭ پەللىگە،
ھەر تەرەپ تەييار تۇرار قالپاقچىلاردىن قورقىمەن.

ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +20 ئىناۋەت +35 تەڭگە +29 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
پەشتاق + 15 + 9 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-11 23:26:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق، ياخشى يېزىلىپتۇ. قەلىمىڭىز ھوسۇللۇق بولسۇن.
ۋاقتى: 2014-5-12 01:57:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[بولدى بەس توختا قەلەم كەتمە تېگىپ چىڭ پەللىگە،] يىزىۋىرىڭە باشقا كەلگەندە باتۇر...................  رەخمەت سىزگە ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ

باھا سۆز

ۋاقتى كەلسە باشقا كەلگەندە مېنىڭ ئورنىمغا سىز باتۇر بولامسىز؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-12 17:39
مەن سزنڭ پكرڭزنى ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن بۇرادەر، بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزنى توختىتۋلشمۇ بر ئاقلانىلىق دەپ قاراي  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-12 11:14
ۋاقتى: 2014-5-12 09:45:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي
دىخقان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 19:57
[بولدى بەس توختا قەلەم كەتمە تېگىپ چىڭ پەللىگە،] يىزىۋى ...

مەن سزنڭ پكرڭزنى ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن بۇرادەر، بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزنى توختىتۋلشمۇ  بر ئاقلانىلىق دەپ قارايمەن
ۋاقتى: 2014-5-12 12:00:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسز.....................
ۋاقتى: 2014-5-12 16:18:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشې يىزىپسىز مەن بەك ياختۇردۇم
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-12 16:37:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىقسا گەر دۈشمەنلىرىم ئالدىمغا سەكرەپ مەيلىغۇ،
قوينىدا پالتا پىچاق قىلتاقچىلاردىن قورقىمەن.
ماشائاللاھ.ياخشى يېزىپسىز.دىگەندەك ھازىر مەرد دۈشمەن يوق قىلتاقچى  پەسلەر كۆپ.
来自安卓客户端

باھا سۆز

ئاشۇنداق پەسلەردىن ئاللاھ ساقلىسۇن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-12 17:39
ۋاقتى: 2014-5-12 17:25:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى چىقىپتۇ         يارايسىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-12 17:39:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىخقان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 01:57
[بولدى بەس توختا قەلەم كەتمە تېگىپ چىڭ پەللىگە،] يىزىۋى ...

ۋاقتى كەلسە باشقا كەلگەندە مېنىڭ ئورنىمغا سىز باتۇر بولامسىز؟

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 04:19

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش