روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1845|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئايفونىڭىزنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى. ئۇزۇن بوپتۇ دېدارلاشمىغىلى.  بۈگۈن ھەر قايسىڭىزلارغا كىچىككىنە بىر ھۆنەر ئېلىپ كەلدىم. بەلكىم بۇ ھۆنەرنى بىلىدىغانسىز. ياكى بۇ ھۆنەرنى كۆرۈپمۇ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ ھۆنەر ئايفون، ئايپەدلەرنىڭ ئۆزىدىلا بار. بايقىمىغان يېرىڭىزلا بار شۇ.
" f0 z( D! A4 A3 F- [: {- e8 l" Jقانداق ھۆنەردۇ دەپ ھەيران قالماڭ.  بۇ شۇ  ئايفوننىڭ زىيارەتنى چەكلەش بۇيرۇقىنى قوزغىتىشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى سىز يانفوننىڭ  ئورۇن بەلگىلەش، ئايفونۇمنى ئىزدە، iCloud  ھېساباتى قاتارلىق مۇھىم مەخپىيەتلىك ئىقتىدارلىرىنىڭ زىيارىتىنى توسۇشتىن ئىبارەت. سىز زىيارەتنى چەكلەش تاللانمىسىدىن  تەڭشەش ئارقىلىق يۇقارقى ئىقتىدارلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زىيارەت قىلىشىنى توسۇپ قالالايسىز. بۇ ھۆنەرنى مۇنداق بىر سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بىرلا ئېغىز گەپ «ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ». ' ?+ ^# c' Z9 @" Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بارلىق تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىقتىدارلارنىڭ ئېچىش، تاقاش كۇنۇپكىلىرى ئۆز رولىنى يوقاتقان بولىدۇ. خۇددى سىمسىز تور ئىقتىدارىنى يوقاتقان يانفونلاردەك ئېچىش، تاقاش كۇنۇپكىلىرى سۇس ھالەتكە كىلىپ قالىدۇ.  (ئەنسىرەپ كەتمەڭ،  كېرەك بولسا ئۆزىڭىز ئېچىپ ئىشلىتەلەيسىز، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئايفونىڭىزنى ساتماقچى بولۇپ قالسىڭىز باشقىلارغا ھەرگىز شۇنداق پېتى سېتىپ قالماڭ، بولمىسا سىز ئايفون ساتقان پۇل سىزگە ھارام).
6 d) Y, `1 P9 h# U5 f& Nسېستىما يېزىپ ئېچىۋەتسىچۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟  بەلكىم شۇنداق بولار.... ئەقىللىقراق ئوغرى(سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئىسسىق تونۇردىن سامسا قومارغۇچى) بولسا ھازىرقى ۋەزىيەتتە سېستىما يېزىپ ئاچىمەن دەپ ئويلىماسلىقى مومكىن. چۈنكى ھازىر ھاۋا سوغۇق، سامسا خام قالغان بولسا قورسىقى ئېسىلىپ قىلىشى مۇمكىن. . & f- H0 G0 O3 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كەمىنە 6.13 سېستىمىدا سىناپ باقتىم.   مەن يۇقىرىدا ئېيتقان تەڭشەكلەرنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن يەنە 6.1.3 نى قايتا يازسام بۇ تەڭشەكلەر ئۆز رولىنى يوقاتماپتۇ. سىنالغان ئۈسكۈنە  4- ئەۋلاد ئالما يانفونى.
3 O6 F# E7 p  B2 Aيۇقىرى سېستىمىدا قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭغا بىرنېمە دىيەلمەيمەن. بەلكىم ئايفونغا كۆيۈپ قالغان ئەمەس بەلكى، كۆنۈپ قالغان ، كونىلىققا ئېنتىلىدىغان «سامسىپەز» لەر بولسا 6.1.3 سېستىمىنى كۆتۈرۋەتمەسلىكى مومكىن. چۈنكى كۆنۈپ قالغانلار ھازىر ئۇنىڭدىن يۇقىرى سېستىمىنىڭ ID  تەلەپ قىلىدىغىنىنى  ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. چۈنكى سىز  تەڭشەپ قويغان ID نومۇرى كۆزىگە مىختەك قادىلىپ تۇرىۋاتسا.... بەلكىم سېستىما كۆتۈرمەي باشقىلارغا سېتىۋىتىشى مۇمكىن. بۇ يەردە بىر مەسىلە بار. ئەگەر مېڭىسىنىڭ پىيى تارتىشىپ قالغان بىرەر ئەخمەق بۇناچار«سامسا»نى ئەرزان بەرسە موككىدە ئېلىپ قويۇشى، سىز ئىزدەپ تېپىۋالغاندا بولسا «سامسىپەز»لەردىن بەكرەك قورساق كۆپۈكى تارتىشى مۇمكىن.  ئەلىكۇمۇلىللەھ. بۇنى ئۆزىنىڭ ئاچكۆزلۈكىدىن كۆرسۇن.
8 j# G; g' {- k& u) I1 bبۇ ھۆنەرنى بىلىۋالسىڭىز ھېلىقىدەك «سامسىپەز»لەر تونۇردىن مىڭ بىر جاپاچىلىقتا سامسىنى قومۇرۇپ يىيەلمەي قان قۇسىدۇ. مەيلى ئۇ قانداق ئامال ئىشلەتسۇن. ئۇنىڭغىچە  ئالتە بەش كۈن ئۆتۈپ بولىدۇ. ئۇ چاغقىچە سىز ئۆمۈچۈكتەك ئۆمىلەپ بارسىڭىزمۇ تېپىۋىلىپ بولالىشىڭىز مۇمكىن. بۇ چارە بىلەن مۇتلەق تېپىپ كېلەلىشىڭىز ناتايىن، شۇنداقتىمۇ يوقاپ كەتسە ھاڭۋاقتىدەك داڭ قېتىپ تۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولالايدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن يوقاپ كەتكەن  ئايفونىڭىزنى تېپىپ كېلەلىسىڭىز ئۈچ كۈنگىچە بېشىڭىزدا قويۇپ ئۇخلاڭ، ئۈچ كۈنگىچە تاپالمىسىڭىز ئۈچ كۈن يىغلاڭ(بۇ ئۇسۇل ھەم ئەلۋەتتە سالامەتلىككە پايدىلىق). ئۈچ كۈن يىغلاپمۇ ئايفونىڭىزنىڭ سىماسى كۆز ئالدىڭىزغا كەلمىسە. سەۋىر قىلىڭ!
( ?! C* N9 x+ I% tسەمىڭىزگە سېلىپ قويىدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، ھازىر بەزىدە ھاجەتخانىغا بېرىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات  دەيدىغان بوپ كەتتى.  شۇڭا سىز ئايفونىڭىزنىڭ IMI  نومۇرىنى، ۋە يانفون سېتىۋالغاندىكى تالون، بولۇپمۇ  يانفوننىڭ قەغەز قېپىنى ساقلاپ قويۇڭ. يەنە iCloud قا ئانچە مۇنچە ماتېرىيال زاپاسلاپ قويۇڭ. ئىسپات دېگەن مۇشۇ شۇ.
1 l6 q! X# ]6 [! q# Y5 j* [6 zمەن ئېيتقان ھۆنەرنىڭ تەڭشەش قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندە سىنلىق قىلىپ ئىشلەندى. كېنو كۆرگەندەك ھۇزۇر ئالغاچ تەڭشىۋالارسىلەر  
5 U; u) r4 F# s2 M4 m1 ?3 P1 w  j4 Y% x6 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

  Z9 C/ [9 U, n. x1 H+ x
$ u0 u- d% N4 J+ g' g: jمەنبە:دەرىسلىك تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-7 19:24:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇسۇلكەن .رەھمەت
ۋاقتى: 2014-5-9 08:41:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت پايدىلىق تىمىكەن بۇ ئايفۇن ئىشلەتكۇچىلەر ئۇچۇنمۇ تىپىلغۇسىز دەرسلىك ئىكەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 01:37

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش