روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 850|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئانامغا ئىيتالمىغان سۆزلىرىم (نەپرەت خاتىرىلىرى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانا، رەمچىنىڭ (بۇ بالىنىڭ پىشانىسى تەتۈر ئىكەن،كەلگۈسىدە سىزنى قەرزدار قىلىپ قويىشى مۇمكىن)دىگەنلىكى ئۈچۈنمىكىن،ئىسىمنى بىلسەم ماڭا چىراي ئىچىپ قاراپ باقماپسەن.ئەمما ئىنىم تۇغۇلغاندا خۇشاللىقىڭدىن ئېغىزىڭ يۇمۇلماي قالدى.ھەسەت قىلمىدىم دىسەم يالغان ئېيىتقان بولىمەن.ئىنىمغا شۇنداق تارلىقىم كەلدى.مىنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيتتىڭ،شۇنىڭ لايىقىدا مەنمۇ گىپىڭنى سىلكىشلەپ قوياتتىم.
3 \( ?8 S& U! K+ n9 E) D$ ]  ]. Hدادام بىلەن ئاجراشقان چىغىڭدا،دادام ئىنىمنى ئىلىپ كەتتى.سەن ئىنىمغا چىدىماي قاتتىق يىغلىدىڭ.ھەدەپ مىنى دادامنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ،ئىنىمنى ئىلىپ قالماقچى بولدۇڭ.شۇنداق قىلىپ بىر بىرىگە ئۆچ ئىككىمىز بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدۇق.
8 C) k1 i+ p& u9 W5 Yدادام بىزنى تاشلىۋەتكەنگە ۋىجدان ئازابى تارتۋاتامدۇ ئىشقىپ،ماڭا خەجلىگىلى پۇل بىرىپ تۇراتتى.مەن ئوغىرلىقچە پۇل قۇتامغا سىلىپ،تىقىپ قوياتتىم.15 ياشقا كىرگەن يىلىم تۇيۇقسىز قاتتىق قىزىپ قالدىم.نىمىلا بولسۇن مېنى دوختۇرغا ئاپاردىڭ.قۇچىقىڭدا خۇدۇمنى بىلىپ،بىلمەي يىتىپ سىنىڭ دوختۇردىنبالامنىڭ كىسىلىنى كۆرۈپ قويغان بولسىڭىز)دەپ ئۆتۈنگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم.سەندىن تەسىرلەنگەنمۇ بولار ئىدىم،ئەمما ئارقىدىنلا مىنى يەنە ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭ.شۇ قىتىم كىسىلىم ئىغىرلىشىپ كىسەلخانىدا يىتىشقا توغرا كەلدى.ئۆيدىن نەرسە كىرەكلىرىمنى ئىلىپ ماڭماقچى بولغىنىڭدا ھېلىقى پۇل قۇتىسىنى كۆرۈپ قاپسەن.كىلىپلا مىنى ئوغرىدىن ئوغرىغا سېلىپ تىللاپ كەتتىڭ.ھالسىز ياتقانلىقىم ئۈچۈن سەن بىلەن تاكالاشمىدىم.كىيىن دادام بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىپتۇ.تىللاشنى توختاتقان بولساڭمۇ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى تىخىمۇ يىرىكلەشتى.4 ?: n  H: t9 N: a6 r7 P, Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېرىشىپ،بىر تۇققان ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە كەتتىم.سەندىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئۆيگە پەقەت تىلپۇن قىلمىدىم.
+ C- i7 ?" m+ E! Q, \# O8 aكىيىن بىلسەم ئىنىم يىنىڭغا كەپتۇ،ماڭا تىلپۇن قىلىپ كۆزۈڭگە ئاق چۈشۈپ قالغانلىقىنى،ساڭا قارايدىغانغا ۋاقىت چىقمىغانلىقىنى ئېيىتتى.سىنى شەھەرگە،يىنىمغا ئەكىرۋالدىم.ئوڭايسىزلانغان ھالىتىڭگە قاراپ (شور پىشانە بولساممۇ،سىنى باقاي.ھەرگىز قەرزدار قىلىپ قويمايمەن) دىدىم.گىپىمنى ئاڭلاپ پېشانەمگە يىنىك نوقۇپ تۇرۇپ: (ۋۇي شور پىشانە) دەپ قويدۇڭ.
3 `+ s* c# _+ r2 S% Dكۆزۈڭنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلدى.سەنئوپراتسىيەدىن بۇرۇن ئىنىڭ بىلەن كۆرۈشسەم) دەپ تۇرۋالدىڭ.ئەمما ئىنىم قىمار ئويناپ قەرزگە بوغۇلغانلىقتىن قېچىپ يۈرەتتى.مەن ساڭا ئۇنى كاماندېروپكىغا كەتتى دەپ قويدۇم.ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى.ئەمما ئىنىم قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى.بىر كۈنى كەچتە ھۇجراڭنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كېتۋىتىپ ئىنىمنىڭ ئىسمىنى يادلىغىنىڭچە ئېسەدەپ يىغلىغىنىڭنى ئاڭلاپ قالدىم.مەن يىنىڭغا كىرىپئەنسېرمە ، ئىنىم سالامەت،ئۇ پەقەت باشقىلارغا قەرزدار بولۇپ قاپتۇ) دىدىم.سەن گەپ قىلماي بىر پۇل قۇتىسىنى ئىلىپ (بۇنىڭدا ئازراق پۇل بار،ئۇ قەرزىنى قايتۇرسۇن) دىدىڭ.& g$ O+ l. c7 D+ S3 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەن ئىنىمغا بارلىقىڭنى بىرىشكە تەييار ئىدىڭ،ئەپسۇس مەن شور پىشانىگە ئەمەس.& ^9 s* Y& N6 r* P) v9 J5 G% dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىنىمنىڭ ئىش تىرىپ قويۇپ ساقچىخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭدا ئارقاڭغا ئۇچۇپ كەتتىڭ.بۇ ئىش ساڭا بەك تەسىر قىلدى.دوختۇر سىنى كۆزىدىن ياش ئاقسا بولمايدۇ دىگەچكە،مەن سىنىيىغلاپ كۆزۈڭدىن ئايرىلساڭ ئىنىمنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسەن) دەپ قورقۇتتۇم.سەن ئۆزۈڭنىئۇنى كىچىكىدىن ئەركە قىلىپ قويمىغان بولسام بۇ كۈنگە قالماس ئىدى) دەپ ئەيىپلىگىلى تۇردۇڭ.
* ^* F# F) u& A! ~. Hگىپىڭنى ئاڭلاپ،بارلىقىڭنى ئىنىمغا ئاتىۋەتكەنلىكىڭنى تىخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدىم.ئەمما كۆڭلۈمگە ئالمىدىم.پەقەت سالامەتلىكىڭنىڭ تىزرەك ئەسلىگە كىلىشىنى تىلىدىم.
, A' g% g+ {2 R( sسىنى قۇچاقلىغۇم كەلدى،ئەمما قولۇم بارمىدى.ئۇزاقتىن بىرى ئىككىمىز ئۆز ئارا خىرىس قىلىشىپ كەپتۇق،تۇيۇقسىز سىنى قۇچاقلىسام بەلكىم چۆچۈپ كىتىشىڭ مۇمكىن ئىدى.ئەمما ئۆزۈمنىڭ پات ئارىدا سىنى قۇچاقلىيالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.' \- Q& n' M, k/ A1 K3 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماڭا دىگىنە ئانا....مەن راسلا پىشانىسى تەتۈر بالىمۇ ؟؟
" q/ ^; E5 r6 o* Vمىنى كەچۈر ئانا...............................
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
قىزىق ئىشقۇ....مەن ئاۋۇ رەسىمنى قوشۇپ قويمىغانتىم..ئارلىقتا رەسىم چىقىپ قاپتۇغۇ ?

باھا سۆز

سۇنداقمۇ ئانىلاربار دىسە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ .ئانا باغىرى دەريا. رەخمەت.  ۋاقتى: 2014-2-22 19:58
كۆپلىگەن تىنىش بەلگىسىنى بىراقلا ئىشلەتكەندەك قلىسىز.  ۋاقتى: 2014-2-21 21:43

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 07:00

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش