روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1254|ئىنكاس: 22
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قاغىلىق جامەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوسلار ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ!!
دوسلار ھەممە ئادەم يۇرتىنى سۆيىدۇ.

يۇرتىنى ئەڭ يىقىملىق سۆزلەر بىلەن مەدىھيەلىگۈسى كىلىدۇ، جۈملىدىن مەنمۇ، تۆۋەندىكى شىئىرىم ئارقىلىق، گۈزەل يۇرتۇم بولغان قاغىلىق ناھىسىنى مەدىھيەلىمەكچى....
سەۋىيەرىم چەكلىك بولغاچ، قاملاشمىغان يەرلىرى بولسا مازاق قىلماسسىلەر

گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق

ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق،
ئالما، ئانار ياڭاقچىلىق ماكانى.
خەلقى ئىشچان، ئەمگەكچان ھەم ئاقكۆڭۈل،
تاغلىرى ھەيۋەت باغلىرى گۈزەل چىپانى.

ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق،
رايونىمىز مىۋە-چىۋە ماكانى.
قىز -ئوغلانلار كىلىشكەن ھەم خۇشچىراي،
چوڭ بىلىدۇ ئۇلار ھالال مىھنەتنى.

ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق،
نام-شۆھرىتى يىراق يىقىنغا تارالغان.
ھەر تەرەپتىن قىلغاچ يۈكسەك تەرەقىيات،
قارا-قۇرۇمدىكى بىرىنجى شەھەر ئاتالغان.

ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق،
بازىرى كەڭ كوچىلىرمۇ بەك ئاۋات.
خەلقىم كەسپى سودا-سىتىق دىھقانچىلىق،
ھوسۇل ئىلىپ،شۇ كەسىپتىن  تۇرمۇشى ھەم باياشات.

ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق،
تاغلىرى ھەيۋەت، سۈيى ئەلۋەك بوستانلىق.
تارىختىكى شىرمەتلەرنىڭ قورغانى،
شۇ شىرمەتلەر بىسىپ ئۆتكەن جەڭ ئاتلىق.

ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق،
قۇچاغىڭنى كەڭرى ئاچتىڭ ھەممىگە.
مىھرى ئىسسىق قوينۇڭدا ياشنىسۇن ھەممە،
ئىناقلىقنىڭ كۈيلىرى چىقسۇن ئەۋجىگە.

ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق،
تەرىپلىسەم  يۈرەك سۆزۈم كۆپ ئىدى.
ئەمما تىلىم ئاجىز كەلدى ھەممىگە،
شۇ سەۋەپتىن كۆڭلۈم بىر خىل غەش بولدى.

2014- 4- 11
كېيىنكى: چىدايمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-11 12:14:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاغىلىق ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇب چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى گۇما ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرپى كەشمىر (پاكىستان كونتروللۇقىدىكى رايون)  بىلەن تۇتۇشىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر)، غەرب تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن ۇتتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 326 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 28 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا ئۈچ بازار، 17 يېزا، 302 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1514 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 346 مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلار  91.72% نى، خەنزۇلار 7.11% نى، باشقا مىللەتلەر  1.17% نى تەشكىل قىلىدۇ.   قاغىلىق غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شيې دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىگە قارىغان. جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە سىجۇبەن دۆلىتىگە قارىغان. سۈي، تاڭ سۇلىسى دەۋرىدە شىجۇجيا (قاغىلىق) قا قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەكەن خاندانلىقىغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قاغىلىق ئۇيغۇرلار قورۇقى دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلوڭ 24 - يىلى (1795 - يىلى) يەكەن خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشى 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاغىلىق ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو يىللىرىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى، يەكەن مەھكىمىسى، 10 - مەمۇرى رايون، يەكەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەكەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1956 - يىلى يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.   يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىي قىسمىدىكى ئېگىز تاغلىق جايلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇزلۇق ۋە قارلىق دالا (تىرام كەڭرى چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 7464 مېتىر ئېگىز)، ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىرى ئېگىز - پەس بولۇپ، ئۇنىڭدا زور كۆلەملىك ئورمانلىق، ئوتلاق بار. شىمالىي قىسمى تىنما يەلپۈگۈچسىمان شەكىلدىكى جايلار بولۇپ، تۈزۈلۈشى پەس بولۇپ، ئېگىز - پەس ئېدىرلىق، قاغىلىقنىڭ تاغ يېرى 73.3% نى، تۈزلەڭلىك 23.6% نى، قۇملۇق ۋە چۆللۈك 3.1% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە تىزناپ دەرياسى، ئۇلۇق دەرياسى، چىپان دەرياسى، كۆكيار دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 2 مىليارد 761 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 689 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قوڭۇر ئېيىق، يوپۇرماقلىق مىمىنايا، غاز قانىتى، چۈچۈكبۇيا، تورسۇلداق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، ئاليۇمىن، قاشتېشى، مەرمەرتاش، گرافىت قاتارلىقلار بار.   قاغىلىق ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 22.7℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2741.9 سائەت، 10℃ جۇغلانما تېپمېراتۇرىسى 4060.6℃. قىروسىز مەزگىلى 234 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېقىن مىقدارى  53.2 مېللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2480 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 47 مىڭ 800 گېكتار (717 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 20 مىڭ گېكتار (300 مىڭ مو) ئورمان، 567 مىڭ گېكتار (سەككىز مىليون 505 مىڭ 700 مو) ئوتلاق، 3300 گېكتار (50 نەچچە مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان بوز يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، ياغلىقدان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتىدىن قەغەز ياڭاق، دەنەك ئانار، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا ئات، كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، پاختا چىقىرىش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   بۇ ناھىيىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 219 - لىنىيىسى، 315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. 4000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش بىرلەشمە تورىغا كىرگۈزۈلدى.   بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بورھانول بۇددا دىنىي خارابىسى، مومۇق تاش كەنت خارابىسى، مۆڭكۆلخان قەلئەسى خارابىسى، شېھىتىيا قەدىمىي شەھەر خارابىسى قاتارلىقلار بار.        مەنبە_بىلقۇت تورى   

باھا سۆز

قاغىلىق توغۇرۇرلۇق تۇلۇق چۈشەنچە ھاسىل قلدىم. تۇرسۇن ئەپەندى رەخمەت.!  ۋاقتى: 2014-4-12 18:02

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +13 تەڭگە +8 يىغىش سەۋەبى
ئەلتبەر + 13 + 8 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-11 12:26:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Tursun007发表于2014-04-11 12:14:40

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
سىزمۇ قاغىلىقتىنما؟ قاغىلىقنىڭ تارىخىنى تورداشلارغا تەپسىلى تونۇشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
来自安卓客户端

باھا سۆز

مەن يەكەندىن .  ۋاقتى: 2014-4-14 20:34
پاھ پاھ ئانا يۇرتۇم قاغىلىقنى قانچە مەدىيلىسەك تۇگمەيدۇ رەھمەت ئالمىچى بۇرادەر قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن بەك ياخشى يىزىپسىز بولسا بۇنى روھلاننىڭ ئۇندىدار سالۇنىدا ئىلان قىلساق بولاتتىكەن

باھا سۆز

ئەزالىق نامىمىزنى روھلاننىڭ ئۈندىدار سالونىغا قانداق باغلايمىز؟ يول كۆرسەتسىڭىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-11 19:47
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-11 14:51:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇندا发表于2014-04-11 14:46:21
پاھ پاھ ئانا يۇرتۇم قاغىلىقنى قانچە مەدىيلىسەك تۇگمەيدۇ رەھمەت ئالمىچى بۇرادەر قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن بەك ياخشى يىزىپسىز بولسا بۇنى روھلاننىڭ ئۇندىدار سالۇنىدا ئىلان قىلساق بولاتتىكەن
ئەلۋەتتە بولىدۇ
来自安卓客户端
توغرا دەيسىلەر دىيارىمىز قاغىلىقتا نىفىتتىن تارتىپ قاشتىشى تۆمۈرگىچە ھەممىسى بار ئەمما ئىگىسى …………،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-11 19:47:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇندا يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 14:46
پاھ پاھ ئانا يۇرتۇم قاغىلىقنى قانچە مەدىيلىسەك تۇگمەي ...

ئەزالىق نامىمىزنى روھلاننىڭ ئۈندىدار سالونىغا قانداق باغلايمىز؟ يول كۆرسەتسىڭىز
qq 1395484024

باھا سۆز

ئۇندىدارنىڭ سالۇن قوشدىغان كوزنىكگە روھلان كوم دەپ ئزدىتىپ قىتۋالسىڭىز بولدۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-11 23:40
ۋاقتى: 2014-4-11 20:03:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بار جۇما مەنمۇ قاغىلىقتىن ،مىنى پالۋەتماڭلار ئەمدى باشقا يۇرتقا
ۋاقتى: 2014-4-11 20:05:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاغىلىق ناھىسنىڭ ھازرىقى نوپۇسى 542000 ئەتراپدا نوپسىمۇ ئۇنچە ئاز ئەمەس جۇما يەنە.

باھا سۆز

ئۇنداق بولامدىغان، سىز قاغىلىقنىڭ تىرىشچان گىراژدانى ‹پۇقراسى› روھلاننىڭ پەخرى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-11 20:27
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-11 20:27:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 20:05
قاغىلىق ناھىسنىڭ ھازرىقى نوپۇسى 542000 ئەتراپدا نوپسىمۇ  ...

ئۇنداق بولامدىغان، سىز قاغىلىقنىڭ تىرىشچان گىراژدانى ‹پۇقراسى›

روھلاننىڭ پەخرى

باھا سۆز

بەك ماختىۋەتمەيلى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-11 23:41

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-18 01:04

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش