روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1040|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

联想M7400 پىرنتىرغا رەڭ قاچىلاش، تەڭشەشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ خىل پىرىنتېرنىڭ رېڭى تۈگەپ قايتا رەڭ تولۇقلىغاندا تاقىلىپ قېلىپ نورمال ئىشلىمىسە ،ئەسلىگە قايتۇرۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئاددىي ئۇسۇلى بار . ئالدى بىلەن پىرىنتېرنىڭ ئالددىكى رەڭنى سالىدىغان قاپقىقىنى ئېچىپ قويىمىز،ئاندىن قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بىر قېتىم بېسۋېتىپ،ئۈستىگە قارىغان ئىستىرىلكىنى بىر قېتىم باسىمىز.يەنە قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بىر قېتىم بېسىپ ئاندىن باشلاش كۇنۇپكىسىنى بىر قېتىم بېسىۋېتىپ ئۈستىگە قارىغان ئىستىرىلكىنى ساناپ تۇرۇپ 11 قېتىم باسسىڭىز ئېكراندا 11 دىگەن رەقەم كۆرۈنگەندە OKكۇنۇپكىسىنى بېسىۋېتىپ قاپقاقنى ياپىسىز ،ئىش پۈتتى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +13 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
بىجىرىم + 13 + 9 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-23 02:10:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ سىناپ باقىدىغان ئۇسۇلكەن، مەن دائىم ئالدىنقى قېتىم يوللىغان تېمامدىكى ئۇچۇل بۇيىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم.
3 O7 J$ k. S1 t4 @$ qسىناپ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا تەڭگە مۇكاپات بار ھە

باھا سۆز

مەنمۇ ئەسلى شۇنداق قىلاتتىم،دائىم ئۇنتۇپ قېلىپ بولماي ،ئاخىرى بېسىپ چىقىرىپ پىرىنتېرنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ قوي  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-24 23:12
ۋاقتى: 2014-2-23 11:11:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دائىم تەڭشىيەلمەي رىمىنىتخانىغا ئەكىرەتتىم ،بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقاي...
ۋاقتى: 2014-2-23 12:06:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقماپتىكەنمەنغۇ. ئېچىپ ئۆچۈرۈپ بىر نەچچە تاللاشلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن 84 كە ئاپىرىپ يەنە تاللاپ دېگەندەك قىلسام ئاندىن ئوڭشىلاتتى. شۇنداق بولۇپ قالسا سىناپ باقاي .
ۋاقتى: 2014-2-23 12:08:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەكمۇ ياخشى تېما بوپتۇ، مۇمكىن بولسا مۇنبەرداشلارنىڭ مۇشۇنداق پرىنتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش، ئاسىراش، كۆرۈلگەن كاشىلىلارنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەجرىبىلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆز ئارا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كومپيۇتېردىن باشقا كومپيۇتېرنىڭ پرىنتېر قاتارلىق قوشۇمچە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىمىزنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىدىن چىقىمىز، ئەمما ئالدىمىزدىكى مۇشۇ ئۈسكۈنىلەردە ئازراقلا كاشىلا كۆرۈلۈپ قالسا، جىددىيلىشىپ، نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز. چۈشەندۈرۈش قوللانمىلىرىنى ھەرقانچە ئاختۇرساقمۇ بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئاساسەن تېپىلمايدۇ، كەسپىي رېمونتخانىلارغا ئېلىپ بارساق، كۆزىمىزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بىرقانچە كونۇپكىسىنى پالاق- پۇلۇق بېسىپلا ئالدىمىزغا ئوڭشالدى دەپ تاشلاپ بېرىدۇ. نېمە سەۋەبتىن سورىساق، بەزىلىرى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسە، بەزىلىرى دەپ بەرمەيدۇ (چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ پۇل تېپىشتىكى كۇزىرى). بىز تىل بىلمەسلىك، تەجرىبىمىزنىڭ كەمچىل بولۇشى... دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇنى ھەل قىلالمايمىز. بىراق بىز مۇشۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزىمىز بىرقىسىم تەجرىبىلىلەرنى توپلايمىز ئەلۋەتتە. شۇڭا مەن مەزكۇر تېمىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئامال قىلىپ ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزەم ئىشلىتىپ كۆرگەن بىرقىسىم مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم.
ۋاقتى: 2014-2-23 14:12:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئادەتتە مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىمەن .
ۋاقتى: 2014-2-23 18:39:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،مۇشۇ ئۇسۇلنى قىلىپ باقساق بولدىكەن...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-24 23:12:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 02:10
6 n6 W* v9 I% @. [بۇمۇ سىناپ باقىدىغان ئۇسۇلكەن، مەن دائىم ئالدىنقى قېت ...

. ]7 \8 V# X& Z  |" g" zمەنمۇ ئەسلى شۇنداق قىلاتتىم،دائىم ئۇنتۇپ قېلىپ بولماي ،ئاخىرى بېسىپ چىقىرىپ پىرىنتېرنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ قوياتتىم،بۇنى بىر يولداش دەپ بەرگەنتى شۇ بويىچە قىلىپ يۈرىمەن.بولىدىغان ئۇسۇل،مەن مۇشۇ مۇنبەر تەڭگىسىگە گادايراق،مۇكاپاتىڭىزنى ئايىمىغايسىز.8 b' _4 c, _9 z. y8 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تېمىنىغۇ سىزدىن ئىلھام ئېلىپ يوللىغان بولمىسا
ۋاقتى: 2014-4-28 09:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان ئۇسۇلكەن، يەنە قانداق ئۇسۇللىرى بار بۇنداق دايىنجىنىڭ رەڭ تونىمىسا، تونىتىدىغان

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 07:48

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش