روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2070|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بالىلارغا سۆز قىلغاندا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       بالىلارغا(0-3ياشقىچە) بىرەر ئىشنى چۈشەندۈرگەندە كۆپىنچە يۇقىرى ئاۋازدا ، سوزۇپ دىيىش ئارقىلىق ئوچۇق چۈشەندۈرمەكچى بولىمىز. بۇنداق چۈشەندۈرۈش قارىماققا ناھايىتى ئوچۇق چۈشەندۈرگەندەك بىلىنىدۇ. ئەمما بىز ئەستايىدىل ئويلاپ باقايلى، ئادەتتە بىز قانداق ئادەملەرگە مۇشۇنداق تەلەپپۇزدا سۆزلەيمىز؟ ناھايىتى ئېنىقكى بىرى گاسقا، يەنە بىرى ئىنتايىن دۆت ئادەملەرگە. دىمەك بالىلارغا بۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا سوزۇپ چۈشەندۈرۈش ، ئۇلارنىمۇ شۇنداق ئادەملەر قاتارىدا كۆرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۆگىتىش ، چۈشەندۈرۈشتە رەسمىي يۇسۇندا تەپسىلى ، بولۇپمۇ نورمال تەلەپپۇزدا سۆزلەش كېرەك. ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغانلىرىنى خالىغانچىلا جاۋاپ بېرىپ قويماستىن ، بىلمەيدىكەنمەن دىيىش ياكى باشقىلاردىن سوراش ياكى بولمىسا كىتاب ئوقىساڭ بىلىسەن دىيىش كېرەك.2 s, \1 ~/ o0 h; W1 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
       بالىلارنى كىچىك ، ھېچنىمە بىلمەيدۇ دەپ،  قالايمىقان سۆزلىگەندە بالىلاردا خاتا تەپەككۇر پەيدا بولۇپ قالىدۇ . بۇ بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز(گەرچە بىزگە ھېچقانچە بىلىنمىگەن بىلەن) .
4 h1 F1 q! D$ i- x$ G- s/ E      ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بالىلارغا سۆزلىگەندە ئۇلارنى باشقا جايدىن كەلگەن ، بۇ يەرگە پۈتۈنلەي ناتونۇش، بۇيەرنىڭ ئىش- ئوقەتلىرىنى چۈشەنمەيدىغان ، تىلىنىمۇ بىلىشمەيدىغان بىر ئادەم دەپ قاراش كېرەك .  ھۆرمەت قىلىش كېرەككى ھەرگىز  ئۇلار سۆزلەشتە قىينالغاندا كۈلۈپ مەسخىرە قىلماسلىق كېرەك. بالىلارنى قانداق تەربىيىلىمەكچى بولساق ، ئۇنى شۇنداق دەپ قارايلى ، ئۇ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىسا شۇنداق چوڭ بولىدۇ. سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2014-3-8 17:46:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەۋسىيە بولۇپتۇ. بالىلار تەربىيىسىگە ھەممەيلەن ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
; L' K. Q! D0 l1 I& W* aئەمما ماۋۇ قاراشقا مەن قوشۇلالمايمەن:  بالىلارغا سۆزلىگەندە ئۇلارنى باشقا جايدىن كەلگەن ، بۇ يەرگە پۈتۈنلەي ناتونۇش، بۇيەرنىڭ ئىش- ئوقەتلىرىنى چۈشەنمەيدىغان ، تىلىنىمۇ بىلىشمەيدىغان بىر ئادەم دەپ قاراش كېرەك .  ھۆرمەت قىلىش كېرەككى ھەرگىز  ئۇلار سۆزلەشتە قىينالغاندا كۈلۈپ مەسخىرە قىلماسلىق كېرەك.2 W) W: r; K( }" s8 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىز ئۆزىڭىزنىڭ پىكرىنى ئۆزىڭىز چەتكە قاقماقچى بولمىغانسىز؟
ۋاقتى: 2014-3-9 13:38:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ياخشى تەۋسىيە بولۇپتۇ. مىنىڭ قارىشىممۇ دوستىمىز "نۇرلان"نىڭ قارىشىدەك قاراشتا.
4 `; J* H- m% {" ?' _6 lبالىلارغا بىرەر ئىش توغۇرلۇق چۈشىنچە بەرگەندە ئەركىلەتمە تىللار بىلەن سۆزلەپ ئۆگەتكەندە بالىلار سۆزنىڭ ھەقىيقى مەنىسنى ئۆگەنمەي، سۆزنىڭ ئاھاڭىنىلا ئۆگىنىدىغان بولۇپ قىلىشى مۆمكىن، ئويلاپ باقايلى، بىر قىسىم بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپ ھەتتا تولۇقسىز ئوتتۇرغا چىققاندىمۇ، دەرسگانىدا ئوقۇتقۇچى لىكسىيە دەپتىرىگە يازدۇرۇپ قويغان سۇئال جاۋاپلارنى ئۆگىنىپ، بۇنى قايتا سورىغاندا سوزما ئاھاڭدا دەپ بىرىدىغان، سەل ئەگىرتىپلا سۇئال سورىسا گاڭگىراپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
ۋاقتى: 2014-8-29 03:45:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 16:46

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش