يېزا مائارىپىدا «ئوقۇتقۇچى قەھەتچىلىكى» نىڭ سىرى/ k9 U) F0 d, r, Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
روزىمۇھەممەت ياقۇپ & n( `# N8 r' U3 ?0 W% N: q2 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' e, l. f; `4 o5 J( E/ O( cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان مائارىپتا، بولۇپمۇ يېزا مائارىپىدا »ئوقۇتقۇچى قەھەتچىلىكى« ئۈزۈلمەي داۋام قىلدى. مائارىپتىكى ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي قەھەتچىلىك مائارىپنى، بولۇپمۇ يېزا مائارىپىنى سېرىقتاللاشتۇرۇپ، ئەۋلادلارنىڭ ساپاسىدا كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىزلىق پەيدا قىلىدۇ ۋە قىلىۋاتىدۇ. تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدىغانلار بۇنى مائارىپقا قارا سانىغانلىق، دەپ قالپاق كىيگۈزمەكچى بولىدۇ. چۈنكى، يېقىنقى يىللاردا مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى، زور مەبلەغ سېلىنغانلىقى، مائارىپ شارائىتىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەريىلى دېگۈدەك تولۇقلىنىپ، تەربىيەلەش سالمىقىنىڭ ئاشقىنى راست. بۇ ھەممىمىز بىلىدىغان، كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت. شۇنداقتىمۇ ئوقۇتقۇچى قەھەتچىلىكىنىڭ يېزا مائارىپىدا يىلتىزىدىن ھەل بولمىغانلىقىمۇ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت. / o6 @$ u1 z( V8 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆزۈم شاھىت بولغان ئىشلارنى مىسال قىلسام، 90 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا مەن تۇرغان ناھىيەدە 56مىڭ ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىككى مىڭدىن ئاشمايتتى. شۇ يىللاردا ئەڭ ئاز بولغاندا 600 ئوقۇتقۇچى تولۇقلانسا، بىرسىنىپقا بىردىن ئوقۇتقۇچى سەپلىنىپ، نورمال ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغىلى بولاتتى. ئوقۇتقۇچىلارغا خىزمەت نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەزى سىنىپلارنى قوشما سىنىپ قىلىپ ئوقۇتۇپمۇ يەنە ئۆتۈلمەي قالغان دەرس، ئىگىسىز قالغان سىنىپلارنىڭ كۆپلۈكى، مائارىپنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ۋە سۆيىدىغان، مائارىپقا ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت بىلەن قارايدىغان مائارىپچىنى ئەندىشىگە ۋە تەشۋىشكە سالىدىغان ئىش ئىدى. دەرۋەقە، مائارىپ ئىدارىسىگە مەكتەپلەردىن، ناھىيە رەھبەرلىرىگە مائارىپ ئىدارىسىدىن يېزىلغان ئوقۇتقۇچى تەلەپ قىلىش دوكلاتلىرىنىڭ كۆپلۈكى بۇ يولدىكى ئىزتىراپنىڭ ئىپادىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى. ئېرىشكەن جاۋاب: »يانچۇقۇمدا ئوقۇتقۇچى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت يوق« دېگەندىن ئىبارەت بولدى. تېخى مائارىپنى چۈشەنمەيدىغان بەزى باشلىقلار: »70 - 80 كالا، قوينى بىر ئېغىلغا سولىغىلى بولىدىغۇ؟ سەنمۇ ئوقۇغۇچىلارنى شۇنداق سولاپ ئوقۇت« دېيىشتى. ئوقۇتقۇچىغا تويۇنمىغان ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىغا تەلەپ قويۇش مۇمكىنمۇ؟ مەكتەپ مۇدىرلىرى: »ئوقۇتقۇچى بولمىسىمۇ، سىنىپقا قاراپ قويغۇدەك ئادەم بولسىلا مەيلى ئىدى« دېيىشتى. بۇ ئوقۇتقۇچىغا زارىققان يۈرەكنىڭ ئەڭ ئاجىز ئىلتىجاسى ئىدى. شۇڭا ئومۇمەن ئادەم بولسىلا، مائارىپتا ئىشلەشنى خالىسىلا جان باققۇدەك تۇرمۇش پۇلى بېرىش شەرتى بىلەن ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلدى. بۇمۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مائارىپقا كۆتۈرۈش كۈچىدىن ھالقىغان ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئىلگىرىلەشكە توغرا كەلدى. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ھەر يىلى دېگۈدەك ئىمتىھان ئېلىنىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغانلاردىن بىرقىسىملار ئوقۇتقۇچىلىققا تولۇقلاندى. بۇمۇ مائارىپنى ئوقۇتقۇچى قەھەتچىلىكىدىن قۇتقۇزالمىدى.
4 T! X ? s# S) s3 j# H# B% Gئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى ۋاقىتتىمۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچى كەم، يۈك ئېغىر، »ئوقۇتقۇچى بولمىسىمۇ، ئادەم بولسا مەيلى ئىدى« دېگەن ئىلتىجالار يەنىلا تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ھەرقېتىم مەكتەپلەرگە تەكشۈرۈشكە بارغاندا كۆرۈلىدىغان ئېغىر مەسىلىمۇ ئوقۇتقۇچى يوقلۇقتىن بىرقانچە، ھەتتا ئون نەچچە پەن دەرسنىڭ تاشلىنىپ قېلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىكار قېلىشى، بىرەر ئوقۇتقۇچى ئاغرىپ قالسا، ئورنىغا دەرس ئۆتكۈدەك كىشى بولماي، سىنىپلارنىڭ ھەپتە، ئايلاپ ئوقۇتقۇچىسىز قېلىشى قاتارلىقلار نەق ئەھۋالنىڭ ئىنكاسى. بۇ ئەھۋال مېنىڭچە، يالغۇز بىر ناھىيە ياكى بىرەر ئورۇندىكى مەسىلە بولمىسا كېرەك. مەن كۆرگەن، ئاڭلىغان ئەھۋاللار، ماقالىلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلار ئوقۇتقۇچى قەھەتچىلىكىنىڭ كۆپلىگەن يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئورتاق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
2 b+ V8 W$ R* c3 k* mشۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلە تۈگىمەيدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بىرقانچە تەرەپتىن ئىزدەشكە بولىدۇ:. |: b6 F* ^$ y5 S; K2 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-1ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەشتىكى نىشانسىزلىق0 P q, N0 a H8 G" Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئاساسلىقى ئاساس مائارىپ، ئاندىن قالسا ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپ ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەشتە چوقۇم تۆۋەننىڭ ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىشى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرۇشى، تۆۋەن قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ پەن تۈرى بويىچە ئوقۇتقۇچى تەربىيەلىشى لازىم. ئەمما پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە كەسىپ تۈرىنى بىر بېكىتكەنچە ئۆزگەرتمەسلىكتەك قاتماللىق مەۋجۇت بولۇپ، ئىزچىل تۈردە تەسىس قىلىنغان بىرقانچە پەن تۈرى، مەسىلەن، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلى، سىياسەت، فىزىكا، خىمىيە... دېگەندەك پەنلەرنى ئاساس قىلىپ ئوقۇغۇچى تەربىيەلىگەن. نەتىجىدە تەربىيەلەش بىلەن ئېھتىياج ماس كەلمەي، تۆۋەندە بەزى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولغان. يەنە بەزى پەن، مەسىلەن، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، ئىلىم - پەن، ئەخلاق ۋە تۇرمۇش، ئۇچۇر - تېخنىكا، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت قاتارلىق پەنلەردە ئوقۇتقۇچى ئىنتايىن كەمچىل بولغان، ھەتتا يوق دېيەرلىك بولغان. بۇ يەنە كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغان كەسپى بويىچە ئىشقا قويغىلى بولماسلىق، قايسى پەنگە ئوقۇتقۇچى ئېھتىياجلىق بولسا، شۇنىڭغا ئىشلىتىش، ئوقۇتقۇچىنى ئوقۇمىغان پەننى ئوقۇتۇشقا مەجبۇر قىلىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر ئوقۇتقۇچى سىنىپ تۇتۇپ، 21 - 31 پەن دەرسنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇلار بىر ياكى بىرقانچە پەننى ئوقۇغان بولسىمۇ، قالغانلىرىنى ئوقۇمىغان. بىلمەي تۇرۇپ ئوقۇتۇش، شۇ پەننىڭ قانۇنىيىتىگە چۆكەلمەسلىك، ۋەزىپە ئۈچۈن دەرس ئۆتۈش يېزا مائارىپىدا بىرقەدەر ئومۇملاشقان ئەھۋال بولۇپ قالغان. بۇ ئوقۇتقۇچى بار بولسىمۇ ئەمما كەم پەندە بولماسلىق، ئۆتكەن بىلىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارماسلىق، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۇدا تۆۋەن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
8 z) v7 D$ d$ X+ K# v! Q' r2. ئوقۇتقۇچى سەپلەشتىكى ئىلمىيسىزلىك1 z# s5 @4 U- [6 L! L& N. ^+ [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مائارىپ مەسىلسى − بىلىم مەسىلىسى، پەن مەسىلىسى. ئۇ ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ. مائارىپ ساخاۋەت ۋە پاراۋانلىق ئورنى ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلىق ساۋاتى بارلىكى، گەپ قىلىشنى بىلىدىغانلىكى ئادەم قىلالايدىغان، قارا كۈچكە تايىنىدىغان ئىش ئەمەس. ئوقۇتقۇچى بىرىنچىدىن، ئېرىشىشنى ئەمەس، تەقدىم قىلىشنى خالايدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپنى سۆيۈش روھىنىڭ چاقنىشى، ئەخلاقىي لاياقىتىنىڭ ھازىرلىنىشىدۇر. ئىككىنچىدىن، يۇقىرى كەسپىي ساپا، ئۇنىۋېرسال بىلىمگە، كەڭ دائىرىلىك قىزىقىشقا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ كەسپىي لاياقىتىنىڭ ھازىرلىنىشىدۇر. ئۈچىنچىدىن، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ ئەۋلادلارنى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنىڭ، پىداركارلىق، جاپادىن قورقماسلىق ئىستىلىنىڭ تىكلىنىشىدۇر. تۆتىنچىدىن، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر بولۇش. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. بەشىنچىدىن، توختىماي ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزىنى تولۇقلاش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىغا ئىگە بولۇش. بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىدىيەگە ئىگە بولۇشىنىڭ تەلىپى. شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش ئۈچۈن مەخسۇس پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئېچىلغان. ئوقۇتقۇچىلىققا زۆرۈر بولىدىغان نۇقتىلىق پەن، شۇ پەنگە دائىر بىر ياكى بىرقانچە پەندە ئۇنىۋېرسال تەربىيەلەش يولغا قويۇلغان. بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس پېداگوگىكا، پىسخولوگىيە پەنلىرى تەسىس قىلىنغان. شۇڭا مەخسۇس پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان، ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ياخشى ئىگىلىگەن، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كىشى ئوقۇتقۇچىلىققا لايىق كېلىدۇ. بىر ئوقۇتقۇچىنى تەربىيەلەش چوڭ ئىش ئەمەس، ئەمما لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۇنداق ئاسان جەريان ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئوقۇتقۇچىنى خالىغان كەسىپ ۋە ساھەدە ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما خالىغان كىشىنى ئوقۇتقۇچىلىققا قويغىلى بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلىنىدىكەن، ئېغىر خاتالىق ۋە جىنايەتكە يول قويۇلغان بولىدۇ. U( ?, q. S* W2 ~ Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمما نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچى تولۇقلاشتا ئادەم بولۇشنىلا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىلا ئالدىنقى شەرت قىلىپ، قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغان كەسپى ۋە سۈپىتىگە ئۆلچەم قويۇلمىغان. نەتىجىدە پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇمىغان، ھەتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان، سالاھىيىتى ئوقۇتقۇچى بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر قىسىم خادىملار، جۈملىدىن يېمەك - ئىچمەك، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، ئىشچىلىق، سېسترالىق، مالىيە - بوغالتىرلىق، ئورمانچىلىق، مال دوختۇرلۇق، چارۋىچىلىق، يايلاقچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، مال دوختۇرلۇقى قاتارلىق غەيرىي پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلار، ھەتتا باشقا ئورۇندىن ئىش ئورنىدىن قېلىپ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مائارىپقا دۆۋىلەنگەن. ئۇلار بىر ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. ئوقۇتۇشتا بىرەر پەننىڭ ھۆددىسىدىن لاياقەتلىك چىقالمايلا قالماستىن، ئادەم تەربىيەلەشكىمۇ ماس كەلمىگەن. يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ ئېھتىاجى بىلەن پەقەت خەنزۇ تىلىنى بىلىدىغان، كەسىپ ئۇقمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر مەكتەپلەرگە توپلانغان. ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان. ئۇلار بىرەر پەننىڭ ھۆددىسىدىن لاياقەتلىك چىقالمىغان، يەنە باشقا ئۇنىۋېرسال ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالمىغان. بىر يىللاردىكى ئىدارە، ئورگانلاردىن خەنزۇ تىلىنى ئانچە - مۇنچە بىلىدىغان مەمۇرىي خادىملارنى مائارىپقا »ياردەم« بېرىشكە ئاجرىتىشتەك تېتىقسىزلىقمۇ بۇنىڭ مىسالى. قىسقىسى، مائارىپتا كېرەكلىك ئوقۇتقۇچى ئاز، ئەخلەت كۆپ بولۇپ، »قاپاقتا سۇ تۇرۇپ، ئۇسساپ قېلىش« ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن." s: C( f" u$ W2 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3. ئوقۇتقۇچىلارنى تەقسىم قىلىش ۋە ئىشقا قويۇشتىكى قالايمىقانچىلىق% I% H2 T- N7 W0 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلىدىغان پەن تۈرى دۆلەت تەرىپىدىن بىرتۇتاش بەلگىلەنگەن، بۇ ئۆزگەرمەس قائىدە. شۇڭا قانداق پەن بولسا شۇنىڭغا ماس بولغان، يەنى شۇ پەننى مەخسۇس ئوقۇغان ئوقۇتقۇچى بولۇشى كېرەك. بۇنى چىقىش قىلىپ، شۇ پەنلەر بويىچە ئالىي مەكتەپتە مەخسۇس تەربىيەلەش يولغا قويۇلغان. ئەگەر ئوقۇتقۇچى شۇ تەلەپ، شۇ مەقسەت بويىچە، ئوقۇغان پەن تۈرى بويىچە ئىشقا قويۇلسا، ئىشلىتىلسە، شۇ پەننىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالىشىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ پەندىكى ئاساسىي بىلىم، ئاساسىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە گەپ يوق. ئەگەر قايسى پەندە ئوقۇتقۇچى بولمىسا، تەلەپ بويىچە شۇ پەن ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنسا بولىدۇ، بۇ ئەقەللىي ساۋات. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى قۇرۇلمىسى ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، مائارىپنىڭ قانۇنىيىتىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغانلارنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا باشقۇرغۇچىلىققا قويۇلۇشى بولۇپ، ئۇلار ئوقۇتقۇچى تەقسىم قىلىش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىشتە كەسىپ ئېھتىياجى بىلەن كارى بولمىغان. قارىغۇلارچە تەقسىم قىلىش ۋە يۆتكەش، خالىغان ۋاقىتتا بۇيرۇپ بېرىش نەتىجىسىدە مەكتەپلەردە ئېھتىياج بىلەن ئوقۇتقۇچى ماس كەلمەي، كەسىپ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان. بەزى مەكتەپلەرگە بىرنەچچە پەننىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى توپلىشىپ قېلىش، بەزى مەكتەپلەردە شۇ پەن تۈرى بويىچە ئوقۇتقۇچى بولماسلىق ئەھۋالى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغان. شۇنداق بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى ئوقۇغان پەن بويىچە ئوقۇتۇشقا قويۇشقا ئىمكانىيەت بولماي، ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇغانلارنى تەبىئىي پەنلەرگە، تەبىئىي پەنلەردە ئوقۇغانلارنى ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئوقۇتۇشقا قويۇش، ئۆتكەن دەرسى لاياقەتلىك بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىققان. بۇ نۇقتىمۇ قەھەتچىلىكنى پەيدا قىلغان يەنە بىر ئامىل.
' [# D* t5 `. U9 R+ N-4ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلاشتىكى شالغۇتلۇق' _" H3 z' M/ k. Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش دۆلەتنىڭ مالىيە يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئۆز لاياقىتىنى ئۆزى ھازىرلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىكى بىر خىل تەدبىر بولسىمۇ، ئەمما ئەسلىي ئوقۇغان پەن ئاساسىدا سالاھىيەت ھازىرلاشقا تەلەپ قويۇلمىغاچقا، كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار ئەسلىي ئوقۇغان كەسىپتە ئەمەس، ئۆگىنىش، ئىمتىھان بېرىش ۋە دىپلوم ئېلىشتىكى ئاسانلىقنى كۆزلەپ، ئاسان ھېسابلىنىدىغان كەسىپكە كىرىۋېلىپ بىلىم ئاشۇرغان ياكى ئوقۇش تارىخى ھازىرلىغان. شۇڭا ئەسلىي ئوقۇغان پېنى ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، خەنزۇ تىلى بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىيات، سىياسەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەرگە يۈزلىنىپ دىپلوم ئالغان. نەتىجىدە يا ئۆزى ئەسلىي ئوقۇغان پەندە لاياقەتلىك بولالماسلىق، يا كېيىنكى پەندە مۇكەممەل بىلىم ھاسىل قىلالماسلىق، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، ساپاسى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان. بۇمۇ ئېھتىياجلىق ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
# U6 q8 z; y6 g% w* ^- B5. ئىش ئورنىدىكى مۇقىمسىزلىق' z8 H" D- k+ ?+ Y! `$ q, k' Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مائارىپ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەريان. ئۇ تۇراقلىق، مۇقىم بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا موھتاج. ئوقۇتقۇچى مۇقىم بولمىسا، تەلىم - تەربىيەنىڭ ئىزچىللىقى، سىستېمىلىقىغا تەسىر يېتىدۇ. ئوقۇتقۇچى مۇقىم بولمىسا، مەسئۇلىيەت ئاجىز بولىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۇنى ھېچكىمدىن سۈرۈشتۈرگىلى بولمايدۇ. سىنىپ مۇدىرى كۆپ ئالماشقان سىنىپلارنىڭ چېچىلىپ كەتكەنلىكىدەك پاكىتمۇ بۇنىڭ كىچىك مىسالى. نۆۋەتتە مائارىپنىڭ كىرىش - چىقىش دەرۋازىسى كەڭ ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، مائارىپقا كىرىدىغانلارنىڭ ساپاسىغا تەلەپ قويۇلمىغان، مائارىپتىن چىقىپ كېتىدىغانلارغا چەك قويۇلمىغان. نەتىجىدە مائارىپ ھەممە ئادەم خالىسا كىرىپ، خالىمىسا چىقىپ كېتىدىغان ئۆتەڭگە، سەيلىگاھقا ئايلىنىپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم ساپالىق، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە مەخسۇس كەسىپ ئوقۇغان ئوقۇتقۇچىلار بەس - بەستە باشقا ساھەگە ئېقىپ كەتكەن. يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بولسا، ئىشتاتىنى مائارىپتا قويۇپ، مائارىپنىڭ سانىنى ئىگىلەپ، ئۆزى باشقا ئورۇندا ئىشلىگەن. يەنە بەزىلىرى مائارىپ ئىش ئورنىغا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئورۇنلاشقان تۇرۇپ، باشقا ساھەگە ئالمىشىۋالغان. نەتىجىدە ئوقۇتقۇچى ئىشتاتى ساندا كۆپ، ئەمەلىيەتتە ئاز بولۇش، ھېسابتا بار، ھەمدەمدە يوق بولۇش ئەھۋالى كېلىپ چىققان.: w$ O* v0 @8 e: kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەنە بىرجەھەتتىن مائارىپ ئىچىدىكى يۆتكەش قالايمىقان بولۇپ، مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرلىك مەۋسۇمنىڭ بېشى، ئاخىرى ياكى ئوتتۇرىسى بولۇشتىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئارتۇق ياكى كەم بولۇشىدىن، تۆۋەن دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر كىم يۆتكىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، نەگە بېرىپ ئىشلەشنى خالىسا، قالايمىقان ئوقۇتقۇچى يۆتكەش ئېغىر بولغان. نەتىجىدە ئىشتاتى بۇ مەكتەپتە، خىزمىتى ئۇ مەكتەپتە بولۇش ئەھۋالى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى چۇۋالچاقلىشىپ كەتكەن. بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار 6 - سىنىپنى پۈتكۈزگۈچە 01 ~ 51 سىنىپ مۇدىرىنىڭ قولىدىن چىققان. بۇ يەنە بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ئارتۇق، يۈك يېنىك، بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى كەمچىل، ۋەزىپە ئېغىر بولۇشنى شەكىللەندۈرگەن.
: A3 k' l0 `: t" X/ j6 ئەمەلدار كۆپ، ئىشلەيدىغانلار ئاز بولۇش, S1 g& T1 A) E2 z3 f, E% zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆستۈرۈش قابىللارنى بايقاش ۋە ئىشقا قويۇشتىكى بىرخىل تۈزۈم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى قابىللارنى يوقىتىش بولۇپ ئىپادىلەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ياخشى باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، مەكتەپلەردە ئىشخانا تۈرى ۋە باشقۇرغۇچىلار سانى كۆپەيتىلدى. نەتىجىدە ئىلگىرى بىر مۇدىر، بىر ئىلمىي مۇدىرمۇ ئىنتايىن ياخشى باشقۇرۇپ كەلگەن مەكتەپلەردە باشقۇرغۇچىلار 21 ~ 51 كىچە يەتكەن. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ھەقىقىي نەپ بېرىدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغانلار باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلار قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ، ئوقۇتۇشتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغان. ئۇلار تەدرىجىي ھالدا قول سېلىپ ئىشلىمەي، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىن ئۆزلىرىگە كاتىپ ۋە ياردەمچىلەرنى ياللاپ، باشقۇرۇش ئورنىدا ئادەم كۆپ، ئىشلەش ئورنىدا ئادەم ئاز بولۇشتەك ئەھۋالنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلارنىڭ يۈكى ئوقۇتقۇچىلارغا يۈكلىنىپ، ۋەزىپە ئېغىرلاشقان، دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئاجىزلاشقان. ئاساسىي ئىشنى تۇتۇش ئاز، قوشۇمچە ئىشلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈش كۆپ، ئوقۇتۇشقا چۆكۈش ئاز، ئوقۇتۇشتىن يىراقلىشىش كۆپ بولغان.
( [, a, W6 Y" A1 I) [+ [4 \7. تۈرلۈك كۇرسلاردا تەربىيەلەشتىكى قاراملىق
! p# r _+ p/ l6 t A; ~6 F7 @ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈش مائارىپنىڭ مۇھىم ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىرتۈرلۈك تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلدى. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنىڭ تۈرى ۋە سالمىقى ئاشۇرۇلدى. بۇ ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى تولۇق ياكى ئارتۇق بولغان ئەھۋالدا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى. ئەمما تەربىيەلەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئورۇن ۋە مەكتەپلەر مەنپەئەت قوغلىشىپ، مەكتەپلەرنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى بىلەن ھېسابلاشماي، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈپ، ئۆز ئالدىغا خالىغانچە سان چۈشۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تۈركۈملەپ ئوقۇشقا بەند قىلغاچقا، ئەسلىدىكى ئوقۇتقۇچى كەمچىللىك ئۈستىگە قىيىنچىلىق قوشۇلغان. نەتىجىدە تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلارغا مەركەزلىشىپ، مۇھىم تەربىيەلەش ئوبيېكتى بولغان، مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ ئۈمىدى بولغان ئوقۇغۇچىلار تاشلىنىپ قالغان. بۇلارغا يەنە كېسەللىك، رۇخسەت قاتارلىق ئەھۋاللار قوشۇلۇپ، تۆۋەندە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك، خىزمەت يۈكى ئېغىر بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 7 N! s, V! L. H* ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
8 پەن تۈرىنىڭ ئارتىپ كېتىشى " l4 j" {8 D: H, V$ v! hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بېرى ئۈچ دەرىجىلىك دەرس، يەنى دۆلەت دەرسى، يەرلىك دەرس، مەكتەپ دەرسى تەسىس قىلىندى. دەرسلەرگە قارىتا ئىخچاملاش تەلىپى قويۇلۇپ، بىرقىسىم پەنلەر قىسقارتىلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش، مەشىقلىنىشى ئۈچۈن كۆپرەك شارائىت يارىتىپ بېرىش تەكىتلەندى. ئەمما يۈكنى ئازايتىش پەقەت ماتېرىيال يۈزىدىكى تەشۋىقاتتىن ئىبارەت بولۇپ، يەرلىك ئۆزىنىڭ دەرسلىك تۈزۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، بىرقىسىم دەرسلەرنى زور كۈچ بىلەن ئورۇنلاشتۇرغاچقا، دەرس تۈرى ئازايماقتا يوق، دەرسلەر كۆپىيىپ، دەرس ئىسمى دەرس سېتكىسىغا، ۋاقتى ھەپتىلىك ئوقۇتۇش ۋاقتىغا سىغمىغان. بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك دەرس سائىتى ئېشىپ كېتىش، ئىزدىنىشكە ۋاقتى چىقماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكى ئېغىر بولۇش، ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
; i2 k4 H: z h" s# H q3 ]- Y-9شارائىتقا باقماي نەتىجە قوغلىشىش- Q7 B2 |0 S- l- x/ Z6 R0 O. rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بىلەن تۆۋەننىڭ ئىجراسى ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ تۆۋەندە بىرقىسىم رەھبەرلەر نوقۇل قىزغىنلىق ۋە سىياسىي نەتىجە قوغلىشىپ، كېڭەيتىۋېتىش مەسىلىسىنى پەيدا قىلغان. ئالايلى، يۇقىرىدىن قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى شارائىتى يار بەرگەن مەكتەپلەر ئالدىن يول قويۇشنى تەكىتلىگەن تۇرۇقلۇق تۆۋەندە قاراقويۇق يولغا قويغان. يۇقىرىدىن ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى سىنىپ، ئوقۇتقۇچى شارائىتىغا قاراپ ئېچىشنى تەلەپ قىلغان تۇرۇقلۇق، تۆۋەندە شارائىت بىلەن ھېسابلاشماي، ھەر يىلى 5 ~ 6 ياشلىق بالىلارنى %100 قوبۇل قىلىش پىلانى تۈزگەن. نەتىجىدە بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچى يوقلۇق ئۈستىگە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ تۈرگە ئىشلىتىلىپ، ئوقۇتقۇچى كەملىكنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈۋەتكەن. ئۆزىگە ئۆزى بېسىم پەيدا قىلىپلا قالماي، يۇقىرىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. 2 ^# y( I B/ M: yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-10ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنىڭ كۆپلۈكى5 f" @4 f2 H1 w; hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش مەكتەپلەرنىڭ تەۋرەنمەس تۈپ ۋەزىپىسى. ئەمما ئېغىزدا شۇنداق ئېيتىلغىنى بىلەن بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن مائارىپنى مەمۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئۈستىدىكى قوشۇمچە بېسىمنى ئاشۇرۇۋەتكەن. ناھىيە ۋە يېزا تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى مائارىپقا يۈكلەپ قويۇپلا قالماي، تۈرلۈك ۋەزىپىلەر، مەسىلەن، دېھقانچىلىققا ياردەم بېرىش، پارنىك باشقۇرۇش، تەشۋىقات، چارلاش قاتارلىقلارغا مەكتەپلەردىن تۈركۈملەپ ئوقۇتقۇچىلارنى ئاجرىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز نەتىجىسىنى كۆرسىتىشنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالغان. شۇ سەۋەبتىن ۋەزىپىلەر ئاۋۇپ، ئوقۇتقۇچى كەملىك ئۈستىگە كەملىك پەيدا قىلغان.) V3 k9 c# o. W Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قىسقىسى، مائارىپتىكى ئوقۇتقۇچى قەھەتچىلىكى يالغۇز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئاز بولۇش مەسىلىسلا ئەمەس، ئۇ يەنە كەسپى ماس كەلمەسلىك، سىرتقى بېسىم كۆپ بولۇش، ئادەم ئىشلىتىش قالايمىقان بولۇش، ساپالىق، ئىقتىدارلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىدۇر.
( Z3 i0 l# {4 C: g5 A( W, ~# W7 r(لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)
0 c. o p: E# x+ Lمەنبەـ شىىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى ! y! D2 b" h8 i1 t, Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
http://bbs.bozqir.biz/thread-3392-1-1.html |