روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1623|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گەپ تاپتۇق (ساتىرا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توغراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 23:23  


گەپ تاپتۇق

(ساتىرا)

ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي



توۋا دەيمەن يوتىغا بىرنى ئۇرۇپ گەپ تاپتۇق،

ئەيىپ ئارتىپ بىراۋغا ئۆيدە تۇرۇپ گەپ تاپتۇق،

قايسى بىرسى شان قۇچسا ئېغىز پۈرۈپ گەپ تاپتۇق،

ئاپەت كەلسە ياخشىغا بەزمە قۇرۇپ گەپ تاپتۇق،

قاملاشتۇرۇپ يالغاندىن پىتنە توقۇپ گەپ تاپتۇق.

***

ئۆيدە پاتمان ئىش تۇرسا ئۆزگىلەرنى پايلايمىز،

نىمىش قىلدى قوشنىمىز پاسىل تامدىن بويلايمىز،

ئوڭ ماڭسىمۇ<<تەتۈر>>دەپ چوڭغا چېقىپ جايلايمىز،

ھەر جەھەتتە مىنىڭدىن ئاشمىسۇن دەپ ئويلايمىز،

تۆھمەت چاپلاپ ئىش تېرىپ ساقنى بۇزۇپ گەپ تاپتۇق.

***

ئارىمىزدىن بېرەرسى قەد كۆتۈرسە قوللىماي،

شۇ ھامانلا ئۇنىڭغا تىل سالىمىز پايلىماي،

ياتنى دىدۇق<<داموللا>> ياندا تۇرسا تونىماي،

شوڭا نەپنى خەق ئالۇر تەقدىر بىزگە بۇيرىماي،

تىلىمىزدا گۇياكى ئات چاپتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.

***

ئوڭ كۆز يەيدۇ چەپ كۆزنى ئەگەر قاڭشا بولمىسا،

دوستىمىزنى دوست ساتتى بىركىم نەپتە گوللىسا،

ئۆچ كۆرىمىز ھەتتاكى كىمكى ھەقنى قوللىسا،

ئەمدى كىمدىن كۆرەتتۇق تالەي قولغا قونمىسا،

كۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ياش ئاققۇزۇپ گەپ تاپتۇق.

***

كارخانىچى ئىش قىلسا دىدۇق:<<ئىنسان ساختىسى،>>

زىيالىنى تىللىدۇق،دىدۇق:<<كىتاپ خالتىسى،>>

دەپ دېھقاننى كەمسىتتۇق:<<دادۈيجاڭنىڭ غالچىسى،>>

ئارتىسلارنى دىدۇق بىز:<<ئوردا ئۇسۇل-سازچىسى،>>

چىڭنى غاجاپ يۇمشاققا چىش پاتتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.

***

بىر بىرىنى چېقىشماس نەشتىرى بار چايانمۇ،

زىچ ئورماننى سۇندۇرۇپ قايرىيالماس شامالمۇ،

ئۇيۇشقاقلىق-دوستلۇقنى تەلەپ قىلدى زامانمۇ،

پېتىمسىزغا سۇئالىم:ئوم ياشىساق يامانمۇ؟

نىچۈن تۈنلەپ ئۇخلىماي باش قاتتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.

***

ئەي ئوغلانلار ئەمەس بىز قارا تاغدىن-ئاق تاغدىن،

ئاگاھ بولماق ۋاجىپتۇر يامان غەرەز مەككاردىن،

ئارىمىزغا نىزانى كىملەر سالدى ئويلانغىن،

ھەزەر دوستلار مىڭ ھەزەر!پۇرسەتپەرەس شەيتاندىن،

ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز دەرت تاتقۇزۇپ گەپ تاپتۇق.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2ئىناۋەت +20 تەڭگە +14 يىغىش سەۋەبى
بىجىرىم + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك
nur0998 + 5 + 5 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-16 23:51:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇر ھەقىقەتەن  ياخشى يىزىپتۇ، بارىكاللا.   سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت .ئاپتۇر  سىزمۇيا

باھا سۆز

مېنىڭ قۇلۇمدىن بۇنداق ياخشى ئەسەرلەر چىقمايدۇ.  ۋاقتى: 2014-4-16 23:56
ۋاقتى: 2014-4-17 09:03:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەڭ قورساقلىق ئىسىل پەزىلەت..
ۋاقتى: 2014-4-17 11:12:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋەلى راخمان نىڭ مەنىلىك شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ئېسىلكەن. تۆنۈگۈن بىر شېئىرى بىلەن تونۇشقان ئىدىم. بۇمۇ شۇنداق ياخشىكەن. مىللىتى ئۈچۈن ۋىجدانى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، باشقىلارغا يامانلىقنى خىيال قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ، ئۆزىنىڭ مىللىتىنى قوللايدىغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-4-17 19:51:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا.   سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت
ۋاقتى: 2014-4-17 20:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز.داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى.راھمەت.
ۋاقتى: 2014-4-18 15:28:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېر ياخشى يېزىلىپتۇ، بەزىلىرىمىزدىكى  يامان  ئىللەتلەرنى  تازا سۈكۈپتۇ، شۇلار بىر كۆرسە بوپتىكەن ...
ۋاقتى: 2014-4-18 17:30:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ئىسىل شىئىر بۇ.رەھمەت
ۋاقتى: 2014-4-18 20:54:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شىئىر ئىكەن تىمىللىرىڭىز›شىئرلىرىڭىز  ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
ۋاقتى: 2014-4-18 22:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن ياخشى يىزىپسىز. ئەقلىڭىزگە ئارىكاللا، بەكمۇ ياقتۇردۇم.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-26 02:19

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش