روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2734|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەنلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەنلىك
# W! {+ B' d) n. ?ئەخمەتجان مەمتىمىن
* y! M& u! c3 [+ K0 K7 K& R5 I+ v# v6 T/ T7 p  t6 \0 N  E3 Y. g! E( xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
) d/ [% N/ y0 D" g- h/ s- Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

6 G- H- T* g& L/ D2 n" ~5 p% t. t; P2 c6 ?& J  Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئاتا –ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى ، بالىنىڭ تەقدىرىگە ئەڭ ئاۋۋال كۆڭۈل بۆلگۈچى . ھەر قانداق ئاتا –ئانا پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىپ ، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . شۇ سەۋەبتىن پەرزەنتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ . ئەگەر ئاتا – ئانىلارئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشجەريانىدا تەربىيە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمىسا ، تەربىيە ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ بالىدىن كۈتكەن ئۈمىدى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ .
' Z) u! t- W: F: A0 s1. ھەددىدىن زىيادە ماختاش
5 e1 e# m/ s: `0 G1 I" s* l; P  بەك كۆپ ماختاش بالىنى چۈشەپ قويۇش بىلەن بىللە ، بالىغا روھىي جەھەتتىن يۈك بولۇپ قالىدۇ . ئاتا –ئانسىىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغاندا بالىدا ناھايىتى ئوڭايلا ئوڭۇشسىزلىق پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ ، روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ .ئاتا –ئانا بولغۇچى بالىنى ھەمىشە ‹‹بەك ئەقىللىق›› دەپ ماختىسا ، ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسى بىرەر قېتىم كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا تاپا – تەنە قىلىپ تىللىسا ياكى ئۇرسا ، بالىدا ئۆزىنى ئەيىپلەش ، تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىپ ، ئىشەنچسىنى يوقىتىپ قويىدۇ .: u, h5 i& b0 B. h$ hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشتىكى توغرا ئۇسۇل ، كونكرېت ئىشلاردا ماختاپ تۇرۇش ، بالا بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولغاندا :‹‹مەن ساڭا ئىشىنىمەن ، سەن ئۇ ئىشنى چوقۇم قىلالايسەن››دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش ، بالا غەلىبە قازانغاندا بولسا :‹‹ قارا ، سەن بۇ ئىشنى شۇنداق ياخشى قىلدىڭ ، قالتىسكەنسەن ›› دېيىش ، لېكىن مۇئەييەنلەشتۈرگەندە ۋە ئىلھام بەرگەندە ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماختاشتىن ساقلىنىشتۇر .3 ^" h1 f# p; t6 D3 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. كۆپ سۇئال سوراش
1 N( P1 r6 ]( l# U% w% Q# ]  نۇرغۇن ئاتا –ئانىلار بالىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشى ئۈچۈن ، بالا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سوراپ بالىلارنى زېرىكتۈرۈۋېتىدۇ . مەسىلەن : ‹‹بۈگۈن مۇئەللىم سەندىن سوئال سورىدىمۇ ؟ ›› ،‹‹ماتېماتىكا دەرىسىدە سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىدىڭمۇ ؟ ›› ، ‹‹كىملەر بىلەن بىللە ئوينىدىڭ ؟ ›› . . . دېگەندەك . بەك كۆپ سورالغان بۇنداق سوئاللار بەزىدە بالىنىڭ كۆڭلىگە ياقماي بالىدا بىزارلىق ۋە قارشىلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ . چۇنكى بالىلارنىڭ كۈندۈزدە مەكتەپتە بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇپ ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆگىنىش قىلىش داۋامىدا چارچايدۇ . شۇڭا بالا ئۆيگە قايتىپ كېلىشىگىلا ئۇنىڭدىن مەكتەپتە نېمە ئۆگەنگەنلىكىنى سورىماي ، ئازراق ئارام ئېلىۋېلىشى ياكى ئوينىۋېلىشىغا يول قويۇش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ جىسمانىي كۈچى ئەسلىگە كېلىپ ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .
6 i( E/ U3 m) P& d* o0 g0 y3. كۆپ بۇيرۇق قىلىش
" o2 L2 ]3 Q4 D2 F2 }% z# z( p‹‹ تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلە ! ›› ، ‹‹تېلېۋىزورنى ئۆچۈر ! ›› ، ‹‹كىيىمىڭنى پاسكىنا قىلىۋەتمە! ›› . . . گە ئوخىتىاش بۇيرۇقلار بالىدا ئوڭايلا ‹‹ ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالىدىغان ››قاشاڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بالىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ، شۇنداقلا بالا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ ، ئۆزىنى مەڭگۈ چوڭ بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا ئاتا –ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن ئىش قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك .
2 N& N5 m* c0 `4. زىيادە قاتتىق تەلەپ قويۇش" _! l" B% \/ c7 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا ، يا ئۇنداق ، يا مۇنداق يېتەرسىزلىكلەرنى سادىر قىلىپ تۇرىدۇ . ئاتا –ئانىلار بالىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويۇۋالسا ، بالىنىڭ ئىززەت –نەپسىگە تېگىپ قويىدۇ . بالىنى مەلۇم نەرسىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغاندا ، ئۇلارنىڭ ئەسىلىدىكى سەۋىيىسى بىلەن ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىسىنىڭ پەرقىنى بەك چوڭ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك . بولمىسا بالىلار ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ، شۇنداقلا ئۇلاردا زېرىكىش ياكى قارشىلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ . ئائىلە تەربىيىسىدە ئاتا –ئانىلار پەرزەنتىنىڭ جىىمانىي ۋە پسىخىك جەھەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ھەمدە ئۆگەنمەكچى بولغان بىلىمنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ ، ئاندىن شۇ ئاساستا مۇۋاپىق تەربىيە مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى تاللىشى ، بالا مەلۇم ئىشنى قىلالماي مەغلۇپ بولغاندا ، ئۇنى دادىللىق بلەن قايتا سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ، بالىنى مۇۋەبپەقىيەت قازىنىشتىكى ھەر خىل يوللار ۋە ئىمكانىيەتلەرنى ئويلىشىشقا تەدرىجىي ئادەتلەندۈرۈشى لازىم .& U& L: R# U0 e) W* Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بىز بالىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۇزشىگە يول قويۇشىمىز ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بالىلاردا مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەندە بېلىنى قويۇۋەتمەيدىغان ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھنى يېتىلدۈرەلىشىمىز كېرەك .
4 L' [% Y+ a. n5. كۆپ ئەيىبلەش(ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ۋارقىراش،تىللاش ۋە مەسخىرە قىلىش)0 F+ h3 \# R. U1 v1 p) m  d9 R3 p$ aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بالىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا ، بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندا ‹‹ئىمتىھاننى قانداق بەرگىنىڭ بۇ ؟ دۆت ، قاباقباش! ›› ،‹‹مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمامسەن كالۋا ! ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەش بالىدا ئاسانلا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ، قورقۇش پسىخىكىسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ . بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ، ئاتا – ئانىىسنىڭ تەسەللى بېرىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىغا تېخىمۇ موھتاج . شۇڭا ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىكى تەجرىبە –ساۋاتلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ ، قەيەردە يىقىلغان بولسا شۇ يەردە ئورنىدىن تۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى ، نامۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئەيىبلەشتىن ساقلىنىش كېرەك .
) f* ~7 M8 f" a  M( J& k    ئەگەر بالىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ھەم ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئويلىسىڭىز ، بالىغا ئالدىراپ ئاچچىقلانماڭ ياكى ئاچچىقلىنىشتىن ئىلگىرى ، نېمىگە ئاچچىقلانماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئوبدان ئويلاپ ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى تپپىپ چىقىڭ . بالىنىڭ بىلىپ –بىلمەي ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىگە نىسبەتەن زىيادە قاتتىق قوللۇق قىلماي ، مۇلايىملىق بىلەن تەربىيە بېرىش ، يەنى بالىلارغا قىلغان ئىشىنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى سوغۇققانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل ." [3 N0 j/ a% c& ?  L8 `1 C0 d8 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئاتا –ئانىلار بالىلىرىغا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن قورقماسلىق ، خاتالىقىنى تونۇشقا جۈرئەت قىلىش ، تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا خاتالىقىنى تۈزىتىش توغرىسىدا تەربىيە بەرسە ۋە بالىنى شۇ ئاساستا يېتەكلىسە ، ئاتا –ئانا بولغۇچى ئۆزىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالمايدۇ ، بالىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۇشنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ .( A: I1 U$ G& E8 P8 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6. ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن باشقا بالىلارنى سىلىشتۇرۇش
+ V3 e! J* z; I   ھەممە بالىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقى بولىدۇ . لېكىن كۆپىنچە ئاتا –ئانىلار بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ بالىسى قىلالىغاننى مېنىڭ بالاممۇ قىلالىشى كېرەك ، دەپ قاراپ ، بالىسىغا ئۇ خشاش ئۆلچەمدە تەلەپ قويۇپ بېسىم ئىشلىتىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بالىدا نارازىلىق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ . نۇرغۇن ئاتا –ئانىلار دائىم ئۆزىنىڭ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ :‹‹سەن نېمىشقا پالانچىدەك بولالمايسەن››دېگەندەك تاپا –تەنىلەرنى قىلىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ . چۇنكى بۇنداق ئەيىبلەشلەر بالىنىڭ باشقا ياشتىكى بالىلارغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا پەرق بولىدۇ . ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى قوبۇل قىلىپ ، بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ بايقاشقا ماھىر بولۇپ ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئۇسۇل ۋە چارىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئاجىز نۇقتىلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، بالىلارنى باشقىلارنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇرماي ، كۆپرەك بۇرۇنقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك .! a9 y' z( l! Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7.  بالىنىڭ گىپىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىماسلىق،ئۇلارنىڭ تەلىپىگە كۆڭۇل بولمەسلىك.
1 z8 V8 }. r& |7 @; k& k: R  بالىنىڭ گېپىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىماسلىق — بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇش بىلەن باراۋەر . ئەگەر بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بوغۇلسا ، كېيىن تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ، ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلىيلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . بۇ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى چوڭ خاتالىق .غەربلىكلەرنىڭ‹‹ھەيران قېلىش تەتقىقاتنىڭ ئاتىىسى ، ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئانىسى ››دەيدىغان گېپى بار . بالىلارنىڭ قىزىقىشى ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېىابلىنىدۇ . قىزىقىش بالىلارنىڭ ئىلىم –پەننىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ھەم يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى . بالىلار مۇستەقىللىقىنىڭ يېتىلشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە يولۇقىدۇ ھەم كۈچلۈك ھەيرانلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۆزلىرى بايقىغان ھەرقانداق نەرسىنى چۈشەنمەكچى بولىدۇ .بۇ بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ، ئىجادىي تەپەككۇرىنىڭ بىخ سۇرگەنلىكىدۇر .بالىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ، ئۇلارنى قوللىشىمىز ، ئىلھام بېرىشىمىز ، ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئويلىنىپ جاۋاب بېرىشىمىز ، كەلسە –كەلمەس تەنقىد قىلماسلىقىمىز كېرەك .
2 w' y4 p% u! G" o  T( K" |  گەرچە بالىنىڭ دەۋاتقىنى بىر خام خىيال بولسىمۇ ، ئاتا –ئانىلار ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىشى ھەم بالىنىڭ ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشى كېرەك .% F8 e6 j' b: R* P0 J6 O5 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  بۇنىڭدىن باشقا ، ئاتا –ئانىلار يەنە بالىلار بىلەن ىىردىشىشقا ، ئۇلارنىڭ ئايرىم پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى ، بالىنىڭ مەسىللەرنى مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشى ، تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم ۋە ئىلھام بېرىشى ، ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىشى ، رەسىم سىزىشقا يېتەكلىشى كېرەك .
6 }% P: G' c# p/ [. k  h8. بالا بىلەن بىللە بولۇشقا ۋاقىت چىقارماسلىق4 ?0 A; _# ^" c; xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر قىسىم ئاتا –ئانىلار خىزمەت ، تىجارەت جەھەتتىكى ئالدىراشلىقى ، تۇرمۇشتىكى خاتىرجەمسىزلىكى تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ ، پەرزەنتىنىڭ ھەرقايىىس تەرەپلەردىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ، بالىلىربنىڭ نېمىنى ئويلاپ ، نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ئاتا –ئانىلار ئىمكان بار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ بالىلىرىنى سىرتلارغا ئەچىقىپ سەيلە قىلدۇرۇپ ، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ ، بالىلارنىڭ تۇغما ئەقلىي تالانتىنى قېزىشى ،ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە قارىتا قىزىقىش پەيدا قىلىشى كېرەك . بالىلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ بەرگەندە ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ . شۇڭا مۇۋاپىق ۋاقىت ، مۇۋاپىق ئورۇن ، مۇۋاپىق رەۋىشتە بالىلارنى ئۆزى ئويلاشقا ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە ، ئۆزى تەجرىبە قىلىشقا ، ئۆزى ئىزدىنىشكە ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەشكە ۋە ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۇرۇشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىغا ئۆز ۋاقتىدا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك .
+ p: u3 j7 H& Z& I0 H' L) M' G9.     بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئاسراش  i4 {& H2 A8 T" ?+ r; x6 g( ]$ ?  ]$ }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ھەرقانداق ئاتا –ئانا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ، دۇنيادا ئۆز پەرزەنتىدىن ‹‹تاتلىق ›› نەر سە بولمايدۇ .ئەمما بەزى ئاتا –ئانىلار پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلىكتىن بالىغا بولغان ئامراقلىقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ . بالىغا بولغان زىيادە ئامراقلىق ۋە ئۇلارنى ئورۇنسىز ئاسراش بالىلارنىڭ پسىخىك جەھەتتە ساغلام يېتىلەلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولۇپ ، ئۇلارنى ئەمەلىي چېنىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ . جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە . يالغۇز بالىلار ئائىلىدە ئاتا –ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈشى ، چوڭلارنىڭ ئاسرىشى ، قەدىرلىشى بىلەن چوڭ بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ مۇ ستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ . ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىپ بېرىشى بالىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ۋە سىناپ بېقىش ئارزۇسىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىپ قويماقتا . بۇ ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، ئىقتىدار ئۆگىنىدىغان ۋاقتىنىمۇ كەينىگە چېكىندۈرۈپ قويىدۇ . بۇنداق تىپىك مىساللار ئەتراپىمىزدىمۇ ئاز ئەمەس . ھازىر تولۇق 2–يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كىيىمىنى يۇيالماسلىقى ، تولۇقسىز 3–يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىمۇ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقىدەك ئەھۋاللار بىز ئۈچۈن ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس .* j6 N# Q. Y7 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بالىنى ئاسراش ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە بالا ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلىپ قالىدۇ . ئاتا –ئانا دائىم بالىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى باشقۇرسا ياكى توغرا–خاتانى ئايرىماي بالىنىڭ قارارىنى ئىنكار قىلسا ، بالىنىڭ پەزىلىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ قويىدۇ . ئەگەر بالىلار قۇربى يېتىدىغان يېنىك ئىشلارنى قىزىقارلىق ئويۇندەك بىلىپ قىلىشقا يېتەكلەنسە ، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇلارغا ئەمگەكنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى مۇھىم رولىنى بىلدۇرگىلى ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ ، تەدرىجىي ھالدا مۇستەقىل ياشاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۇرگىلى بولىدۇ . شۇڭا ئاتا –ئانىلار كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشى ، ‹‹بالىلار ئۆزلىرى ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىشلارنى ئۆزى قىلىشى كېرەك ›› دەيدىغان پرىنسىپنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى ، بالىلارنىڭ كاللىسىدىكى ‹‹مۇمكىن ئەمەس ›› دېگەن ئىدىيىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى كېرەك .
6 |" R7 ~. o  M( N9 s9 s$ U10.   بالىنىڭ دوستلىشىشىنى توسۇش
, i9 C6 }1 u: ?+ z9 T/ G( I0 B  ئۇزۇن مۇددەت تەنھا يۈرۈش بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسىز . بىر قسىىم ئاتا –ئانىلار بالىلىرىنىڭ دوستلىرى بىلەن ئويناپ ئارازلىشىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئۇلار بالىلارنىڭ ياشاش قابىلىيىتىنىڭ دەل ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا توپلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ئاتا –ئانىلاردىكى ھەممىگە چات كېرىۋالىدىغان ئەھۋال كۆپەيگەنسېرى ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا –ئانىلار بالىلارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ ھەم ئۇلارغا باشقىلار بىلەن دوستلىشىش ، ئۆز ئارا ياردەملىشىش ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى ئۆگىتىپ ، شاد –خۇرام كەيپىياتنى ساقلايدىغان قىلىپ تەربىيىلىشى لازىم .9 N( K. H. p2 }6 B( m  T  d/ d/ p1 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  بالىلىق دەۋردىكى ئەقىل –پارا سەتنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى تەرەققىياتىغا بىۋاىىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن ، ئاتا –ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بالىلىق دەۋرىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ ، ئەڭ كىچىك ئىشتىن باشلاپ بالىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىش تۇيغۇسى ، غەلىبە قىلىش تۇيغۇسى ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشى ، ئەقىل –پاراسەت جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېچىشى ، ئۇلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلىشى ، ئۇلارغا مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك., F0 e1 e- A7 _) j# D3 ^3 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5 x" [, W$ J( _( o1 k" [, Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتۇر : ئەخمەتجان مەمتىمىن    ؛ بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى .
1 O2 w0 P) m: q3 |
1 T9 A3 s3 j2 xمەنبە : ‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ›› ژۇرنىلى 2008-يىل 11-سانىدىن ئېلىندى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-5 00:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى قوبۇل قىلىپ ، بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ بايقاشقا ماھىر بولۇپ ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئۇسۇل ۋە چارىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئاجىز نۇقتىلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 20:29

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش