روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 712|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باش ئاغرىقىنى داۋالايدىغان باش تاسمىسى مەيدانغا كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

! f: ~8 r5 n1 \$ {2 A) ?6 D) F   ئەگەر سىز باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ كېسەل سىزگە چوقۇم نۇرغۇن ئازابلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىگەللىنىلىشىچە، باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلى بولسا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەل بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە تەخمىنەن ئون پىرسەنت كىشىدە ئازدۇر-كۆپتۇر بۇ كېسەلنىڭ ئالامىتى بولىدىكەن. شۇنداقلا بۇ كېسەلنى قانداق قىلىپ داۋالاش بولسا تىببىي ساھەدىكىلەرنىڭمۇ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلگەن بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋېدىئو ۋە دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) دۇنيا بويىچە تۇنجى باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تىببىي داۋالاش ئۈسكۈنىسى- Cefaly باش تاسمىسىنىڭ بازارغا سېلىنىپ سېتىلىشىغا ئىجازەت بەرگەن.
/ [: A! B7 |$ c! w& v3 l  P  O' S    بۇ خىل ئۈسكۈنە باش ئاغرىق كېسىلى قزغىلىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىلىشكە ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنغان تېرىدىن توك ئۆتكۈزۈپ نېرۋىلارنى غىدىقلاش ئارقىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ‹ Cefaly بولسا باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ ئورنىنى ئالغان بىر خىل تىببىي داۋالاش ئۈسكۈنىسى› دېدى ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋېدىئو ۋە دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈسكۈنە ۋە رادىئاكتىپلىق سەھىيە مەركىزى ئۈسكۈنىلەرنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.‹ بۇ خىل ئۈسكۈنە نۆۋەتتە باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىۋاتقان دورا ۋە ئۇسۇللارغا چىداشلىق بېرەلمەيۋاتقان بىمارلار ئۈچۈن بۇ خىل كېسەلنىڭ قوزغىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىش شۇنداقلا ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن بىر ياخشى تاللاش بولالايدۇ›.
7 d. b- o" N( X5 @  k* e6 J    باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كېسەل قوزغالغاندا تۇمۇرلار شىددەت بىلەن سۇقىدۇ ياكى باشنىڭ مەلۇم بىر قىسمى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىمارلاردا يەنە ئىچى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بىمارلاردا نۇر ۋە ئاۋازغا سەزگۈر بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلىنى داۋالىمىغاندا، بۇ خىل باش ئاغرىش 4 سائەتتىن 72 سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ. ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە ئاكادىمىيسىىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، بۇ خىل باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلى پۈتۈن يەر شارى بويىچە تەخمىنەن 10 پىرسەنت ئادەمدە ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەرلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ 3 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن
& N0 |8 U: |% v, }0 S( d$ D; q: ^  ? Cefaly بولسا بىر خىل كىچىك تىپلىق،ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولغان، باتارىيە سېلىنىدىغان رېتسىپلىق ئۈسكۈنە بولۇپ، قارىماققا پىشانە ياكى قۇلاقنىڭ ئۈستى تەرىپىگە تاقىۋېلىنىدىغان سۇلياۋ زىننەت بۇيۇملىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بىمارلار بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكەندە بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئۆزىدىكى يېپىشقاق ئېلىكىتر قۇتۇبى ئارقىلىق ئۇنى پىشانىنىڭ ئۈستى شۇنداقلا كۆزنىڭ دەل ئۇتتۇرا تەرەپ ئۈستىگە قۇيۇۋالسا بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىنى بولسا قۇلاققا قىستۇرۇۋالسىلا بولىدىكەن. بۇ خىل ئۈسكۈنە بىر خىل توك ئېقىمىنى باشتىكى تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىغا يەتكۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تۈگۈنلۈك نېرۋىلارنى غىدىقلايدىكەن. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئېلىكتىر قۇتۇبى توغرا كەلگەن باش قىسمىدا بولسا سانجىلىپ ئاغرىش ۋە ئۇۋىلىغاندەك تەسىر كۆرۈلىدىكەن. Cefaly ناملىق بۇ خىل ئۈسكۈنە پەقەت 18 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى بىمارلارنىڭلا ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنىنى كۈندە بىرلا قېتىم ئىشلەتسە بولىدىكەن، ھەر قېتىملىق ئىشلىتىش ۋاقتى 20 مىنۇت بولسا بولىدىكەن.
4 C( D4 y& G4 s* X% P. \     ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋېدىئو ۋە دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) بېلگىيىدىكى 67 نەپەر باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلى بىمارلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان كىلىنكىلىق تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق بۇ ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇ بىمارلارنىڭ بېشى ئادەتتە ئايدا 2 قېتىمدىن ئارتۇق ئاغرىيدىكەن، شۇنداقلا بۇ بىمارلار يەنە Cefaly  ناملىق بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشتىن 3 ئاي بۇرۇنلا باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلىنى داۋالايدىغان ھېچقانداق دورا ئىشلەتمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە فىرانسىيە ۋە بېلگىيىدىكى بىمارلار ئارىسىدا بۇ خىل ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى رازىمەنلىك دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئۈسكۈنىنىڭ بازارغا سېلىنىپ تىببىي داۋالاشقا ئىشلىتىلىشىنى تەستىقلىغان ئىكەن., k/ D' u- E9 Z- i; w0 O  c( tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      بۇ 67 نەپەر بىمارغا نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ بىمارلار  Cefaly ناملىق بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بېشىنىڭ ئاغرىش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئازايغان شۇنداقلا ئۇلارنىڭ باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تىببىي دورىلىرىنىڭ مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئازايغان. لېكىن بۇ ئۈسكۈنە يەنىلا  باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى پۈتۈنلەي ئالالمايدۇ شۇنداقلا  باش ئاغرىشقا باشلىغاندا، ئاغرىشنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئاجىزلىتالمايدىكەن.
. [8 s, O9 v6 U    ئىگەللىنىلىشىچە، Cefaly ناملىق بۇ باش تاسمىسىنى بېلگىيىنىڭ STX-Med  شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنە ئامېرىكىدىن باشقا يەنە كانادادىمۇ بازارغا سېلىنغانىكەن، ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسى 349.99 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ تەخمىنەن 2100 يۈەن خەلق پۇلى بولغان.4 J8 [2 H1 ]" c  Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  I9 Y# C4 t5 \9 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبەسى نۇر خەۋەر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2014-3-15 15:17:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-15 18:44:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرزىمەيدۇ  .....

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 06:22

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش