روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 966|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئايلىناي

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئايلىناي

نى زامانلار دوپپىسىز يۈرگەنلىرىڭدىن ئايلىناي.
نەق بۈگۈن بايرام ئۈچۈن كىيگەنلىرىڭدىن ئايلىناي.

توي-تۆكۈن، بايرام ئارا يۈردى بېشىڭدا پارقىراپ،
كەتسىلا مىخقا ئېسىپ قويغانلىرىڭدىن ئايلىناي.

باشقا چاغ كەيسە بىرى كۆز يۇمدى كىم دەپ سورىدۇق،
ئىشەنمەي ھەر خىل گۇمان قىلغانلىرىڭدىن ئايلىناي.

كەيسە گەر يات بىر كىشى مەمنۇن بولۇپ گۈللەر تۇتۇپ،
ئۆز ئېلىڭنىڭ تۇرقىغا كۈلگەنلىرىڭدىن ئايلىناي.

باغدا ئۆسكەن گۈل ئىدى ئەجدادلىرىم پەرۋىش قىلىپ،
ۋە لېكىن ئازغانغا قول سوزغانلىرىڭدىن ئايلىناي.

مىڭ ئېغىز داڭگال پاراڭدىن بىر ئەمەل ئەۋزەل دېسە،
تېرىكىپ ئاندىن قاپاق تۈرگەنلىرىڭدىن ئايلىناي.

ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +75 ئىناۋەت +75 تەڭگە +69 بايلىق +45 تۆھپە +17 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
ADiL + 55 + 40 + 40 + 25 + 10 ياقتۇردۇم
تىلچىن + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-5 21:23:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى يېزىپسىز. دوپپىنى بايرام توي نەزىر چىراقتىلا كىيىپ باشقا ۋاقىتتا توپا باستۇرۇپ قويدىغان يامان ئىللەت كۆپىنچىمىزدە بار.
ۋاقتى: 2014-5-5 21:39:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلشىر ئەپەندىمنىڭ بۇ غەزىلى ھەقىقەتەن پاساھەتلىك چىقىپتۇ. شېئىردا بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىپادىلىنىپتۇ.
ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە، دوپپىنى بىر كۈن بولسىمۇ كەيگەنلەرگە رەھمەت دىمەي ئامالىمىز يوق. ئىشەنمىسىڭىز دوپپىسىز يۈرگەنلەر بىلەن دوپپىلىقلارنىڭ نىسبىتىگە قاراپ بېقىڭ.
ۋاقتى: 2014-5-5 23:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇگۇن بازارنى ئايلىنىۋىتىپ، دوپپا كىيىپ ئەسلىگە قايتقان كىشلەرنى كۆرۇپ شۇنداق خوش بولدۇم .
ۋاقتى: 2014-5-5 23:10:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەگە بارماڭ دوپىلىق ياشلار ئوتتۇرا ياشلار قىزلار خۇشال يۇرگەن دوپپا سودىسىمۇ بۇگۇن ئاجايىپ جانلىنىپتۇ ھەممەيلەندە خوشال كەيپىيات كۆتۇرەڭگۇ روھ .
ۋاقتى: 2014-5-5 23:12:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا سىزنىڭ يازغان غەزلىڭىزنى بىر ئىغىزمۇ ماختىماتىمەنغۇ كەچۇرۇڭ بەك ھاياجالىنىپ كىتىپتىمەن ،شۇنداق ياخشى يىزىپىسز  قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-5-5 23:50:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شېئىرنى  ئوقۇپ ، بەك  خىجىل  بولدۇم . چۈنكى ، بۇ شېئىر ماڭىلا  قارىتىلىپ  يېزىلىپتۇ .
زامان مۇشۇنداق بولۇپ قالغاچ دوپپا بايرىمى دەيدىغان ئۇقۇم بارلىققا كەلدى. خانىم قىزلىرىمىز ياغلىقىڭىز  نى ئوبدان چىگىۋىلىڭ ياغلىق چىگىش بايرىمى دەيدىغان ئۇقۇم ھەرگىز بارلىققا كىلىپ قالمىسۇن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
alxir + 5 + 5 ئورۇنلۇق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-5-6 11:16:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2014-5-6 11:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز ياخشى يېزىپسىز ..!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 06:07

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش