بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-4 22:36
مەجنۇن ئۇ
ئابدۇخېلىل مىرخېلىل
بىر يىگىت قاراپ ئۆتتى يەر تېگىدىن،
ئوت يېقىپ ئەسلىمەمنىڭ پىلتىسىغا.
قارىشى، قايرىلدۇرۇپ يۈرۈكىمنى،
ئېپ كەتتى كەچمىشلەرنىڭ جىلغىسىغا.
قىز قەلبى ئۇنىڭ ئۈچۈن كەڭرى ساما،
خالىسا پەرلەر قېقىپ ئۇچىدىغان.
ياكى ئۇ، يىراقتىكى يىقىن پەللە،
كىم بالدۇر يېتىپ بارسا قۇچىدىغان.
يىگىتلەر ،ئەي يىگىتلەر قاراشلىرىڭ،
ئېتىلغان كامانى يوق ئوقنىڭ ئۆزى.
ئاتىلار سۆزلىرىنىڭ ھېكمىتى بار،
يوق دېگەن‹ئەزەلدىنلا ئوقنىڭ كۆزى›.
بىر يىگىت قاراپ ئۆتتى يەر تېگىدىن،
ئاتقىنى ، بەلكى، شۇدۇر ماڭا ئوقنى.
ئوق ئاتقان كۆزلىرىنىڭ كۈلپەتلىرى،
ئەكىلىپ يۈرۈكىگە سالدى ئوتنى.
مەجنۇن ئۇ، شۇندىن بېرى پىراقىمدا،
بىلمەيدۇ ھەتتا قويغان-تۇتقىنىنى.
بىلىدۇ، ئوۋچى ئوقنى ئاتقان بىلەن،
ئولجىنىڭ كۆپ ھاللاردا ئۇتقىنىنى.
ئاپتۇر توققۇزتارا ناھيە دۆڭمەھەللە يېزا مويۇنگۈزەر مەكتەپتە. |