روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2490|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مۇھەممەتجان راشىدىن قىسقىچە تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940 - يىل 6 - ئايدا غۇلجا ناھىيسىنىڭ ئۇنيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1956 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان، 1960 - يىلدىن 1968 - يىغلىچە مەمۇرىي خادىم، تېخنىك، كاتىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1968 - يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ناھەق جازالانغان، 1982 - يىلى ئاقلىنىپ، غۇلجا ناھىيلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، 1989 - يىلدىن بېرى غۇلجا ناھىيسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.  مۇھەممەت راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئىلى دەرياسى> ناملىق شېئىرى بىلەن  باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن، بولۇپمۇ 80 - يىللاردىن كېيىن بۇ ساھەدە تېز ئىلگىرلەپ، خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. مۇھەممەتجان راشىدىن ھازىرغىچە <كۆكلەم كۈيلىرى>، <سۆي>، <كاككۇكۇم>، <كاككۇل گۈلى>، <مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس>، <كۈت>، <بۇ دۇنيا>، <بىھۇدە ئۆتمىگەي يىللار>، <يىللار ئىزى>، <سەن يوق> قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىر ئىجاد قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھايات ھەققىدىكى چوڭقۇر، پەلسەپىۋى پىكىرلەر، ھېكمەت، دالالەتلەر، ئىپادىلەنگەن.  مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا پرزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم ھېكايىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <220 - مەھبۇس>، <چەت ئەل ئەدىب - سەنئەتكارلىرى ھەققىدە تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلار> قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <كاككۇك گۈلى> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <يىللار ئىزى> (1989 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مۇھەممەتجان راشىدىن ھازىر ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
% ]0 N) A( V! {4 W9 U* h2 U, C
" |/ v* k( o2 {ئىز تورى  
. V8 c! A, g2 w+ S, F+ m) Y, c4 ^) j) f9 F" L/ Z5 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-3 21:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇزى سايىتتىن كىيىنكى دىھقاننىڭ يىغىسىنى يىغلىغان شائىرىمىز،ئاللاھ تىنىنى سالامەت قىلسۇن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:41

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش