روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1230|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مودىچى قىزلارغا(شىئىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قىزىم سەن،
قاينىغان بازار ئارىلاپ،
يۈرىسەن رەستىدە نايناقلاپ-تاقلاپ،
‹‹ھى-ھى-ھى››،‹‹ھا-ھا-ھا››-كۈلۈپ قاقاقلاپ.
يۈرىسەن ئالچاڭلاپ جىلۋىلەر بىلەن،
نازلىنىپ ئۆزۇڭنى كۆز-كۈز قىلىسەن،
مۈرەڭدىن سىرىلىپ چۈشمەكنى تىلەپ
بېشىڭدا ياغلىقنى لەپىلدىتىسەن.

ئى قىزىم!
كۆرگەندە ئۇشبۇ ھالىڭنى
ئىزادىن ئاقىدۇ تەرمۇنچاقلىرىم.
ئاھ! مىنىڭ ئىززىتىم-
كىرسىز ئەينىكىم،
كۇمپەيكۇم بولغاندەك ئاغرىيدۇ دىلىم.

قىزىم بىل،
سەن مىنىڭ شۆھرىتىم-شەنىم،
قەرزىڭ ئىدى مەن ئۈچۈن كەلتۈرۈش شەۋكەت،
بولمىغىن سەن ئۇنداق مەستۇ-مەستانە،
نەدىكى ئىشلارنى بىلىپ مەدەنىيەت!
سەن ئۈچۈن لەۋ گىرىم ئۇپا ۋە ئەڭلىك،
بولدىكى جىنىڭدەك ئەزىز-قىممەتلىك.
بىر گۈزەل كۆزۈڭگە كۆكلەرنى سۈرۈپ،
بويايسەن بوغىنىڭ كۆزىدەك رەڭلىك.
تارايسەن قۇندۇزدەك قاراچىچىڭنى،
ئاجايىپ-غارايىپ فۇكۇس چىقىرىپ.
بويۇڭغا سۇۋارى چاچقان ئەتىردىن،
كىتىدۇ ئادەمنىڭ دىمى سىقىلىپ.
يۈرىيسەن گوياكى گۈلدەك ياسىنىپ،
رەڭمۇ-رەڭ رېدىكول قولۇڭدىن چۈشمەس.
دىيىشىدۇ شۇ ھالدا كۆرگەنلەرسىنى:
‹‹سەيلىچى مەستانە سەيلىدىن كەچمەس››

ئى قىزىم،
دىيىشىدۇ بەزىلەر سىنى:
‹‹يېڭىچە مەدەنىي ،گۈزەللىك خىلى...››
ۋەلىكىن مەندەيمەن:
پوشايمان-ھەسرەت-
قىلىسەن ئۈكۈنۈپ ئاخىر بىر كۈنى،
يۈردۈڭسەن بىردەممۇ تىنىم تاپماستىن،
شاللاقلىق بابىدا چىكىدىن ئاشتىڭ.
قاقاقلاپ كۈلىسەن تارتىنىپ قويماي،
شارابقا بەك خۇمار دىل ئىشتىياقىڭ.

تانسىدا بىر ئۆزەڭ مەلىكە شاھى،
زىياپەت بابىدا ناخشا چولپانى؛
سورۇندا بىرگۈلسەن -دىلنىڭ مەپتۇنى،
سىنىڭسىز ئېچىلماس بىگىملەر كۆڭلى.
رېستۇران ۋەياكى كۇلۇبلار ئارا،
كىنۇخانا  يىشىل چىملىقتا،
ياسانچۇق نۇچىلار يىغىلغان بولسا،
قالىدۇ تالىشىپ سىنى ئۆز ئارا.

نەگىلا بارمىغىن ماختىشارسىنى:
‹‹بىلىكى يالىڭاچ مەشۇق خېنىم››دەپ؛
ۋەمەيلى بارغىنسەن قايسى بىر جايغا
ئالىدۇ ئەر جىنىس سىنى چۆرىدەپ.
ئى قىزىم،
بۇ ھەرگىز مەدەنىيەت ئەمەس.
بۇ پەقەت خەتەرلىك ئورىدۇر خالاس؛
ئۇ رەسمى مۇسۇلمان پاكلىقى بىلەن،
ئوت بىلەن سۇدەكلا زادى سىغىشماس.

تېز كىچىپ ئاتالمىش بۇ ئەركىنلىكتىن،
ھەقىقى ھاياتنىڭ تەكتىگە يەتكىن،
سەن ئۆزەڭ تەقۋادار ئادەمنىڭ قىزى،
شۆھرەتلىك بۇ نامنى بىغۇبار ئەتكىن.
قايتىپ كەل ئۈيۈڭگە قايتىپ كەل قىزىم!
شۇ ئۆيدە يۈز تېپپ كۈلەر ئىقبالىڭ.
قايتىپ كەل ئۆيۈڭگە قايتىپ كەل قىزىم!
شۇ ئۆيدە ئىگەمدىن يانار چىراغىڭ.

ئادەمنىڭ نامىدۇر بىباھا گۆھەر،
ھەتتاكى ھاياتتىن ئۈستۈنرەك ئەۋزەل.
تارت قىزىم،ئېتىڭنى يارنىڭ لىۋىدىن،
ھەق يولغا قايتقاننى سەتلىمەيدۇ ئەل.
پۇر كەتسۇن ئەلئارا چىرايلىق نامىڭ،
ماختىلىپ تىللاردا، گۈزەل ئەخلاقىڭ؛
بۇرۇنقى ئىپپەتلىك نامىڭنى تاپقىن،
كۆتۈرەي بېشىمدا چىقسۇن ئاتاقىڭ.

ئى قىزىم!
ئاڭلىساڭ شۇ خىتابىمنى،
ماقوللوق بىلدۈرۈپ كىرسەڭ گىپىمگە.
سەن ئازغۇن بەندىنىڭ ئالدىدا چاقناپ،
كۆرۈنەر توغرا يول پارلاپ كۆزۈڭگە،
چاققانراق قۇتۇلساڭ مۇسۇلمان قىزى،
ئېزىتقۇ تۇمانلار باغرىنى تىلىپ؛
شەنىڭگە ھۆر-غىلمان بەزمە تۈزگۈسى،
سۆيگۈسى يەر-ئاسمان پۇتۇڭنى كىلىپ.


ئەسكەرتىش :بۇ شېئىر پاكىستان يازغۇچىسى ئۈمتۇل قەدرىنىڭ،‹جىنايەت ۋە نەپرەت› ناملىق دۇنياۋى مەشھۇر رومانىنىڭ شېئىرى بۇلۇپ ،بۇ كىتاپ شىنخۇا 1985 يىلى-4-ئاي 1-نەشىرى. چۇڭچىڭ 1-باسمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغان ،ئۇيغۇرچىغا نەشىر قىلغۇچىلار: ئەخمەت پاسار،ئىسمايىل ئىبراھىم،2010-يىلى6-ئايدا 2-نەشىرى چىقىپ، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق شىنخۇا كىتاپخانلىرىدا قايتا تارقىتىلغان،
ئەسەرنىڭ ۋەقەلىگى قاتمۇ- قات زىدىيەت ۋە جىنايەتلەرگە تولغاچقا، كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن،
مەنمۇ بۇ كىتاپنى سۈيۈپ ئوقۇغۇنۇم ئۈچۈن، شۇ كىتاپتىكى ئۆزەم ياقتۇرغان شېئرنى يوللاپ قۇيدۇم ،

بۇ شىئىرنى مەنمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم شۇڭا سىزلەرگە سۇنۇشۇم
مەنبە: www.alganur.cn
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

رەھمەت سىزگە ئۇستاز  مۇشۇنداق تەربىيۋى  ئەھمىيتە بار تىمىلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز.
ھەقىقەتەن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر شېئىر ئىكەن. ساقلىۋالاي، قىزىمغا تەربىيە قىلغىلى لازىم بولغۇدەك.
نىمىدىگەن ياخشى يېزىلغان شىئىر بۇ،بىزنىڭ ما ئۇيغۇر قىزلىرىمىز كۆزىنى يوغۇۇۇۇن ئېچىپ يادا ئالسا بولغۇدەك
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شئېركەن بۇ,ياخشى يوللاپسىز ,رەخمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-3-29 08:54:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى ھەقىقەتەن زور ئىكەن. يوللىغۇچىغا رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 05:55

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش