روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 909|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇيغۇر دوپپىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر دوپپىسى   
مىللىتىمنىڭ بەلگىسى پەخرى ئۇيغۇر دوپپىسى،
قايىل ئېتەر ھەممىنى سېھرى ئۇيغۇر دوپپىسى،
نۇر چاچىدۇ كىيگەننىڭ چېھرى ئۇيغۇر دوپپىسى،
تاشلىۋەتسەڭ تاشىدۇ قەھرى ئۇيغۇر دوپپىسى،
يېقىلمايدۇ مەڭگۈگە  تەختى ئۇيغۇر  دوپپىسى.

يەتتە ياشتىن يەتمىش ياش يارىشىسەن ھەممىگە،
غۇنچە كەبى قىزلارنىڭ ھۆسۈن قوشۇپ ھۆسنىگە،
قوشۇلسا ئاڭا ئەتلەس ھەم كېلىدۇ گۈل گۈلىگە،
سېنى  كىيسە  بوۋايمۇ  ئىشەنمەيدۇ  كۆزىگە،
ئايرىپ تۇرار ئۆزگىدىن پەرقى  ئۇيغۇر دوپپىسى.

چىمەن،بادام ،مارجان دەپ ئىسىملىرىڭ ئۆزگىچە،
ھۈنەرۋەنلەر قولىدىن پۈتۈپ چىققان نۇر ئۈنچە،
كىيەر شۇڭا قەدىرلەپ يىرتىلغان شۇ كۈنگىچە،
ھەمرايىسەن سەيياھنىڭ مەنزىللەرگە يەتكۈچە،
بىباھادۇر بىلگەنگە  نەرقى  ئۇيغۇر دوپپىسى.

لېكىن ئەپسۇس بەزىلەر كۆزلىرىڭنى ياشلىدى،
مەتۇلارنىڭ ئىشى دەپ سېنى چۆرۈپ تاشلىدى،
سېنى كىيگەن بېشىنى تۈزەشتۈردى، ‹‹تاز››لىدى،
بويۇن قىستىڭ قازناقتا   ئەتىۋارىڭ  ئازلىدى ،
سۆزلەپ كەلسە يەنە بار  دەردى ئۇيغۇر دوپپىسى.

ئەجدادىمىز قەدىرلەپ كىيىپ كەلگەن ئىدىغۇ،
زەررىچىلىك نۇقسانمۇ تېپىلمايدۇ سەندىغۇ،
ئويلاپ باقماي ئەسلىنى ساڭا زۇلۇم قىلدىغۇ ،
كىيمەسلىككە باھانە ،سەۋەپ زادى  نېمىدۇ؟
خارلانمىسۇن تاشلىنىپ قەدرى  ئۇيغۇر دوپپىسى.

بۈگۈن سېنىڭ بايرىمىڭ خۇشال بولغىن شادلانغىن،
كەلگۈسىگە ،ئەتىگە ئۈمىد  بىلەن   ئاتلانغىن،
جۇلالىنىپ  تېخىمۇ  كۆڭۈللەردە  نۇرلانغىن ،
ئۇنتۇلمىغىن ھەرگىزمۇ،داستان كەبى يادلانغىن ،
مىللىتىمگە تۇتاشقان  قەلبى  ئۇيغۇر دوپپىسى .

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
2014-5-5  ئېلىجان  مەتتوختى (چاقنار)



كېيىنكى: ئايلىناي
ئالدىنقى: ئاڭلا،يۈرىكىم!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-5 21:26:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى يازما بىلەن روھلانغا ئالغان قەدىمىڭىزگە مەرھابا.
ۋاقتى: 2014-5-5 21:41:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلانغا ئۈمىدلىك قەلەم ئىگىسىدىن بىرسى قەدەم بېسىپتۇ. قەدىمىڭىز پاي بولسۇن.
نادىرلىغۇدەك تېما بولۇپتۇ، باشقۇرغۇچىلار نادىرلاپ قويساڭلار، يانفۇندا بولمىدى.
ۋاقتى: 2014-5-5 22:38:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز، تىخىمۇ تىرىشىڭ
ياخشى يىزىپسىز  بەك ياخشى چىقىپتۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-5 23:55:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 22:38
نادىرلىغۇدەك تېما بولۇپتۇ، باشقۇرغۇچىلار نادىرلاپ قو ...

رەھمەت   سىزگە  ئادىل  ئەپەندى   ،  بۇندىن   كېيىن  مۇنبەرداشلارنىڭ  ھۇزۇرىغا   تېخىمۇ  ياخشى  ئەسەرلەرنى   سۇنۇشقا  تىرىشىمەن
ۋاقتى: 2014-5-6 01:26:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ سىزگە كۆپ تەشەككۈر .....

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 06:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش