روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1332|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بالىلىقنى ئەسلەپ..

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، روھلانداشلار بالىلىق ۋاقتىمىزدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىزنى ئەسلەپ باقايلى








بالىلىقنى ئەسلەپ....


بالىلىقنى ئەسلىسەم شۇ دەم،
كىرپىكلىرىم ياشقا نەملەندى.
قۇلاق سىلىڭ دوس-بۇرادەرلەر،
بالىلىقتىكى ھىكايىلەر باشلاندى.

بالىلىقتا ئۆتەر ئىكەن كۈنلىرىڭ غەمسىز،
ھەممە نەرسە ئويۇنچۇق بىلىنەر ساڭا.
ئاخشاملىرى دوسلار بىلەن مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناپ،
تاڭ ئاتسىلا ئويۇنۇڭ باشلىنار يانا.

كىچىلىرى ئايدىڭدا قوغلاشماق ئويناپ،
مەھەللىنى ئايلىنىپ ۋاڭ-چۇڭ قىلىشىپ.
بارخانلاردا گۈلخان يىقىپ چۆچەك ئىيتىشىپ،
بەلنى راسا چىڭ باغلاپ چىلىش-چىلىشىپ.

قىش كۈنلىرى دوسلار بىلەن قار بوۋاي ياساپ،
ئوينىشاتتۇق توپ-توپ بولۇپ قارلار ئىتىشىپ.
كەچ بولغۇچە راسا ئويناپ قانماي ئويۇنغا،
قايتىشاتتۇق قورساق ئاچسا ئۆيگە يىنىشىپ.

تومۇز پەسلى بولغاندا سۇغا چۆمۈلۈپ،
كۈلۈشەتتۇق ۋىلىقلاپ سۇلار چىچىشىپ.
سۇ ئاستىغا چۈمكۈلۈپ بىلىقتەك ئۈزۈپ،
ئويناۋىتىپ قانغۇچە سۇلار ئىچىشىپ...


مەنبە: ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
ئەلتبەر + 15 + 9 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ئالدىنقى: چىدايمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-12 13:11:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپرىن قەلەم تۇلپارىڭىزغا .كۆزتەگمىسۇن  شۇنداق ياخشى يېزىپسز بالىلىقىمنى ئەسلەتتى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-12 13:14:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتبەر发表于2014-04-12 13:11:48
ئاپرىن قەلەم تۇلپارىڭىزغا .كۆزتەگمىسۇن  شۇنداق ياخشى يېزىپسز بالىلىقىمنى ئەسلەتتى:lol
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-4-12 14:01:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز رەھمەت تىخمۇ تىرشىڭ .
ياخشى چىقىپتۇ  ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۆزۇلمىگەي
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-12 15:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سارسان发表于2014-04-12 15:00:21
ياخشى چىقىپتۇ  ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۆزۇلمىگەي
قىرىنداشلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-4-12 18:19:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ،ياشاپ كىتىڭ قېرىندىشىم.....ياشاپ كىتىڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-12 18:25:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
360发表于2014-04-12 18:19:33
رەھمەت سىزگە ،ياشاپ كىتىڭ قېرىندىشىم.....ياشاپ كىتىڭ
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت قىرىندىشىم
来自安卓客户端

باھا سۆز

360
سىزگىمۇ رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-12 18:27
ۋاقتى: 2014-4-12 18:27:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىچى2 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-12 18:25
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت قىرىندىشىم
来自安卓客户端

سىزگىمۇ رەھمەت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 15:16

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش