روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1696|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قارا تەربىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پەرزەنتىنى يارامسىز ، غورۇرسىز ،ئىززەت-ھۆرمەتسىز ئەقىلسىز قىلىپ تەربىيلىگۈسى بار ئاتا-ئانىلا ئالدىراڭلار. مەلئۇنلارنىڭ تۆۋەندىكى ئىلغار تەربىيلەش تەجرىبىلىرىنى تېزدىن ئۆگنىۋېلىڭلار . پۇرسەت غەنىمەت .
( t% g7 `/ t; y* qتۆۋەندىكى ئىبارىلەر بۇ تەربىيىنىڭ ئاساسلىق سەركەردىسى ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر ئۆزى دىيەلمىسە ،ئادەم سېلىش كېرەك. ياق، ياق، بۇنىڭدا ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولمايدۇ . چوقۇم ئۆزى دىيىش كېرەك.  بۇ ئىبارىلەر  ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس  ئاسانلا ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز. ئازراقلا تىرىشسىڭىز سىزمۇ  ئجاد قىلالايدىغان بولۇپ كېتىسىز . قېنى ئەمىسە باشلاپ كېتەيلى.. f5 T& P2 X% C( L9 Z6 o; F0 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1. ھەي ئىتنىڭ بالىسى، ھېلىغىچە نېمە ئىش قىلدىڭ!  2. ھەي ئىشەك، ئۇكاڭغا قاراپ باقە ،قانداق قىلىۋاتىدۇ.  3. ھۇ، ئاچكۆز 4. قورقۇنچاق  5. بالام نېمانداق دۆتتۇ. 6. قانداق تۇغۇلۇپ قالغاندۇ؟ 7.ساڭا نەچچە قېتىم دېدىم. 8.توۋا،توۋا، توۋا، توۋا قىلدىم، توۋا قىلدىم. 9.بۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلايدىغان قۇلاق ئەمەس .10.ناننىمۇ چايناپ بېرەيمۇ؟ 11. كاللاڭنى ئىشلەت! 12 . شۇنىمۇ بىلمىدىڭمۇ؟ 13. سەن نېمانداق دۆت .  14. سېنىڭدەك دۆتنى كۆرمەپتىمەن 15. جېىنڭ بارمۇ 16. بەرىبىر ئۇنىڭچە بولالمايسەن.17. مۇشۇ نەتىجەڭ راستما ؟  كۆچۈرۈپسەندە ...
: L4 [( Q2 T2 R7 K1 j       بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالسىڭىز بولمايدۇ. ئارتىسلارغا ئوخشاش (چاندۇرماي) چىراي ئىپادىسى ۋە قوپال ھەرىكەت ،قوپال مۇئامىلە ئارقىلىق دائىم كۆڭلىگە زەربە بېرىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك .
% o1 T5 k( [7 o      بولۇپمۇ بالىغا مەسخىرە ئارىلاش نەپرەتلىك تىكىلىشىنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. بۇنى ياخشى مەشق قىلىش كېرەك . ئەمەلى تەربىيە جەريانىدا ھەرگىز چېنىپ قالمىسۇن. چوقۇم راستتەك چەكچىيىڭ.% n% C8 J0 V! x- S' J. _0 f0 u7 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      ھاقارەتلەشمۇ بالىلارنىڭ بالىلارنىڭ غورۇرنى ،روھىنى ئۆلتۈرۈدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى . بولۇپمۇ دوستلىرى ئالدىدا ھاقارەتلىسە ئۈنۈمى تېخمۇ ياخشى بولىدۇ.  ھاقارەتلەشتە چوقۇم كەسكىن بولۇش ، ئاۋاز قاتتىق بولۇش ،ئۆتكىدەك بولۇش، ھېچ بولمىغاندا بالىنىڭ كۆزىدىن ياش چىققۇدەك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھاقارەتلەش ئاجىز بولۇپ قالسا ئۈمىد بىخلىرى تولۇق ئۆلمەي ،تەربىيە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ.  شۇڭا بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ئازراقمۇ يوچۇق قالدۇرماسلىق كېرەك.
* z, \9 E/ w. m      ئەگەر بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇق يوقالغان بولسا ، ىىزمىتىڭىز ئۈنۈملۈك بولغان بولۇپ، مەلئۇنلار سېپىنىڭ ئاۋانگارت ئەزاسى بولغان بولىسىز.
0 I! T1 Z: `* T; T8 a      بۇ تەربىيىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ماختاش ،  ئىشىنىش، سۆيۈش، ئەپۇ قىلىش، پەخىرلىنىش، ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش... قاتارلىقلار. يۇقىرىقىلاردىن بىرىلا قوشۇلۇپ قالسا تەربىە سۈپىتىەە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا  بالا بۇلاردىن  ناھايىتى، ناھيىتى يىراقتا تۇرۇشى كېرەك .ئازراقمۇ ئۇچراشمىسۇن.ئازراقمۇ خەۋەردار بولمىسۇن .5 Y+ @0 a7 \: m9 q* ~% T! a# z3 B1 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەگر قىزىقسىڭىز، تىرىشسىڭىز، سىزمۇ ئاسانلا مەلئۇن بولالايسىز. مەلئۇنلار دۇنياسى سىزنى  قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
3 d% g: W2 a) C) r      ئاچچىق تەنە ئارقىلىق ئاچچىقنى چىقىرىشنىڭ ھوزۇرىغا نېمە تەڭ كېلىدۇ دەيسىز. تېزدىن ئاچچىق تەنە سۆززلەرنى تېپىپ چىقىڭ." V; N9 m3 \, D. ]2 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئۆزىنى  خوشال تۇتۇشنى بىلىدىغان، كەيپىياتىنى تەڭشىيەلەيدىغان، پەرزەنتىنى ھەقىقى سۆيىدىغان، پەرزەنتىگە ھەقىقى سۆيگۈ ئاتا قىلايدىغانلار بۇ سەپكە قوشۇلىمىز دەپ بىكار ئاۋارە بولماڭلار.مەلئۇنلار دۇنياسى
3 l1 H: O  @) R( ^5 [' ]سىزدەك قەتئىيلىكى يوق ئاتا-ئانىلارنى ھەرگىز قارشى ئالمايدۇ.
# L1 q! A/ |8 ?5 }, k4 Z2 t   سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن.; C/ `! k( P, a" H* oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
بۇ تىمىنىڭ ئۆزىمۇ تەنە گەپلەركەن..مەنمۇ بۇرۇن چوڭلاردىن ئاڭلايتىم بۇنداق گەپلەرنى
ۋاقتى: 2014-2-1 17:37:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە چىقىپتۇ . ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مىڭ بىر ئارزۇلار بىلەن مېنىڭ ئىزىمنى باسىدۇ دەپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ ، ئەخلاقسىز ، ئىقتىدارسىز ، ۋىجدانسىز ،..... قىلىپ تەربىيىلەيمىز .
( W3 ~) t' E# e9 u8 @تېمىڭىزغا رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-2-1 22:50:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە «يۇلغۇن 1 » قېرىندىشىم، مەن سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭمۇ بالىلىرىمغا بىلىپ- بىلمەي، تېمىڭىزدا تىلغا ئېلىنغان ئەشۇ نامۇۋاپىق تەربىيە ئۇسۇلىنى قىلىپ سالغانلىقىمنى ئويلاپ، شۇ تاپتا تولىمۇ خىجىللىق ھەم نومۇسلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن.
& v+ S+ O" x  A2 M& |# L% pپەرزەنت ھەر بىر ئاتا- ئانىنىڭ يۈرەك- باغرىنى يېرىپ چىققان ئەڭ ئۇلۇغ، قەدىرلەشكە تېگىشلىك يېقىنىمىز. ئەپسۇس، بىز ئەشۇ پەرزەنتىمىزنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىمىز دەپ، ئۆزىمىز مۇشۇنداقلا چوڭ بولۇپ قالغاندەك، خۇددى بىر كۈندىلا ھەممىنى بىلىدىغان بولۇپ كەتكەندەك، ئۆزىمىزنى بىلمەي، تەنقىد- تەربىيە بەردىم دەپلا ئېغىزىمىزغا كەلگەن گەپنى قىلىۋىرىدىكەنمىز. مەقسىدىمىز گەرچە بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەش بولسىمۇ بىراق ئۇسۇلىمىزدا شۇنچىلىك خاتالىقلار بار ئىكەنكى، ھەر ۋاقىت بەزىبىر سەلبىي تەرەپلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىلمىي تەربىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق، ئەۋلادلىرىمىزنى ياراملىق ئىزباسار قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىمىز كېرەك. پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش پەقەتلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، بىرىنچى ئوقۇتقۇچى يەنىلا بىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-2 11:08:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-12 02:04

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش