روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2062|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يېزا مەكتەپ مۇئەللىملىرى جاپاغىلا يارالغانمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دۆلەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەخسۇس يېزا كەنت مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتقۇچى قىس بۇلۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئۇقۇتقۇچى قۇبۇللاش ئىمىتھانى ئارقىلىق يېزا-كەنت مەكتەپلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۇقۇتقۇچى تۇللۇقلاش ئېلىپ بارماقتا.بۇ سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە يىللاردىن بۇيان ئۇقۇتقۇچى تەقسىم قىلىنماي ئېغىر دەرىجىدە ئۇقۇتقۇچى كەمچىل بۇلۇش تۈپەيلىدىن يۈكى ھەسسىلەپ ئارتىپ كەتكەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى بىر ئاز بولسىمۇ يېنىكلىگەن بولدى.ئەمما شۇ تەقسىم قىلىنغان ئۇقۇتقۇچىلار،تۇرمۇش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قيىنلىپ قالغان ئۇقۇتقۇچىلار ئاللىقانداقتۇر سەۋەب بىلەن شەھەردىكى ئەسلىدىنلا ئۇقۇتقۇچىسى كۆپ بولغان ئۇرۇنلار(مەكتەپ ياكى باشقا كەسپى ئۇرۇنلار)غا "ئارىيەت"دىگەن يېڭى "ئىجادىيەت"بىلەن يۆتكىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۈرۈلدى.مەسىلەن خېلى بىر قىسىم شەھەر ئىچىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە بىر سىنىپقا توغرا كېلىدىغان ئۇقۇتقۇچى سانى 5-6گىچە،ئۇ مەكتەپلەردە ئاساسلىق پەنلەرنى ئۈتىدىغان ئۇقۇتقۇچىلار ھەپتىدە بىر خىل تەييارلىق بىلەن پەقەت 8سائەت ئەتراپىدا دەرس ئۈتىدىغان(بۇمۇ تېخى شۇ مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارغا ناھايتى كۆپ دەرس ھېسابلىندىكەن)مەكتەپلەرگىمۇ بۇ خىل ئىجادىيەتنىڭ مەھسۇلاتى بۇلۇپ يۆتكىلىپ كەتتى(ئارىيەت بۇلۇپ كەتتى).يەنە بىر قىسىم مائارىپنى جاپالىق خىزمەت دەپ قاراپ ئۆزىنى ئەپقاچقان بىر قىسىم ئاقنانچىلار ھۆكۈمەتتىكى يوقلىمىدىن ئۈتۈپ قويسىلا بۇلىدىغان كەسپى ئۇرۇنلارغا "ئارىيەت"بولدى.نەتىجە قانداق بولدى؟نەتىجىدە يېزا مەكتەپلىرىدىكى جاپاكەش،تەلىيى كاج شۇ ئۇقۇتقۇچىلار يەنىلا ھەپتىسىگە 18-22سائەتكىچە دەرسنىڭ قۇلى بۇلۇپ كەتتى.ئەمەليەتتە شەھەردىكى ھەپتىسىگە 5سائەت دەرس ئۈتىدىغان ئۇقۇتقۇچى بىلەن يېزىدىكى شۇ جاپاكەش مۇئەللىملەرنىڭ ئالىدىغان ئىش ھەققى ئوخشاش(پەقەت ئايدا 100يۈئەن ئاساسى قاتلام ياردىمى بار،بۇمۇ ئۇلارنىڭ قاتناش چىقىمىغا ئاران يېتىدۇ،يا يەتمەيدۇ).1 `0 a5 E. \. m6 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتۇنۇم رايون يۇقارقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ يىل يىل بېشىدا ئەسلى شىتاتى بار ئۇرۇنلاردىن ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئىش ئورنىدىن ئارىيەت شەكلىدە ئايرىلغان ئۇقۇتقۇچىلارنى شەرتسىز ئىش ئورنىغا قايتۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.بۇ ئۇقتۇرۇش يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدىكى جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارنى ۋاقتىنچە خوشال قىلدى.
' L  O4 U! T' l9 w; D* x, Gشى رەئىس مەمىلىكەت مىقياسىدا "يولۋاس،چىۋىن"لەرگە زەربە بېرىپ پاكلىقىنى ئەمىللەشتۈرۋاتقاندا بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرىدىكى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش ئۇرۇنلىرىدىكى "چىۋىن"لەرگە بۇ ئۇقتۇرۇش تەسىر قىلماي قالدى.ئۇلار تېخى ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپتىن يەنە مەكتەپكە ئارىيەت بولغان بولسا قايتمايدۇ،باشقا ئۇرۇنلارغا ئارىيەت بولسا قايتىدۇ دەپ دۆلەتنىڭ سىياستىنىڭ ئۈستىگە سىياسەت چىقىرىپ يۈرەكلىك ھالدا ئىش بېجىرمەكتە., N3 ^& v. I6 {8 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇشۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئىجراسىنى بىر سۈيلەپ مائارىپ ئادىللىقى،سىياسەت ئادىللىقىنى،شۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەردىنى بىر ئاڭلاپ قويسا.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-22 16:26:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونوم رايونىمىزدا مەكتەپلەردىكى ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ
7 j2 v6 i/ F) l6 F4 _  جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىلدىن باشلاپ ھەر قانداق تارماق ۋە ئورۇننىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەردىكى ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشىلىتىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، ۋاقىتلىق يۆتكەپ كېتىلگەن ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار بۇ يىل 31 – مارتتىن بۇرۇن ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتۇرۇلىدۇ.1 E6 l9 \7 \4 [. z5 P0 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشتات ئىشخانىسى، مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ۋە مالىيە نازارىتى يېقىندا ‹‹جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلارغا ۋاقىتلىق يۆتكەلگەن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››(تۆۋەندە ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دەپ قىسقارتىلدى)نى ئېلان قىلىپ، جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىن ۋاقىتلىق يۆتكەلگەن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايتۇرۇشنى، شىنجاڭدىكى بارلىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
; K3 d& m# u( \    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلارغا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى ۋاقىتلىق يۆتكەش مەسىلىسى كۈنسايىن ئېغىرلاشقان، بەزى ناھىيە، شەھەرلەردىكى تارماق ۋە ئورۇنلارغا ۋاقىتلىق يۆتكەلگەن ئوقۇتقۇچىلار نەچچە يۈزگە يېتىپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ نورمال مائارىپ ئوقۇتۇش تەرتىپى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغان.6 E' I5 Y- y5 n/ N5 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۇقتۇرۇشتا مائارىپ تارماقلىرىدىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلارغا ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچدە خىزمەت ئورنىغا شەرتسىز قايتۇرۇش توغرىسىدا يازما ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈش، باشقا سەۋەب تۈپەيلى ئۇزاق مەزگىل خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىغا قايتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. خىزمەت ئورنىغا قايتىش توغرىسىدا يازما ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ خىزمەت ئورنىغا قايتىشنى رەت قىلغان ياكى ئورۇنلۇق ئاساسى بولماي تۇرۇپ ئۇزاق مەزگىل ئىشقا چىقمىغانلار ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
& F# E* r9 b0 ]+ ]! Oمەنبە:http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-02/19/content_337258.htm
ۋاقتى: 2014-3-22 14:18:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             جېڭ گەپ ...... رەھمەت سىزگە!
ھەي  تەڭسىزلىك.........
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-28 18:23:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ھازىر بۇ خىل ئىشلار ئۇقۇتقۇچىلارنى ئۇقۇتقۇچىلىقتىن بىزار قىلىپ قويىۋاتىدۇ.
توغرا مۇشۇنداق ئەھۋاللار خېلىلا ئېغىر ,ياخشى يېزىپسىز.
توغرا مۇشۇنداق ئەھۋاللار خېلىلا ئېغىر ,ياخشى يېزىپسىز.
بۇ ئىشلار قاچان ئوڭشىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-18 21:25

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش