روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1676|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھاياتلىق ھەقىقىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      كەپتەر كەپتەردەك ياشايدۇ ، قوي قويدەك ، شىر ھەمشىردەك...  ئادەمچۇ؟ ئەلۋەتتە ئادەم ئادەمدەك ياشاش كېرەك.قانداق ياشىغاندا ئادەمدەك ياشىغان بولىدۇ؟  * U5 g9 _( g6 v$ s: c8 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     «ھايات ئىنتايىن قىسقا ، ھايات ئىنتايىن قىممەتلىك »  دېگەن سۆزلەرنى ھەممە ئادەم دىگۈدەك بىلىدۇ. «ھاياتنى  مەنىلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك » دېگەننىمۇ بىلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتىكى ھايات مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر  ھايات ھەقىقىتىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن ئۆزىمۇ بىلىپ - بىلمەي باشقا يوللارغا مېڭىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا ھايات ھەقىقىتى زادى نېمە ؟ ئۇ نەدە؟  قانداق ياشىغاندا  مەنىلىك ياشىغان بولىدۇ؟ ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ياشاۋاتىدۇ، ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ  بۇلاردىن كىملەرنىڭ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتتى دىيىشكە بولىدۇ ؟ تارىختىكى كىشىلەردىن كىملەرنى مەنىلىك ياشىدى دىيىشكە بولىدۇ؟  مانا بۇلار ھاياتنى چۈشنىش مەسىلىسىدە ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.
. Q: m' S" j+ R. A5 y& }بىر كۈنى كوچىغا چىقىپ ئىككى كىشىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇلارنىڭ بىرى : پالانى يەنجاڭ (ئىناۋىتى بار دوختۇرخانا باشلىقى) ھەرقانچە باي بولسىمۇ  ئۇنىڭ يەيدىغان تامىقىدا ھەرگىز بىر گىرام ئالتۇن يوق  ،بىزگە ئوخشاشلا يەيدۇ ،_دېدى .يەنە بىرى توغرا شۇ  ھەرگىز بىزدىن ئىككى تەخسە لەغمەننى كۆپ يېمەيدۇ ،_ دېدى . بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئىختىيارسىز :  ئادەمنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ نېمە يېگەنلىكىدە ئەمەس .مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىز يىگىرمە نەچچە يىللىق ئۆڭكۈر ھاياتىدا گۆش -پولو يېمىگەندۇ؟  ئادەمنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ نېمە قىلغانلىقىدا ،_  دەپ قويدۇم.9 P0 S, n( n5 n0 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ھاياتتىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماھىيەتسىز نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاپ،  ماھىيەتنى قايرىپ قويىدۇ.
2 o/ x$ E1 \3 z; ]2 @( ~پۇل ، مال- دۇنيا ، ھوقۇق- مەنسەپ، نام -ئابروي ، خوشامەت  ، تاتلىق شەخسىي مەنپەئەت... قاتارلىق ماھىيەتسىز نەرسىلەر خۇددى بىزەڭ ئېلانلاردەك ھەممە يەردە تۇرۇۋېلىپ ماھىيەتنى توسۇۋېلىپ كىشىلەرگە كۆرسەتمەيدۇ . گەرچە ئۇ نەرسىلەر شۇنچىلىك كىر نەرسىلەر بولسىمۇ ، خوشياقتۇرۇپ، پەپىلەپ ،نادانلارنىڭ كۆڭۈل كۆزىنى غەلەت قىلىپ،گۆھەرنى دەسسەپ تۇرۇپ تاش ئالغىلى سالىدۇ. يەنى يۇقىرىدىكى نەرسىلەرنى دەپ ئادەملەر ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان مېھرى -مۇھەببەت ، ئىززەت -ھۆرمەت ، ۋاپادارلىق ، شەرمى-ھايالىق ، دوستلۇق ... قاتارلىق ئېسىل گۆھەرلەرگە قاراپمۇ قويمايدۇ .# ^/ p8 J! A% _! @6 v. ~5 A- qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھايات ھەقىقىتى ھايات مۇساپىسىدىكى ئەگرى -توقايلىقلارغا ،ئەگرى -توقايلىقلاردا يۇقۇرىدىكى «كىر» لەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بىللە تۇرىدۇ .مەنىۋىيىتى قۇرۇق ، روھىي قارغۇلار ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن «گۆھەر»دەسسەپ تۇرۇپ  «كىر» نى تاللايدۇ. قايسىسىنى تاللاش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق, q" d( k1 x( y' X: {. C* eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادەم ئادەمدەك ياشاش كېرەك.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
توغرا پىكىر..قوللايمەن
توغرا گەپ بۇ. ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-30 20:26:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ھاياتلىق ھەقىقىتى

نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 18:02
  \) e$ t' z7 }: aتوغرا پىكىر..قوللايمەن
% W  o4 J$ H1 E, e  {% Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-30 20:33:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uqartahsa يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 19:49
% F! b0 p1 X& D" }  x7 bتوغرا گەپ بۇ. ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك.
5 N4 r- H% r# a% `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رەخمەت . جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئادەملەر مال-دۇنيانىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەچكە ، ئىنسانپەرۋەرلىكنى ، ئادىمىلكنى  چوڭ بىلىدىغان كىشىلەرنى ھاماقەت دەپ قارايدىغان ئەھۋاللار بار. ئادەمنىڭ ئادەمدەك ياشىمىقى بەسى مۈشكۈل . مېنىڭچە مۈشكۈل بولسىمۇ پۇشايمان قىلماسلىق كېرەك.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 17:01

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش