روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2968|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر "قەشقەر كېچىسى"،"ئىز"،، ئۆمۈرمەنزىللىرى"، "ئويغانغان زېمىن" قاتارلىق كىتابلىرى نەشىرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە "شېئىر ۋە شائىر"،"تۇرپان تەسىراتلىرى"،"قەشقەر كېچىسى" ،"ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك" قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ،"شېرىيەت"،"مىللەتلەر ئەدەبىياتى"،"غەربىي دىيار ئەدەبىياتى" قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1982-يىلى1-ئايدا خەلق گېزىتىدە ۋە" مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسى"نىڭ 2- سانىدا "قەشقەر كېچىسى "ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ،بۇ نادىر ئەسەر ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈل دەپ مەدھىلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى 1985-يىلى ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسىنىڭ2- توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى 1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىپ چىقتى.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆزى بولسا،1983-يىلى" جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجېمىھالى" دېگەن كىتابتا تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى.
4 ^1 \1 ]+ v" l. }1 r. u % k- n. o$ f( T6 M6 ?: t% `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

# k# J' S3 A7 v& k7 Q    مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ،ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى.ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن.ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋات چىقارغاندىن كېيىن،دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە " سوپى ئاللا يار" دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان.
* \, B' U' m; x" u6 U4 S  C
- v4 q9 u1 x6 ]  E% L- Q$ s  Z1 E/ v1 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      1934  -يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ۋە 1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يىڭى ھايات دەۋرى بولغان.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۈئەن ئەپەندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان..ئۇ بۇ مەزگىلدە گاڭ قانات لاچىن،"دولقۇنلۇق ھايات ، يىڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا ، تامچە قاندىن مىليون چېچەكلەر"،" چىن مودەن "(ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر،داستان، ۋە درامىلارنى "شىنجاڭ گېزىتى"،"يىڭى نۇر" قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان. + P' o9 E& j  f/ _* B( fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

$ D. q4 n2 U( X! c  Oئىز تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-12 08:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
内容مۇشۇنداق تىملارنى قەدرلەيلى

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:56

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش