روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1164|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇلۇغ ئانام جاپاكەش ئانام!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]








ئۇلۇغ ئانام جاپاكەش ئانام!!

چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە يىزىۋاتىمەن.....


قىزىق تونۇر بىشىدا مۈكچەيگەن بىلىڭ،
ئەي جاپاكەش ئىنساننىڭ ئۇلۇغى ئانا.
مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدۈڭ يەردە قالدىغۇ،
ئاخىر كىلى ئازاپقا مەن قالدىم يانا.

ئەتتىگىنى تۇراتتىڭ قانماي ئۇيقىغا،
ئويغىتاتتىڭ بالاڭنى راسا قاندۇرۇپ.
يىنىپ بەرسە بولماسمىدى ۋاقت كەينىگە،
ئەجىرىڭگە قايتۇراتتىم جاۋاپ ياندۇرۇپ.

كۈندۈزلىرى ئىتىزدا يالغۇزلا ئۆزۈڭ،
مەن ۋاپاسىزپەرزەنتىڭ ئويۇن قوينىدا.
بار جاپانى سەنلا تارتىتىڭ ئەي مىھرىبانىم،
قالدى نۇرغۇن ھەقلىرىڭ ئوغلۇڭ بوينىدا.

ياز بولسىمۇ قىش بولسىمۇ ھاردىم دىمەيتتىڭ،
بىر نان تاپساڭ يىمەيتتىڭ بالام يىسۇن دەپ.
ئۆمۈر بويى ئۆتتۈڭغۇ بالام بالام دەپ،
لىكىن بالاڭ دىمىدى ئانام ياخشى دەپ.

جۇدۇن چىقسا بالاڭنى ئالدىڭ قوينۇڭغا،
مەن توڭلىسام ھىچ گەپ يوق بالا توڭمىسۇن.
ئىسسىققىنا باغرىڭدا ئەللەيلەندىم مەن،
مۇنداق ئىللىق مىھرىڭگە كممۇ قانمىسۇن.

قەھرىتاننى ئۆتكۈزدۈم ئىللق قوينۇڭدا،
باھار كەلدى يازكەلدى جاپا باشلاندى.
قولۇڭغا ئالدىڭ كەتمەننى ئىش ئەمگەكنى دەپ،
بالاڭ دىگەن ۋاپاسىز ئويۇنغا ئاتلاندى.


بالام بەخىتلىك بولسىلا نىم بولسام مەيلى،
تەڭ كىلەلمەس بالامغا ياۋدىن يۈز-يۈزى.
كۆردىڭمۇ ۋاپاسىز ۋىجدانسىز پەرزەنت،
مانابۇ ئانىنىڭ يۈرەكتىن سۆزى.

نىدا !!

ئەي ئانا ئۇلۇغ ئانا جانىم ئانا!!
ياش ئالغانتىڭ كۆزۈڭگە بەختىمنى تىلەپ.
لىكىن ئوغلۇڭ ۋاپاسىز ۋىجدانسىز بەندە،
يىقىلساڭمۇ كارى يوق قويمىدى يۆلەپ...


ئەي ئانا جانىم ئانا ئۇلۇغ ئانا!!
كىتىپ قالدىڭ مىنى ئەلەمدە قالدۇرۇپ.
ئۇلۇغ ئاللا ئۆتۈنەي سەندىن ئۆتۈنەي،
شۇ ئانامنىڭ مىھرىنى بەرگىن قايتۇرۇپ.

پۇشايمان...

ئەي ئانا جانىم ئانا ئۇلۇغ ئانا!!
قالدۇرغانتىڭ جىمى جاننى ھەيرەتتە.
ئەمما ئۆزۈڭ ھالاۋەتمۇ كۆرمىدىڭ،
قالدى ئوغلۇڭ چەكسىز ئازاپ ھەسرەتتە.      



مەنبە:ئۆز قەلىمىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار!
مەن بۇ شىئىرىمنى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى يازغان، مانا  بۈگۈن روھلان تورىغا يوللاش نىسىپ بوپتۇ.
بىز ئاتا-ئانىمىزنى قانچىلىك ياخشى مەدىھيەلەر بىلەن مەدىھيەلىسەك ئەرزىيدۇ. بىز بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى دەپ تارتقان، جاپا-مۇشاقەتلىرىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ بولالمايمىز.....   

دوسلار بىلىم سەۋىيەرىم چەكلىك بولغاچ، شىئىردا بەزى خاتالىقلارغا، يول قويۇپ سالغان بولىشىم مۇمكىن، شۇڭا دوسلارنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئاخىردا، دوسلارنىڭ شىئىرغا، ياكى ماڭا نىسبەتەن تەكلىپ-تەلەپ، تەنقىد-پىكىرلەرنى  بىرىشىنى قارشى ئالىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 يىغىش سەۋەبى
360 + 5 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-9 14:45:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىئاللىقى چوڭقۇر بوپتۇ ! تەسىرچانلىقى كۈچلۈك ئىكەن . تىخىمۇ تىرىشسىڭىز سىزدە شىئىر تالانتى بار ئوخشايدۇ !!!
ۋاقتى: 2014-4-9 15:08:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە  ياخشى يىزىلىپتۇ .جاپاكەش ئانىلار ئامان بولسۇن!
ۋاقتى: 2014-4-9 22:04:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2015-2-15 13:59:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى   ، ئاخىرى كۆرەلىدىم،

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 19:13

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش